ئىزاھات

بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «سەلەۋات» دۇر. بۇ كەلىمە «سەلات»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك شەكىل (جەمئىي) ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا ئايەتتىكى «سەلەۋات»نىڭ مەنىسى ئەڭ ئاز «ئۈچ ناماز» بولىدۇ. ئايەتتە بۇ «نامازلار» بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا ناماز» دەپ ئاتىلىدىغان ئايرىم بىر ناماز ئەمر قىلىنماقتىدۇر. ئۈچتىن كېيىن ئوتتۇرىسى بولغان تۇنجى سان بەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت ئەڭ ئاز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ «سەلەۋات» دېگەن كەلىمە كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز تەرىپى بولغان ئۈچنى ئىپادىلىسە، بۇ تەقدىردە ئۇ «سەلەۋات - نامازلار»، «سالاتى ۋۇستا - ئوتتۇرا ناماز» بىلەن بىرلىكتە تۆت ۋاقىت ناماز بولىدۇ. تۆتنىڭ ئوتتۇرىسى يوقتۇر. بۇ تەقدىردە «سالاتى ۋۇستا - ئوتتۇرا ناماز»، «سەلەۋات - نامازلار» غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا» لىق ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «سەلەۋات - نامازلار» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان تۆتنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمىنىڭ، ئۆز مەنىلىرىدىن بولغان باشقا مەنىلەرنى (مەسىلەن: 5، 6، 7 لەرنى) ئىپادىلىشىگە، بەش ۋاقىت ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر (17 - سۈرە ئىسرا، 78 - ئايەت؛ 11 - سۈرە ھۇد، 114 - ئايەت) توسالغۇ بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق بولغاندا يەنى «سەلەۋات - نامازلار» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە تۆتنى ئىپادىلىگەندە، «سالاتى ۋۇستا - ئوتتۇرا ناماز»، ئۇ «سەلەۋات - نامازلار»غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا»لىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە بۇ نامازلار توپلام «بەش ناماز» بولىدۇ. بەشنىڭ ئوتتۇرى بولىدۇ: (11111). ئايەتتىكى «ھافىزۇ - مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق بولسا، ئۇ «بەش ناماز»نى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەت سانلىرىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇقىم بولسۇن مۇساپىر بولسۇن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى» مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ «ئوتتۇرا ناماز» سەپەردە قورقۇش بولمىغاندا «نامازلار»ىنى 2 رەكەتتىن ئوقۇغان مۇساپىرلار ئۈچۈنمۇ، «نامازلار»ىنى مۇقىملىقتا تولۇق ئوقۇۋاتقان مۇقىملار ئۈچۈنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىچىدە سەپەردىمۇ، مۇقىملىقتىمۇ 3 رەكەتلىك بىر نامازنىڭ بولۇشى، مۇقىملىقتا بىر نامازنىڭ ئىككى رەكەتلىك، ئۈچ نامازنىڭ تۆت رەكەتلىك بولۇشى كېرەك. چۈنكى 3 ئىككى دانە 2 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 2)، ئىككى دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (4 3 4)، بىر دانە 2 بىلەن بىر دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 4). بامداتنىڭ 2، نامازشامنىڭ 3، پېشىن، نامازدىگەر ۋە خۇپتەننىڭ 4 رەكەتلىك بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ 5 ۋاقىت نامازنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە بەش ۋاقىت نامازنىڭ رەكەت سانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رەكەت سانى ئېتىبارى بىلەن «ئوتتۇرا ناماز» بولغان 3 رەكەتلىك نامازنىڭ ئورنى ئېتىبارى بىلەنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. 11 - سۈرە ھۇدنىڭ 114 - ۋە 17 - سۈرە ئىسرانىڭ 78 - ئايەتلىرىدە تۇنجى نامازنىڭ پېشىن، ئاخىرقى نامازنىڭ بامدات ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى نامازشامنىڭ «ئوتتۇرا ناماز» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى نامازشام ئۈچ رەكەتلىك بىر ناماز بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئىككى ۋاخ ناماز، ئۆزىدىن كېيىن ئىككى ۋاخ ناماز بولغان نامازدۇر. ‏
69

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى