ئىزاھات

«ئىبادەت»نىڭ مەنىسى ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلماق دېگەن بولۇپ (راغىب ئىسفەھانى، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان، «عبد»، 542؛ ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، «عبد»، 3: 273؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت، «عبد»، 2: 579)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش - ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ۋە نەسىھەتلىرىگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا «ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلىش»نىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، كىتابلار بۇنىڭ ئۈچۈن نازىل قىلىنغان (قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 213- ئايەت؛ 16- سۈرە نەھل، 36- ئايەت؛ 21- سۈرە ئەنبىيا، 25- ئايەت؛ 57- سۈرە ھەدىد، 25- ئايەت).‏
7

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى