ئىزاھات

بۇ يەردە «زاتلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە كۆپلۈك مۇناسىۋەت ئالمىشى بولغان «ئەللەزىنە» بولۇپ، مەنىسى «كىشىلەر» دېگەن بولىدۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى «زاتلار» مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ياردەم قىلىشقا چاقىرىدىغان ۋە مەدەت تىلەيدىغان خىيالىي ئۇلۇغ زاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى مۇناسىۋەت ئۇلانمىسى بولغان «لايەستەجىيبۇنە»نىڭ مۇزەككەر كۆپلۈك شەكلىدە كېلىشىمۇ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى بۇ شەكىل ئەرەبچىدە پەقەت ئەقىللىق مەخلۇقلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.‏
7

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى