ئىزاھات

بۇ سۈرىنىڭ 2 - ئايىتى قۇرئاننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى قۇرئاننىڭ «تەقۋادارلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى» بولۇشىدۇر.‏‎ ‎توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى بولۇش - توغرا يولنى چۈشىنىشلىك رەۋىشتە بايان قىلىش، ئۇنىڭغا ئىلمىي يوسۇندا دەۋەت قىلىش دېمەكتۇر. دەرۋەقە، قۇرئان كىشىلەرنى ئۆزىدىكى ھىدايەتكە زورلىمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ ياخشى - ياماننى ئېنىق تونۇتىدۇ ۋە ياخشىغا چاقىرىپ ياماندىن توسىدۇ. بۇ تامامەن ئىلمىي ئۇسۇل ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننىڭ يېتەكلىشى ئالدىدا ئىنسانلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى قۇرئاننىڭ يېتەكلىشىدىن پايدا ئالىدىغان كىشىلەر. ئۇلار ياخشىغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىنى سۆيىدىغان ۋە ياخشىنى ئىزدەشكە غەيرەت قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، 3 -، 4 - ۋە 5 - ئايەتلەردە بۇلارنىڭ ئېتىقاد، ئەمەل ۋە مۇكاپاتى بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسى قۇرئاننىڭ يېتەكلىشىگە قۇلاق سالمايدىغان كىشىلەر. 6 - ۋە 7 - ئايەتتە ئۇلارنىڭ قۇرئانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى، سۈپىتى ۋە جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئۈچىنچىسى مۇئمىن قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كاپىرلىقىنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەر. 8 - ئايەتتىن 20 - ئايەتكىچە توپلام 13 ئايەتتە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى، پسىخولوگىيىلىرى، جازاسى، قىلمىشلىرىنىڭ ماھىيىتى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار بايان قىلىندۇ.‏
7

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى