ئىزاھات

بىر قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسىغا ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئۆگەي ئاتىنىڭ تەربىيەسىدە بولغان بولۇشى شەرت ئەمەس، لېكىن ئانىسى بىلەن بىر يەردە بولغان بولۇشى شەرت. مەسىلەن: بىر كىشى قىزى بار بىر ئايال بىلەن ئۆيلىنىپ بىر يەردە بولمايلا ئۇنى تالاق قىلىۋەتكەن ياكى ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشىگە بۇ ئايالنىڭ ھېلىقى قىزى ھالال بولىدۇ يەنى ئۇ قىزىنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. ناۋادا بۇ كىشى ئۇ ئايالنى ئېلىپ بىر يەردە بولغاندىن كېيىن تالاق قىلىۋەتكەن ياكى ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ قىز بۇ كىشىگە ھالال بولمايدۇ. بۇ قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولۇپ بولمىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بۇ يەردىكى: «تەربىيەڭلاردىكى» دېگەن ئىپادە جەمئىيەتتە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، خالاس. چۈنكى بىر بالا بىلەن ئېرىدىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ تولىسى بالىسىنى يېڭى تەگكەن ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ يېنىدا باقىدۇ، ئۇ بالا ئانىسىنىڭ بۇ يېڭى ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ ئايەت بۇ ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە بالىسى بار خوتۇن ئالغان ئەر كىشىنىڭ ئۆگەي بالىسىنى تەربىيەلىشى لازىملىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
7

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى