ئىزاھات

تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «ئەرجۇلەكۇم - پۇتلىرىڭلار» دېگەن سۆز، ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قايسى سۆزگە باغلىنىدۇ ۋە تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى مەسىھ قىلىش كېرەكمۇ دېگەن ھەقتە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم - پۇتلىرىڭلار›، ‹ئەيدىيەكۇم - قوللىرىڭلار›غا باغلىنىدۇ، شۇنداقلا تاھارەتتە پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنىلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ فەقىھلەرنىڭ ۋە مۇفەسسىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ كۆزقارىشىدۇر (جۇمھۇرنىڭ كۆزقارىشىدۇر). يەنە بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم - پۇتلىرىڭلار›، ‹رۇئۇسىكۇم - بېشىڭلار›غا باغلىنىدۇ ۋە تاھارەتتە ئىككى پۇتقا مەسىھ قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرىسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ شىيئىلەردىن ئىمامىييە مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىدۇر (فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 305؛ شەمسۇددىن قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 6: 91).‏
7

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى