ئىزاھات

يەنى فىرئەۋننىڭ ئاخىرقى ۋە ئاۋۋالقى سۆزلىرىنىڭ جازاسىنى بەردى. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى، ئۇنىڭ: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېگەن سۆزىدۇر. ئاۋۋالقى سۆزى بولسا، ئۇنىڭ: «سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەن سۆزىدۇر (ئۇنىڭ بۇ سۆزى، 28- سۈرە قەسەسنىڭ 38- ئايىتىدە زىكىر قىلىنىدۇ). مۇفەسسىرلەرنىڭ ئىچىدە بۇ ئايەتتىكى «ئاخىرقى»نى، ئۇنىڭ: «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېگەن سۆزىدۇر. «ئاۋۋالقى»نى، ئۇنىڭ مۇشۇ سۈرىنىڭ 21- ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدۇر دەپ تەپسىر قىلغانلارمۇ بار. شۇنىڭدەك، «ئاخىرقى»نى ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان دوزاخ ئازابىدۇر. «ئاۋۋالقى»نى ئۇنىڭغا دۇنيادا بېرىلگەن غەرق ئازابىدۇر دەپ تەپسىر قىلغانلارمۇ بار.- (تەبەرى ۋە رازى تەفسىرلىرى).
7

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى