ئىزاھات

ھېكمەت - توغرا ئىلىم، پايدىلىق ئىلىم، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىلىم دېگەن بولىدۇ. توغرا ئىلىم پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدىلا مەۋجۇت. ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى تۈرلۈك ئايىتى بار: بىرى نازىل قىلغان ئايىتى، يەنە بىرى ياراتقان ئايىتى. ئۇنداقتا ھېكمەت ھەم قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن ھەم كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىن ھاسىل قىلىنىدىغان توغرا ئىلىم بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى پۈتۈن نەبىيلەرگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران 81 - ۋە 164 - ئايەتلەر؛ 4 - سۈرە نىسا، 54 - ئايەت). شۇنىڭدەك، لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 269 - ئايەت).‏
71

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى