ئىزاھات

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەلچىلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن، 17 - سۈرە ئىسرانىڭ 55 - ئايىتىدە نەبىيلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 136 - ۋە 3 - سۈرە ئال ئىمراننىڭ 84 - ئايىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ھەممىسىگە ئىشىنىشكە ئەمر قىلىدۇ. 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 285 - ئايىتىدە بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ھەممىسىگە ئىشەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ نەبىيلىرى ۋە ئەلچىلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئالاھىدىلىك ۋە كۆتۈرۈلگەن دەرىجە جەھەتتىن بىر - بىرىدىن پەرقلىق. لېكىن ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى جەھەتتىن پەرقسىز، ھەممىسى ئاللاھنىڭ تاللىغان بەندىلىرى ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدۇر. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 25 نەبىي ۋە ئەلچىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئادەم، ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۇسۇف، ئەييۇب، زۇلكىفل، يۇنۇس، ئىلياس، ئىليەسەئـ، شۇئەيب، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلەيمان، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، مۇھەممەد (ئۇلاغا سالاتۇسالاملار بولسۇن). مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى نەبىيلىك ۋە ئەلچىلىكتە ئوخشاش، لېكىن باشقا نېمەتلەردە پەرقلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلغان (قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 124 - ئايەت)، دوست تۇتقان (قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 125 - ئايەت)؛ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىۋاسىتە گەپ قىلغان (قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 164 - ئايەت؛ 7 - سۈرە ئەئراف، 144 - ئايەت)، توققۇز مۆجىزە بېرىلگەن (قاراڭ: 7- سۈرە ئەئراف، 133 - ئايەت؛ 17 - ئىسرا، 101 - ئايەت؛ 27 - سۈرە نەمل، 12 - ئايەت)؛ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا لايدىن قۇش شەكلى يارىتىپ قۇشقا ئايلاندۇرۇش، تۇغما كورنى ۋە ئاق كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىش، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش قاتارلىق مۆجىلەرنى بەرگەن (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 49 - ئايەت؛ 5 - سۈرە مائىدە، 110 - ئايەت)؛ داۋۇد ۋە ئوغلى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالاملارغا نەبىيلىك ۋە ئەلچىلىك بىلەن بىرلىكتە مىسلىسىز پادىشاھلىق ئاتا قىلغان (قاراڭ: 21 - سۈرە ئەنبىيا، 78 ~ 82 - ئايەتلەر؛ 27 - سۈرە نەمل، 15 ~ 44 - ئايەتلەر؛ 34 - سۈرە سەبەئـ، 10 ~ 14 - ئايەتلەر؛ 38 - سۈرە ساد، 17 ~ 26 - ۋە 30 ~ 40 - ئايەتلەر)؛ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە بەرگەن (قاراڭ: 12 - سۈرە يۇسۇف، 101 - ئايەت)؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن (قاراڭ: 6- سۈرە ئەنئام، 19 - ئايەت؛ 7- سۈرە ئەئراف، 158 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 107 - ئايەت؛ 25 - سۈرە فۇرقان، 1 - ئايەت؛ 34 - سۈرە سەبەئـ، 28 - ئايەت) ۋە شەنىنى ئۈستۈن قىلغان (94 - سۈرە شەرھ، 4 - ئايەت).‏
72

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى