ئىزاھات

ھەددىدىن ئاشماق مەنىسىدىكى تۇغيان ۋە تۇغۋان (طغيان، طغوان) سۆز تومۇرىدىن مۇبالىغە سۈپەتداش بولغان تاغۇت (طاغوت) كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسى ھەددىدىن ئېشىشتا چېكىدىن ئاشقۇچى دېگەن بولۇپ، ئاساسەن ئۆزى ھەددىدىن ئاشقاننىڭ سىرتىدا باشقىلارنىڭمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەبچى بولغۇچى دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد، سېھىرگەر، پالچى، رەمچى، زالىم، ياخشىلىق يولىدىن توسقۇچى، شەيتان، بۇت، ھەر قانداق يامانلىقنىڭ ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ بېشى، ھەر ئازغۇنلۇقنىڭ يېتەكچىسى، گۇناھتا ئىتائەت قىلىنغۇچى قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ (ئەزھەرى، «طغي»، 8: 153 - 154؛ راغىب ئىسفەھانى، «طغي»، 520 - 521؛ ئىبنى مەنزۇر، «طغي»، 15: 9). تاغۇت ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە سەككىز يەردە ئۆتىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 256 - ۋە 257 - ئايەتلەر؛ 4 - سۈرە نىسا، 51 -، 60 - ۋە 76 - ئايەتلەر؛ 5 - سۈرە مائىدە، 60 - ئايەت؛ 16 - سۈرە نەھل 36 - ئايەت؛ 39 - سۈرە زۇمەر، 17 - ئايەت). بۇ ئايەتتە (2 - سۈرە بەقەرە، 256 - ئايەتتە) تاغۇتنى ئىنكار قىلىش ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 16 - سۈرە نەھلنىڭ 36 - ئايىتىدە ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتىلگەن ھەر ئىلاھىي ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى يەتكۈزۈشتە خۇلاسىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، تاغۇت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر: 1 - ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان ۋە ئىبادەت قىلىنىشىغا رازى بولغان بارلىق شەيئى ۋە شەخسلەر. بۇلارنىڭ بېشىدا شەيتان كېلىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىغانلار شەيتانغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 76 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 29 - ئايەت؛ 36 - سۈرە ياسىن، 60 - ئايەت). 2 - ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ، باشقا ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچىلار (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 60 - ئايەت؛ 5 - سۈرە مائىدە، 44 - ئايەت). 3 - غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كىشى (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 59 - ئايەت؛ 72 - سۈرە جىن، 26 - ئايەت). 4 - كافىرلارنىڭ كۇفۇر ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا قېلىشلىرىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان، ئۇلارنى ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىدىن توسۇۋاتقان، لېكىن كافىرلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى، ھىمايىچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى ۋە پايدا يەتكۈزۈۋاتقان ئۇلۇغلىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە جىننىي ۋە ئىنسانىي شەيتانلاردىن ئىبارەت بولغان ئالدامچىلار (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 257 - ئايەت).‏
74

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى