ئىزاھات

ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: 1 - پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئىختىيارسىز بويسۇنىدىغان ھۆكۈملەر بولۇپ، بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە رىزىق بېرىشتە ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈملىرىدۇر. 2 - جىن ۋە ئىنسانلاردىن خالىغانلار بويسۇنۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان، خالىغانلار بويسۇنماي جازالىنىدىغان ھۆكۈملەر بولۇپ، بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملىرىدۇر. نەتىجىدە ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر ئاللاھقا ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا بويسۇنىدۇ (سەجدە قىلىدۇ). بۇ ئايەت ئەنە شۇ مەزمۇننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ‏
8

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى