ئىزاھات

«مەسانى» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىككىدىن - ئىككىدىن» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 39- سۈرە زۇمەرنىڭ 23- ئايىتىدە ﴿ٱللَّهُ نَزَّلَ أَحۡسَنَ ٱلۡحَدِيثِ كِتَٰبٗا مُّتَشَٰبِهٗا مَّثَانِيَ ... ٢٣﴾ «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى...» دەيدۇ. ئۇ ئايەتتە «ئىككىدىن - ئىككىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مەسانى- ﴿مَّثَانِيَ﴾» دۇر. قۇرئان كەرىمگە مەسانى دېيىلىشى ھۆكۈم، قىسسە ۋە نەسىھەتلەرنىڭ تەكرارلانغانلىقى، ھەر ئايىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئوخشىشى بىلەن «ئىككىدىن - ئىككىدىن» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئايەتتىكى ﴿سَبۡعٗا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي﴾ «مەسانىدىن يەتتە» سۈرە فاتىھەنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى «دىن (من)» ئېنىقلاش (بەيانىي) ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا «مەسانىدىن يەتتە»نىڭ مەنىسى «مەسانىدىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە» دېگەن بولىدۇ. بۇ، مەسانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئاننىڭ تامامى بۇ يەتتە ئايەتنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت دېمەكتۇر. «ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» دىكى «ۋە» چۈشەندۈرمە باغلىغۇچى، «ئۇلۇغ قۇرئان» چۈشەندۈرمە باغلانغۇچى (ئەتفى تەفسىر) بولۇپ، «مەسانىدىن يەتتە»نىڭ يەنى سۈرە فاتىھەنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان» ئىكەنلىكىنى ئىزاھلايدۇ. چۈنكى فاتىھە سۈرىسى ھەم «مەسانى» دەپ ئاتىلىدىغان ھەم «ئۇلۇغ قۇرئان» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ تامامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن (سۈرە فاتىھە) ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر» (بۇخارى، «تەفسىرۇل قۇرئان»، 1، «فەزائىلۇل قۇرئان»، 9؛ ئەبۇ داۋۇد، «فەزائىلۇل قۇرئان»، 2؛ تىرمىزى، «تەفسىرۇل قۇرئان»، 16؛ نەسەئى، «ئىفتىتاھ»، 26؛ ئىبنى ماجە، «ئەدەب»، 52). «سەبئۇلمەسانى»نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن - ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ.‏
8

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى