ئىزاھات

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قۇياش ۋە ئايدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بەزىسىنى «كەۋكەب، كەۋاكىب» دەيدۇ (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 76 - ئايەت؛ 12 - سۈرە يۇسۇف، 4 - ئايەت؛ 24 - سۈرە نۇر، 35 - ئايەت؛ 37 - سۈرە ساففات، 6 - ئايەت؛ 82 - سۈرە ئىنفىتار، 2 - ئايەت). بەزىسىنى «نەجم، نۇجۇم» دەيدۇ (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 97 - ئايەت؛ 7 - سۈرە ئەئراف، 54 - ئايەت؛ 16 - سۈرە نەھل، 12 - ۋە 16 - ئايەتلەر؛ 22 - سۈرە ھەج، 18 - ئايەت؛ 37 - سۈرە ساففات، 88 - ئايەت؛ 52 - سۈرە تۇر، 49 - ئايەت؛ 53 - سۈرە نەجم، 1 - ئايەت؛ 55 - سۈرە رەھمان، 6 - ئايەت؛ 56 - سۈرە ۋاقىئە، 75 - ئايەت؛ 77 - سۈرە مۇرسەلات، 8 - ئايەت؛ 81 - سۈرە تەكۋىر، 2 - ئايەت؛ 86 - سۈرە تارىق، 3 - ئايەت). بىر ئايەتتە، قىيامەت قايىم بولغاندا «كەۋكەب»لەرنىڭ چېچىلىدىغانلىقىدىن (82 - سۈرە ئىنفىتار، 2 – ئايەت)، ئىككى ئايەتتە «نەجملەر»نىڭ ئۆچىدىغانلىقىدىن (قاراڭ: 77 – سۈرە مۇرسەلات، 8 – ئايەت؛ 81 - سۈرە تەكۋىر، 2 – ئايەت). خەۋەر بېرىش ئارقىلىق «كەۋكەبلەر»دە نۇر يوقلىقىنى، «نەجملەر»دە نۇر بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە، ئەرەبچىدە «نەجم» يۇلتۇزنى، «كەۋكەب» پلانېتىنى (سەييارەنى) ئىپادىلەيدۇ يۇلتۇزلار- ئۆزى نۇر چىقىرىدىغان يورۇق ئاسمان جىسىملىرىدۇر. پلانېتىلار بولسا، ھەر بىرى ئۆز ئوربىتىسىدا مەلۇم يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان زور ئاسمان جىسىملىرى بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرى نۇر چىقارماي، پەقەت ئۆزلىرى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ (قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «كەۋكەب»، ھازىرقى زامان ئەرەب تىلى لۇغىتى (ئالەمۇل كۇتۇب، 1429 ھ /2008 م)، 3: 1971، «نەجم»، 3: 2173؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «كەۋكەب»، مۇئجەمۇلۋەسىت (قاھىرە: دارۇد دەئۋە، تارىخسىز)، 2: 793، «نەجم»، 2: 905). ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرۈپ «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېگىنى «نەجم» ئەمەس «كەۋكەب»دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇپەسسىرلەر ئۇ «كەۋكەب»نىڭ ۋېنېرا (زۇھرە - الزهرة) ياكى يۇپىتېر (مۇشتەرى - المشتري) ئىكەنلىكىنى يازىدۇ (قاراڭ: قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، تەھرىرلىگۈچى: ئەھمەد بەردۇنى ۋە ئىبراھىم ئەتفىيش، 2- باسما (قاھىرە: دارۇل كۇتۇبىل مىسرىييە، 1384/1964 م)، 7 : 25؛ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىيجى، جامىئۇل بەيان فىي تەفسىرىل قۇرئان (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 1424 / 2004 م)، 1 : 550؛ نەسەفىي، مەدارىكۇت تەنزىل ۋە ھەقائىقۇت تەئۋىيل، تەھرىر: يۇسۇف ئەلى بۇدەيۋىي (بېيرۇت: دارۇل كەلىمىت تەييىب، 1419 / 1998 م)، 1 : 516).
8

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى