ئىزاھات

‎‏ ياق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قارىتىشى، مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشى، ئاللاھتىن غەيرىيدىن مەدەت تىلىشى ۋە ئاللاھتىن غەيرىيدىن شاپائەت تىلىشى... ئاللاھتىن غەيرىيدە خالىقلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ھەددىدىن زىيادە ئەخمەقلىقى ۋە ئەقىللىرىنى ھېچ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مۇشرىكتىن «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟ رىزىق بېرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ سورالسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ (قاراڭ: 10 - سۈرە يۇنۇس، 31 - ئايەت؛ 27 - سۈرە نەمل، 64 - ئايەت؛ 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 61 - ۋە 63 - ئايەتلەر؛ 31 - سۈرە لۇقمان، 25 - ئايەت؛ 34 - سۈرە سەبەئـ، 24 - ئايەت؛ 39 - سۈرە زۇمەر، 38 - ئايەت؛ 43 - سۈرە زۇخرۇف، 87 - ئايەت). ئۇلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، بۇ جاۋاب ئۇلارنى مۇسۇلمان قىلىشقا يەتمەيدۇ. نەبىيلەرمۇ ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلمىگەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ھەر ئىنسان بىلىدۇ. نەبىيلەر ئىبادەت قىلىشقا ۋە ياردەم تىلەشكە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ۋە ھېچنېمىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. ‏
9

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى