ئىزاھات

8 - ئايەتتىن بۇ 20 - ئايەتكىچە چۈشەندۈرۈلگەن كىشىلەر مۇنافىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم سۈپەتلىرى بۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنغان سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە: مۇنافىقلار قەسەمخوردۇر (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 56 - ئايەت؛ 63 - سۈرە مۇنافىقۇن، 20 - ئايەت)، كاززاپتۇر (قارااڭ: 58 - سۈرە مۇجادەلە، 18 - ئايەت؛ 59 - سۈرە ھەشر،11 - ئايەت؛ 63 - سۈرە مۇنافىقۇن، 1 - ئايەت)، رىياكاردۇر (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 142 - ئايەت)، ئىككى يۈزلىمىچىدۇر (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 141 - ئايەت)، تىلى باشقا، دىلى باشقىدۇر (2 - سۈرە بەقەرە، 204 - ئايەت)، كافىرلارنى دوست تۇتىدۇ (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 137~139 - ئايەتلەر)، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ (قاراڭ: 24 - سۈرە نۇر، 47~50 - ئايەتلەر)، يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 67 - ئايەت). مۇنافىقلارغا بۇ سۈرىنىڭ 10 - ئايىتىدە «ئەلەملىك ئازاب»، 4 - سۈرە نىسانىڭ 145 - ئايىتىدە «دوزاخنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى»، 9 - سۈرە تەۋبىنىڭ 68 - ئايىتىدە «جەھەننەمنىڭ ئوتى، لەنەت ۋە مۇقىم ئازاب»، 58 - سۈرە مۇجادەلەنىڭ 15 - ئايىتىدە «قاتتىق ئازاب»، 16 - ئايىتىدە «خورلىغۇچى ئازاب» قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.‏
9

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى