ئىزاھات

ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولۇش بىلەن بىرگە (قاراڭ: 7 - سۈرە ئەئراف، 26 -، 27 -، 31 -، 35 - ۋە 175 - ئايەتلەر؛ 17 - سۈرە ئىسرا، 70 - ئايەت؛ 36 - سۈرە ياسىن، 60 - ئايەت)، ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن تۇنجى پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى مۇشۇ ئايەتتە تاللانغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلىشىدۇر. باشقا ئىككى دەلىل تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى، ھەۋۋا ئانىنى ۋە ئىبلىس مەلئۇننى ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەتكەندە ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: ﴿... فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَن تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٣٨﴾ «... بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» (2-سۈرە بەقەرە، 38- ئايەت). ئىبلىس قىيامەتكىچە لەنەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن (قاراڭ: 38- سۈرە ساد، 78 - ئايەت)، بۇ ھىدايەت ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلمەيدۇ. ھەۋۋا ئانىغىمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئەرلەرنىلا ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ (قاراڭ: 12 - سۈرە يۇسۇف، 109 - ئايەت؛ 16 - سۈرە نەھل، 43 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 7 - ئايەت). ئۇنداقتا ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان ھىدايەتنى ئېلىپ، ئۇنى باشتا ئۆزى ۋە ئايالى ئۈچۈن (ھەۋۋا ئانا)، كېيىنچە بالا - چاقىلىرى ئۈچۈن رەھبەر قىلىش ۋەزىپىسىگە بىرلا نامزات قالىدۇ، ئۇ بولسا ئادەم ئاتىدۇر. شۇڭا ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئاتا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولۇش بىلەن بىرگە تۇنجى پەيغەمبەردۇر. 2) 5 - سۈرە مائىدەنىڭ 27 -، 28 - ۋە 29 - ئايەتلىرىدە ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرەردىن قۇربانلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ (ھابىلنىڭ) يەنە بىرىگە (قابىلگە) ئېيتقان سۆزلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋە ھابىلنىڭ ئۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى بىر پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتى بىلەن بولىدىغان ئىشلاردۇر‎.‎‏ «ئادەم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 25 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ.‏
9

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى