ئىزاھات

‏ نىكاھتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىپپەتلىك بولۇش شەرتى 24 - سۈرە نۇرنىڭ 3 - ۋە 26 - ئايەتلىرىدە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا ئالدىنقى (23 - ) ئايەتتە ۋە بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى (بۇنىڭ مۇخالىپ مەپھۇمىدىن ئاياللار ئۈچۈنمۇ نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئەرلەر بىلىنىدۇ) ۋە بۇ ھالاللىقنىڭ ئىككى شەرتى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى «ئۆيلىنىش». بۇ شەرتنى مۇھسىنىينە ﴿مُّحۡصِنِينَ﴾ كەلىمىسى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمە قەلئە، قورغان، سىپىل، ئىستىھكام مەنىلىرىدە كېلىدىغان ھىسن «حصن» كەلىمىسى بىلەن بىر سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئۆتۈملۈك ئېنىق سۈپەتداشنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. جۈملىدىكى ئورنى «ھالەت رەۋىشى» بولۇپ، ئىگىسىنىڭ يەنى ئۆزىگە ھالال قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىچىدىن، بىرەرىنى ماللىرى بىلەن تەلەپ قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇ تەلەپ پېئىلىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ، ئۇنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ شەكىل ئۇ كىشىنىڭ، نىكاھىغا ئالماقچى بولغان ئايالنى ئەل - جامائەتنىڭ ھۇزۇرىدا توي قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نىكاھ قورغىنىغا ئېلىشىدۇر. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ ئايال مەنىۋى قورغاننىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قىلالمايدۇ (چۈنكى ئۇ ئايال قۇرغاننىڭ ئىچىدىدۇر. بۇنى ئۇ بىلىدۇ). بۇ شەرت مەخپىي نىكاھنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى شەرت بولسا زىنادىن ساقلىنىشتۇر. بۇ شەرتنى غەيرە مۇسافىھىنە ﴿غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَ﴾ بىرىكمىسى قوشىدۇ. بۇ ئىزافەتلىك بىرىكمىنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى بولغان مۇسافىھىينە تۆكمەك، ئېقىتماق دېگەن مەنىدىكى سەفھ «سفح» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئېنىق سۈپەتداشنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئېنىقلانغۇچىسى (غير) بىلەن بولۇشسىزغا ئايلىنىدۇ ۋە بۇنىڭمۇ جۈملىدىكى ئورنى «ھالەت رەۋىشى» بولغانلىقى ئۈچۈن نىكاھتىن كېيىنكى ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتتىن ئۆي تۇتۇش ۋە بالا - چاقىلىق بولۇشنىڭ مەقسەت قىلىنىشىنى شەرت قوشىدۇ، شۇنداقلا ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ كۈچگە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. زىنادا بۇنداق مەقسەتلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىپادە «زىنادىن ساقلىنىش» دەپ تەرجىمە قىلىندى. بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: نىكاھتىن كېيىنكى ئەر - خوتۇنلۇق ھايات زىنادىكى قىسقا مۇددەتلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ قالمىسۇن، نىكاھلانغانلار بىر - بىرىنىڭ دوستى، ئاشنىسى، ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئورتىقى ئەمەس، بەلكىدە ئۆمۈرلۈك جۈپتى ۋە تۇرمۇش يولدىشى بولسۇن، ھەر بىرى يېڭى قۇرغان ئائىلىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە بولغۇسى پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى ياكى ئاتىسى بولسۇن. ‏
9

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى