ئىزاھات

رەببىم ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلار تەرىپىدىن ماڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك كېلىشنى خالىسا، ئۇ كۆڭۈلسىزلىك چوقۇم رەببىم خالىغاندەك ماڭا كېلىدۇ. مەسىلەن: رەببىم، بىرەر بۇتنىڭ ياكى ئاقار يۇلتۇزلاردىن بىرەر پارچىنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈپ مېنى يارىدار قىلىشىنى ياكى ئۆلتۈرۈشىنى خالىسا، ئەلۋەتتە بۇ ئىش رەببىمنىڭ قۇدرىتى ۋە خاھىشى بىلەنلا يۈز بېرىدۇ. يەنى سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەر ئاللاھ خالىمىسا ماڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى خالىشىدىن قورقىمەن.
9

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى