ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

1-سۈرە فاتىھە مەككەدە نازىل بولغان، 7 ئايەت

ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[1].‏
1




ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن![2] ئاللاھ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر[3]،
2




ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپتۇر،‏
3




جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.‏
4




ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.‏
5




بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن[4]:‏
6




سەن ئىنئام قىلغان[5]، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان[6] ۋە ئازمىغانلار[7]نىڭ يولىغا!‏
7




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى