ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

104-سۈرە ھۇمەزە مەككەدە نازىل بولغان، 9 ئايەت

ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي!
1




ئۇ شۇنداق كىشىكى، مال توپلىدى ۋە ئۇنى سانىدى.
2




ئۇ مېلىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.
3




ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ.
4




ھۇتەمە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
5




ئۇ ئاللاھنىڭ يېقىلغان ئوتىدۇر.
6




ئۇ شۇنداق ئوتكى، دىللارغا يامىشىدۇ.
7




شۈبھىسىزكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى قورشىغۇچىدۇر.
8




ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەرگە باغلانغۇچىدۇر.
9




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى