(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ
| 1 |
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن .
لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ
| 2 |
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان اﷲ قا ئىبادەت قىلمايسىلەر .
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
| 3 |
سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق .
وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ
| 4 |
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان اﷲ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق .
وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
| 5 |
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» .
لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ
| 6 |