بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

111-سۈرە مەسەد مەككەدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەت

‮ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى .
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ
1
‮ ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى .
مَا أَغْنَىٰ عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ
2
‮ ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ .
سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
3
‮ ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ .
وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ
4
‮ ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ .
فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ
5