ئەلىف، لام، را. بۇلار كىتابنىڭ ۋە روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.
|
1
|
كافىرلار ئارا - سىرە «كاشكى مۇسۇلمان بولساقچۇ!» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.
|
2
|
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكىن، يېسۇن، بەھرىمەن بولسۇن ۋە ئارزۇلارغا بېرىلىپ تۇرسۇن. پات يېقىندا بىلىپ قېلىشىدۇ.
|
3
|
بىز ھالاك قىلغان ھەر يۇرتنىڭ ئەلۋەتتە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمنامىسى بار.
|
4
|
ھېچبىر ئۇممەت ئەجىلىنى ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.
|
5
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان كىشىسەن.
|
6
|
ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەڭچۇ!».
|
7
|
بىز پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق بىلەن چۈشۈرىمىز[1]، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ھەرگىز مۆھلەت بېرىلمەيدۇ.
|
8
|
شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز.
|
9
|
شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى، ئاۋۋالقى پىرقىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق.
|
10
|
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلىشقان ئىدى.
|
11
|
بىز ئۇنى[2] گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزىمىز.
|
12
|
ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلغان قانۇنىنى بىلىدۇ[3].
|
13
|
بىز ئۇلارغا ئاسماندىن ئىشىك ئاچساق، ئۇلار ئۇنىڭدىن كۈندۈزى يۇقىرىغا چىقسا،
|
14
|
ئەلۋەتتە: «كۆزلىرىمىز پەردىلەندى، بەلكى بىز سېھىرلەنگەن قەۋمدۇرمىز» دېگەن بولاتتى.
|
15
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئاسماندا بۇرجلارنى ياراتتۇق، ئۇنى قارىغۇچىلار ئۈچۈن زىننەتلىدۇق،
|
16
|
ئۇنى ھەر قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىدۇق.
|
17
|
لېكىن ئوغرىلىقچە ئاڭلىماقچى بولغان شەيتاننى پارلاق ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ.
|
18
|
بىز زېمىننى سوزدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا ئۆلچەملىك ھەر نەرسىدىن ئۈندۈردۇق،
|
19
|
ھەمدە ئۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن ۋە رىزقىنى سىلەر بەرمىگەنلەر ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق.
|
20
|
ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىلىرى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدىدۇر. لېكىن بىز ئۇنى مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز.
|
21
|
بىز چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى سۇغاردۇق. بولمىسا ئۇنى سىلەر ساقلىيالمايتتىڭلار.
|
22
|
شۈبھىسىزكى، بىز تىرىلدۈرىمىز ۋە ئۆلتۈرىمىز. بىز ۋارىس بولغۇچىمىز.
|
23
|
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىمۇ بىلىمىز، كېيىن كەلگەن ۋە كېلىدىغانلارنىمۇ بىلىمىز.
|
24
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنى مەھشەرگە يىغىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.
|
25
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق.
|
26
|
جاننى[4] ئىلگىرى زەھەرلىك ئوتتىن ياراتقان ئىدۇق.
|
27
|
رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ئىنسان يارىتىمەن.
|
28
|
مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».
|
29
|
شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى.
|
30
|
ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشتىن باش تارتتى.
|
31
|
ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ؟» دېدى.
|
32
|
ئىبلىس: «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا مەن ھەرگىزمۇ سەجدە قىلمايمەن» دېدى.
|
33
|
ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! سەن قوغلاندىڭ!
|
34
|
ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ».
|
35
|
ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى.
|
36
|
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن،
|
37
|
مەلۇم ۋاقىتنىڭ كۈنىگە قەدەر».
|
38
|
ئىبلىس مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن.
|
39
|
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭ مۇستەسنا».
|
40
|
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئەنە شۇ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنىڭ تۇتقان يولى ماڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولدۇر.
|
41
|
مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ ھەرگىزمۇ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. سېنىڭ كەينىڭگە كىرگەن ئازغۇنلار مۇستەسنا».
|
42
|
جەھەننەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچرىشىدىغان يېرىدۇر.
|
43
|
ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بار. ھەر دەرۋازىغا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئايرىلىدۇ.
|
44
|
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار[5] جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ.
|
45
|
ئۇلارغا: «ئۇ يەرلەرگە خاتىرجەم ھالدا كىرىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
46
|
بىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز، ئۇلار قېرىنداشلار بولۇپ تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
|
47
|
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ھېچ چارچىمايدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردىن ھەرگىز چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.
|
48
|
ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى: مەن مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن،
|
49
|
ئەلەملىك ئازاب پەقەت مېنىڭ ئازابىمدۇر.
|
50
|
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرىدىن خەۋەر بەرگىن:
|
51
|
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مېھمانلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەندە ئىبراھىم: «بىز سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.
|
52
|
ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز ساڭا ئىلىملىك بىر ئوغلۇڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى.
|
53
|
ئىبراھىم: «ماڭا خۇش خەۋەر بېرەمسىلەر، مەن ياشىنىپ قالغان تۇرسام؟ نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى.
|
54
|
ئۇلار: «بىز ساڭا ھەق بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن نائۈمىد بولغۇچىلاردىن بولمىغىن!» دېدى.
|
55
|
ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىم نائۈمىد بولىدۇ؟» دېدى.
|
56
|
ئىبراھىم يەنە: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى.
|
57
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق.
|
58
|
لۇتنىڭ ئائىلىسى گۇناھكار ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىمىز.
|
59
|
لېكىن لۇتنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى قارار قىلدۇق».
|
60
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەندە،
|
61
|
لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى.
|
62
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بەلكى بىز ساڭا قەۋمىڭ شۈبھىلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق.
|
63
|
ساڭا ھەقنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە توغرا سۆزلەۋاتىمىز.
|
64
|
شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ماڭدۇرغىن، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، بۇيرۇلغان يېرىڭلارغا قاراپ مېڭىڭلار».
|
65
|
بىز لۇتقا شۇ قەتئىي بۇيرۇقنى ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇلار ئەتىگەنگە ئۇلاشقاندا يىلتىزى قۇرۇتىلىدۇ!».
|
66
|
شەھەر خەلقى خۇشاللىق ئىچىدە لۇتنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
|
67
|
لۇت ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، مېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلماڭلار.
|
68
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مېنى خىجىل قىلماڭلار».
|
69
|
ئۇلار: «بىز سېنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى.
|
70
|
لۇت: «ئەنە شۇ ئاياللار مېنىڭ قىزلىرىم، خالىساڭلار ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىڭلار» دېدى.
|
71
|
ئى مۇھەممەد! ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار خۇدىنى يوقاتقان ھالەتتە تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى.
|
72
|
كۈن چىقىۋاتقاندا ئۇلارنى دەھشەتلىك ئاۋاز باستى.
|
73
|
بىز ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق.
|
74
|
بۇنىڭدا دىققەت بىلەن كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەتلەر بار.
|
75
|
شۈبھىسىزكى، ئۇ يۇرتنىڭ خارابىلىكى ھازىرمۇ ئىنسانلار ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول ئۈستىدىدۇر.
|
76
|
ئۇ خارابىلىكتە مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار.
|
77
|
شۈبھىسىزكى، ئەيكەلىكلەرمۇ زالىم كىشىلەر ئىدى.
|
78
|
بىز ئۇلاردىنمۇ ئىنتىقام ئالدۇق. ھەر ئىككى يۇرتنىڭ خارابىلىكى ئوچۇق يول ئۈستىدىدۇر.
|
79
|
شۈبھىسىزكى، ھىجرلىكلەر ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى.
|
80
|
بىز ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق، ئۇلار ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرىدى.
|
81
|
ئۇلار ئەمىنلىكتە بولۇش ئۈچۈن تاغلارنى ئويۇپ ئۆيلەرنى ياسايتتى.
|
82
|
لېكىن ئۇلارنى سەھەر ۋاقتىدا دەھشەتلىك ئاۋاز باستى،
|
83
|
ئۇلارغا ئىلكىدىكى نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى[6].
|
84
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ياراتتۇق. قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ. شۇڭا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن[7].
|
85
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.
|
86
|
شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[8].
|
87
|
بىز بىر قىسىم كافىرلارغا بەرگەن دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارغا قايغۇرمىغىن، مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن.
|
88
|
ئېيتقىنكى: «مەن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
|
89
|
بىز پارچىلىۋەتكۈچىلەرگىمۇ كىتاب نازىل قىلغان ئىدۇق.
|
90
|
ئۇلار قۇرئاننى پارچىلارغا ئايرىغانلاردۇر[9].
|
91
|
رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سوراققا تارتىمىز،
|
92
|
قىلمىشلىرى توغرىسىدا.
|
93
|
ئۇ ھالدا، ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
|
94
|
بىز سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئەلۋەتتە تېتىيمىز.
|
95
|
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا بىر ئىلاھقىمۇ چوقۇنىدۇ. ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ.
|
96
|
بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
|
97
|
سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن،
|
98
|
ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن!
|
99
|