بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

18-سۈرە كەھف مەككەدە نازىل بولغان، 110 ئايەت

بەندىسىگە بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ۋە بۇ كىتابتا ھېچبىر ئەگرىلىك قىلمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!‏
1




ئاللاھ ئۇ كىتابنى راۋۇرۇس كىتاب قىلدى. بۇ، ئۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا مۇكاپاتلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشى ئۈچۈندۇر-‏
2




ئۇلار ئۇ مۇكاپات ئورنىدا مەڭگۈ قالىدۇ-‏
3




ھەمدە «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.‏
4




ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ بوھتانلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەتلا يالغان سۆزلىمەكتىدۇر.‏
5




ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئارقىلىرىدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن!‏
6




بىز زېمىندىكى نەرسىلەرنى زېمىننىڭ زىننىتى قىلدۇق. مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمىلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناشتۇر. ‏
7




شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى قۇپقۇرۇق تۇپراق قىلىۋېتىمىز.‏
8




سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن كەھف ۋە رەقىم[1] ئەھلىنى ئەجەبلىنەرلىك دەپ ئويلىدىڭمۇ؟‏
9




ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارغا بېرىپ پاناھلانغان ۋە: «رەببىمىز! بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزگە قۇتۇلۇش يولى تەييارلاپ بەرگىن!» دېگەن ئىدى.‏
10




شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئىتىۋەتتۇق[2]. ئۇلار يىللارچە مۇشۇنداق قالدى.‏
11




ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئويغاتتۇق. بۇنى ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسى ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنى توغرا ھېسابلىيالايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.‏
12




ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىز ساڭا توغرا شەكىلدە ئېيتىپ بېرىمىز: ئۇلار رەببىگە ئىمان ئېيتقان بىر قانچە يىگىت ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلغان ئىدۇق.‏
13




ئۇلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ تۆۋەندىكى سۆزنى قىلغاندا بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا دۇئا قىلمايمىز. بولمىسا قالايمىقان گەپ قىلغان بولىمىز.‏
14




ئەنە شۇلار بىزنىڭ قەۋمىمىزدۇر. ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋېلىشتى. قەۋمىمىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟».‏
15




ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى مۇنداق دېدى: «مادامىكى سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا غارغا بېرىپ پاناھلىنىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە رەھمىتىنى يايسۇن، ئىشىڭلارنى ئاسان ۋە پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن».‏
16




سەن قۇياشنىڭ، چىققان چېغىدا ئۇلار پاناھلانغان غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، پاتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەستىن سول تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار بولسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر[3]. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان ۋەلىي تاپالمايسەن.‏
17




ئۇلارنى كۆرسەڭ ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدا ئىدى. بىز ئۇلارنى گاھ ئوڭ يېنىغا، گاھ سول يېنىغا ئۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىتى بولسا، غارنىڭ بۇسۇغىسىغا ئالدى پۇتلىرىنى سوزغان ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن بولساڭ، دەرھال ئارقاڭغا قاراپ قاچاتتىڭ ۋە ئىچىڭگە قورقۇنچ تولۇپ كېتەتتى.‏
18




ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئويغاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئارقىسىدىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ. ھازىر سىلەر بىرىڭلارنى شۇ تەڭگە پۇلۇڭلار بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ قاراپ بېقىپ قايسى تاماق پاكىز ۋە ياخشى بولسا ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلسۇن، ناھايىتى ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچكىمگە تۇيدۇرمىسۇن.‏
19




چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋالسا يا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا قايتۇرىدۇ. بۇ تەقدىردە ھەرگىزمۇ مۇرادىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر».‏
20




بىز ئۇلارنى قانداق ئۇخلىتىپ ئويغاتقان بولساق، شەھەر خەلقىنى ئۇلاردىن ئۇ شەكىلدە خەۋەردار قىلدۇق. بىز بۇنى شەھەر خەلقىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ قىلدۇق. ئۇ ئەسنادا شەھەر خەلقى ئۆز ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىشى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقان ئىدى، بەزىلىرى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر بىنا سېلىڭلار. ئۇلارنى رەببى ئوبدان بىلىدۇ» دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىغا غالىب كەلگەنلەر[4] بولسا: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەلۋەتتە مەسجىد سالىمىز» دەيتتى.‏
21




ئىنسانلارنىڭ بەزىسى: «ئۇلار ئۈچ كىشى ئىدى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. بەزىلىرى: «ئۇلار بەش كىشى ئىدى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار بۇنى قارىسىغا سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى بولسا: «ئۇلار يەتتە كىشى ئىدى، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ». ئۇلارنى بىلىدىغانلار بەك ئازدۇر. شۇڭا سەن ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر مۇنازىرىگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار توغرىسىدا ھېچكىمدىن سورىمىغىن.‏
22




ھېچبىر نەرسە ئۈچۈن: «مەن ئەتە چوقۇم ئۇنى قىلىمەن» دېمىگىن.‏
23




«ئىنشائاللاھ قىلىمەن» دېگىن. ئۇنتۇغان چېغىڭدا ئاللاھنى زىكىر قىلغىن ۋە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن.‏
24




ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غارىدا ئۈچيۈز يىل قالدى. ئۇلار توققۇزنى زىيادە قىلدى.‏
25




ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ۋەلىيسى يوقتۇر. ئۇ ھاكىمىيىتىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ».‏
26




ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنى تىلاۋەت قىلغىن. ئۇ رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ باشپاناھ تاپالمايسەن.‏
27




رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولۇشقا ئۆزۈڭنى زورلىغىن. بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى دەپ كۆزلىرىڭ ئۇلاردىن باشقىسىغا چۈشمىسۇن. بىز قەلبىنى زىكرىمىزدىن غاپىل قىلغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە ئىشىدا ھەددىدىن ئاشقان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.‏
28




ئېيتقىنكى: «بۇ ھەق رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كافىر بولسۇن». بىز زالىملارغا شۇنداق ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇنىڭ تامدەك يالقۇنلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار تەشنالىقتىن نالە-پەرياد قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر تۈرلۈك سۇ بىلەن ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ نېمىدېگەن يامان ئارامگاھ!‏
29




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.‏
30




ئەنە شۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى بار. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار نىپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ئارامگاھ!‏
31




ئۇلارغا مۇنۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن: بىز ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۈزۈملۈك ئىككى باغ ئاتا قىلغان ئىدۇق. بۇ ئىككى باغنىڭ ئەتراپىنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قورشاپ ئوتتۇرىسىدا ئېكىنزارلىق قىلغان ئىدۇق.‏
32




باغلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھېچ نەرسە كەم قىلماستىن مېۋىلىرىنى تولۇق بېرەتتى. بىز ئۇ ئىككى باغنىڭ ئارىسىدىن ئۆستەڭ ئېقىتقان ئىدۇق.‏
33




بۇ ئادەمنىڭ باشقا مال-مۈلكىمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇرادىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «مەن ئىقتىسادىي جەھەتتە سەندىن باي، ئادەم سانى جەھەتتە سەندىن كۈچلۈكمەن» دېدى.‏
34




ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا بېغىغا كىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىنى ھېچ ئويلىمايمەن.‏
35




قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنىمۇ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە ئۇ يەردە چوقۇم بۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاپىمەن».‏
36




شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەمگە بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتقان، ئاندىن كېيىن سېنى راۋۇرۇس ئادەم قىلغان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسەن؟
37




لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇ زات ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.‏
38




بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا «بۇنى ماڭا ئاللاھ ئاتا قىلدى، پۈتۈن كۈچ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە» دېسەڭچۇ! سەن ئەگەر مېنىڭ مال-مۈلكۈمنى ۋە بالا-چاقامنى ئۆزۈڭنىڭكىدىن ئاز كۆرسەڭ، شۇنى بىلگىنكى:‏
39




رەببىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىسىنى بېرىشى، سېنىڭكىگە ئاسماندىن ئاپەت ئەۋەتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇپقۇرۇق قاقاس يەرگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن
40




ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، سەن ئۇ سۇنى ئىزدەپ تاپالماسلىقىڭ مۇمكىن».‏
41




ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۇزكور ئادەمنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، باغلىرىغا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ قوللىرىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى. باغلىرى بولسا، باراڭلىرى يىقىلغان ھالەتتە تۇراتتى. ئۇ: «كاشكى رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولسامچۇ!» دەيتتى.‏
42




بۇ چاغدا ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق گۇرۇھمۇ بولمىدى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزىمۇ ياردەم قىلالمىدى.‏
43




مانا مۇشۇنداق ھالەتتە ياردەم پەقەت بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەق بولغان ئاللاھتىنلا كېلىدۇ. ئۇ ئەڭ ياخشى مۇكاپات ۋە ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت ئاتا قىلغۇچىدۇر.‏
44




ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ مۇنۇ مىسالىنى بايان قىلىپ بەرگىن: بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، ئاندىن قۇرۇپ كۇكۇم-تالقان بولىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. دۇنيا ھاياتى مانا مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
45




مال ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر بولسا، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ساۋاب قازاندۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى ياخشىدۇر ۋە ئۈمىد باغلاشقا بەكمۇ لايىقتۇر.‏
46




كۈن كېلىدۇ، بىز ئۇ كۈندە تاغلارنى يوق قىلىمىز، سەن يەر يۈزىنى تۈپتۈز ۋە ئوپئوچۇق كۆرىسەن، بىز يەنە ئۇ كۈندە ھېچكىمنى قالدۇرۇپ قويماسىتىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز.‏
47




ئۇلار سەپ ھالىتىدە رەببىڭگە توغرىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھۇزۇرىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك كەلدىڭلار. بەلكى بىزنىڭ سىلەر ئۈچۈن ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقىت بېكىتمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىغان ئىدىڭلار[5]».‏
48




ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىنساننىڭ ئەمەل دەپتىرى ئالدىغا قويۇلىدۇ. سەن گۇناھكارلارنىڭ، دەپتەرلىرىدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار: «ۋاي ھالىمىزغا! بۇ قانداق دەپتەر! ھېچبىر نەرسە قالدۇرۇپ قويماي چوڭ-كىچىك ھەممە قىلمىشىمىزنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلەپتۇ!» دەيدۇ. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ. رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.‏
49




ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ جىنلاردىن ئىدى. ئۇ رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقتى. ئى ئىنسانلار! سىلەر يەنىلا مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى ۋەلىي[6] قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ ۋەلىي ئالماشتۇرۇشى نېمىدېگەن يامان!‏
50




مەن ئۇلارنى ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتقان چېغىمدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياراتقان چېغىمدىمۇ يېنىمدا تۇرغۇزمىدىم. مېنىڭ ئۇ ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق.‏
51




قىيامەت كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «سىلەر‏‎ ‎ئېتىقاد قىلغان شېرىكلىرىمنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، قېنى!» دەيدۇ. ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ھېچبىرى جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھالاكەتلىك ئازگال پەيدا قىلىمىز.‏
52




گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرە كۆرمەس ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن قاچالمايدۇ.‏
53




بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسان بەك كۆپ دەتالاش قىلغۇچى نەرسىدۇر.‏
54




ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلىنغان قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە روبىرو كېلىشىنى كۈتۈشلىرىلا ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توستى.‏
55




ھالبۇكى، بىز ئەلچىلەرنى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كافىرلار ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئايەتلىرىمنى ۋە ئۆزلىرىگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە قىلدى.‏
56




رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئىلگىرى ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان گۇناھلارنى ئۇنتۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ.‏
57




سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئەگەر رەببىڭ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، ئۇلارغا ئازابنى دەرھال ئەۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بار. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.‏
58




بىز ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت بەلگىلىگەن ئىدۇق.‏
59




ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش خادىمىغا: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن ‏‎ ‎زامان ئۆتكۈزمىگۈچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېگەن ئىدى.‏
60




شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بېلىق بولسا، دېڭىزغا چۈشۈپ ماڭغان يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.‏
61




ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش خادىمىغا: «چۈشلۈك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى.‏
62




ياش خادىم: «ئاپلا، بىز ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان چېغىمىزدا بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن- دە. ئۇنىڭ ۋەقەسىنى دېيىشنى ماڭا چوقۇم شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئۇ، دېڭىزدىكى يولىنى ئەجەبلىنەرلىك شەكىلدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى» دېدى.‏
63




مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى- دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرىنى بويلاپ كەينىگە يېنىپ، ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى.‏
64




ئۇلار ئۇ يەردە، بەندىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن بىز ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت ئاتا قىلغان ۋە ئۆز ھۇزۇرىمىزدىن ئىلىم ئۆگەتكەن بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى.‏
65




مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.‏
66




ئۇ بەندىمىز مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن.‏
67




سەن ئىلمىڭ يەتمىگەن ئىشلارغا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟».‏
68




مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچ ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.‏
69




ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگەشسەڭ، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرمىگۈچە ھېچبىر نەرسە توغرۇلۇق مەندىن سوئال سورىمىغىن!» دېدى.‏
70




شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى، ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئاجايىپ ئىش قىلدىڭ!» دېدى.‏
71




ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.‏
72




مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىشمنى قىيىنلاشتۇرمىغىن!» دېدى.‏
73




ئاندىن ئۇلار يەنە يۈرۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈردى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان ئىش قىلدىڭ» دېدى.‏
74




ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.‏
75




مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭمىغىن. ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم مۇشۇ بولۇپ قالسۇن» دېدى.‏
76




شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يۈردى، تاكى بىر يۇرت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن تاماق سوراشتى. لېكىن يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بىر تام ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇ تامنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى.‏
77




ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىيدىغان سۆزدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:‏
78




ئۇ كېمە بولسا، دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياي دەپ تېشىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساق كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.‏
79




ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا-ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇفرىلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق-دە،‏
80




رەببىنىڭ ئۇلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.‏
81




ئۇ تام بولسا، شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ رەببىڭدىن رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى.‏
82




ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سوئال سورايدۇ. ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ توغرىسىدا زىكىر[7] تىلاۋەت قىلىمەن» دېگىن.‏
83




بىز ئۇنىڭغا زېمىندا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ سەۋەبىنى بەردۇق.‏
84




ئۇ بىر سەۋەبكە ئەگەشتى،
85




تاكى قۇياشنىڭ پاتىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ قارا پاتقاقلىق بۇلاققا پاتقانلىقىنى كۆردى ۋە قىرغاقتا بىر قەۋم ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى زۇلقەرنەين! خالىساڭ ئازابلىغىن خالىساڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدۇق.‏
86




ئۇ مۇنداق دېدى: «كىم زۇلۇم قىلسا ئۇنى ئازابلايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.‏
87




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار. بىز ئۇنى ئاسان ئىشلارغا بۇيرۇيمىز».‏
88




ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر سەۋەبكە ئەگەشتى،
89




تاكى كۈننىڭ چىقىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، بىز ئۇ قەۋم بىلەن كۈننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە قىلمىغان.‏
90




زۇلقەرنەين، ئەنە شۇنداق بىرى ئىدى. بىز ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەر نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق.‏
91




ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر سەۋەبكە ئەگەشتى،
92




تاكى ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بارغاندا، ئۇ يەردە ئاسانلىقچە سۆز چۈشىنەلمەيدىغان بىر قەۋم ئۇچراتتى.‏
93




ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا باج تۆلىسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سېلىپ بەرگەن بولساڭ!» دېدى.‏
94




زۇلقەرنەين ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ماڭا رەببىمنىڭ بەرگىنى يېتىپ ئاشىدۇ. ماڭا كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا توسما سېلىپ بېرەي.‏
95




ماڭا تۆمۈر پارچىلىرى كەلتۈرۈڭلار». زۇلقەرنەين يېغىلغان تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىككى تاغنىڭ ئارىسىنى تولدۇرۇپ، تاغلار بىلەن ئەينى سەۋىيەگە كەلتۈرگەن چېغىدا: «ئوت يېقىپ پۈۋلەڭلار» دېدى. ئۇ تۆمۈر پارچىلىرىنى قىزىتىپ ئوتتەك قىلغان چېغىدا بولسا: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىس كەلتۈرۈڭلار ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.‏
96




شۇنىڭ بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۇ توسمىدىن ئاشالمىدى، ھەم ئۇنى تېشەلمىدى.‏
97




زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ رەببىمنىڭ رەھمىتىدۇر. لېكىن رەببىمنىڭ ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە رەببىم ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. رەببىمنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ».‏
98




بىز ئۇ كۈنى ئۇلارنى[8] قويۇۋېتىمىز. ئۇلار دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر-بىرىگە گېرەلىشىپ دولقۇنلىنىدۇ. سۇر چېلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز.‏
99




بىز ئۇ كۈنى جەھەننەمنى كافىرلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرىمىز.‏
100




ئۇ كافىرلار شۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، كۆزلىرى مېنىڭ كىتابىمنى كۆرمەيتتى، قۇلاقلىرى ئۇنى ئاڭلىغىلى ئۇنىمايتتى.‏
101




كافىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي[9] قىلىۋېلىشنى ئويلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز جەھەننەمنى ئۇ كافىرلارنىڭ كۈتۈلىدىغان يېرى قىلىپ تەييارلىدۇق.‏
102




ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئەمەللىرىدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىپ كەتكۈچىلەرنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟».‏
103




ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى يوققا چىققان، لېكىن ئۆزلىرىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان كىشىلەردۇر.‏
104




ئەنە شۇلار، رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، بۇ سەۋەپتىن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ھېچ ئېتىبار بەرمەيمىز.‏
105




بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. چۈنكى ئۇلار كافىر بولغان، ئايەتلىرىمنى ۋە ئەلچىلىرىمنى مەسخىرە قىلغان.‏
106




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ كۈتۈلىدىغان يېرى فىردەۋس جەننەتلىرىدۇر.‏
107




ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ ۋە ئۇ جەننەتلەردىن ئايرىلىشنى ھېچ ئارزۇ قىلمايدۇ.‏
108




ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىزلار سىياھ بولسا ئىدى، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەستىن دېڭىزلار تۈگەپ كەتكەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنچىلىك سىياھ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ».‏
109




ئېيتقىنكى: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن».‏
110