ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

2- سۈرە بەقەرە مەدىنەدە نازىل بولغان، 286 ئايەت

ئەلىف، لام، مىيم.‏
1




ئۇ- بۇ كىتابتۇر[1]، ئىچىدە ھېچ شەك يوقتۇر، تەقۋادارلارنى[2] توغرا يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر[3].‏
2




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ[4].‏
3




ئۇلار يەنە شۇنداق كىشىلەركى، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە بولسا جەزمەن ئىشىنىدۇ.‏
4




ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر[5]، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر[6].‏
5




كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.‏
6




ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ بىر تۈرلۈك پەردە بار. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار[7].‏
7




ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ.‏
8




ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ‏
9




ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل زىيادە قىلدى. ئۇلارغا يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك‏‎ ‎‏ بار.‏
10




ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.‏
11




ئاگاھ بولۇڭلاركى، بۇزغۇنچىلار ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار تۇيمايدۇ.‏
12




ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ.‏
13




ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ.‏
14




ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.‏
15




ئەنە شۇلار ھىدايەتكە زالالەتنى سېتىۋالغان، بۇ سەۋەبتىن تىجارىتى پايدا بەرمىگەن ۋە توغرا يولدا ماڭمىغان كىشىلەردۇر. ‏
16




ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قويۇپ قويدى. ‏
17




ئۇلار گاس، گاچا ۋە كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قايتمايدۇ.‏
18




ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاسماندىن تۆكۈلگەن قاتتىق يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقلار، گۈلدۈرماما ۋە چاقماق بار. ئۇلار ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالىدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.‏
19




چاقماق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار قاچانىكى چاقماق ئەتراپىنى يورۇتسا يورۇقتا ماڭىدۇ، چاقماق ئۆچۈپ ئەتراپ قاراڭغۇلاشسا تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋېتەتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[8].‏
20




ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!‏
21




ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق سۈپىتىدە مېۋىلەرنى[9] چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىلىپ تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنى[10] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرمەڭلار!‏
22




ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئاندىن شۈبھىلەنگەن بولساڭلار، قېنى ئۇنىڭ ئوخشىشىدىن بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ئاللاھتىن باشقا پۈتكۈل شاھىدلىرىڭلارنى[11] چاقىرىڭلار! ئەگەر راستچىل بولساڭلار.‏
23




ئەگەر قىلمىساڭلار-ھەرگىزمۇ قىلالمايسىلەر- دوزاختىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇ دوزاخ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان.‏
24




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن[12] بىرەر رىزىق بېرىلسە، ئۇلار: «بۇ ئىلگىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن رىزىق» دەيدۇ. - ئۇلارغا بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان رىزىقلار بېرىلىدۇ- ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن[13] جۈپلەر بار ۋە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ‏
25




ئاللاھ بىر پاشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى كىچىك نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. مۇئمىنلار ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا «ئاللاھ بۇنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتە نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن فاسىقلارنىلا[14] ئازدۇرىدۇ.‏
26




ئۇ فاسىقلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدۇ[15] ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏
27




سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۆلۈكلەر ئىدىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ‏
28




ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ تەكشىلىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ‏
29




ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا خەلىپە قىلىمەن»[16] دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى. ‏
30




ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. ‏
31




پەرىشتىلەر: «سەن ئۇلۇغدۇرسەن. بىزنىڭ، سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچ ئىلمىمىز يوق. شۈبھىسىزكى، سەن بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى.‏
32




ئاللاھ: «ئى ئادەم! بۇلارغا شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىمەن، مەن سىلەر ئاشكارا قىلغان نەرسىنى ۋە سىلەر يوشۇرۇن قىلغان نەرسىنى بىلىمەن دېمىگەنمىدىم؟» دېدى. ‏
33




ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.‏
34




بىز «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە يەرلەشكىن، ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار. لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر!» دېدۇق.‏
35




لېكىن شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئۇ دەرەخ ئارقىلىق تېيىلدۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان ماقاملىرىدىن چىقىرىۋەتتى. بىز ئۇلارغا: «بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار» دېدۇق[17].‏
36




ئۇ ئەسنادا ئادەم رەببىدىن بىرقانچە سۆز ئېلىپ دەرھال تەۋبە قىلدى[18]، رەببى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
37




بىز ئۇلارغا: «ئۇ يەردىن ھەممىڭلار چۈشۈپ كېتىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» دېدۇق. ‏
38




كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر بولسا دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ‏
39




ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار![19]. ‏
40




مەن نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار، ئۇ سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلىغۇچىدۇر. ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى سىلەر بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! ‏
41




ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرماڭلار ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرماڭلار،‏
42




نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار. ‏
43




ئىنسانلارنى ياخشى بولۇشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇيسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟‏
44




سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. ‏
45




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز رەببىمىزگە مۇلاقات بولىمىز ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمىز دەپ ئويلايدۇ.‏
46




ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.‏
47




شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن شاپائەت[20] قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە[21] ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.‏
48




ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى.‏
49




ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزغانلىقىمىزنى ۋە كۆز ئالدىڭلاردا فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلىۋەتكەنلىكىمىزنى ئەسلەڭلار.‏
50




شۇنىمۇ ئەسلەڭلاركى، بىز مۇسا بىلەن قىرىق كېچىنى ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. سىلەر ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار. ‏
51




ئاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئەپۇ قىلغان ئىدۇق.‏
52




سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى ۋە فۇرقاننى[22] بەرگەن ئىدۇق.‏
53




ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزايغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار. دەرھال ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. بۇ ياراتقۇچىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ تەۋبەڭلەرنى چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېگەن ئىدى.‏
54




يەنە شۇنىمۇ ئەسلەڭلاركى، سىلەر «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېگەن چېغىڭلاردا، سىلەرنى دەرھال شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇراتتىڭلار. ‏
55




سىلەر بىر مۇددەت ئۆلۈك ھالەتتە قالغاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ قايتا تىرىلدۈردۇق. ‏
56




بۇلۇتنى ئۈستۈڭلارغا سايىۋەن قىلدۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق: «بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئىدى.‏
57




ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق. ‏
58




لېكىن زالىملار ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ زالىملارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار يولدىن چىققان ئىدى[23]. ‏
59




يەنە ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمى ئۈچۈن سۇ ئىزدىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭغا «ھاساڭنى شۇ تاشقا ئۇرغىن!» دېگەن ئىدۇق. مۇسا ھاسىسىنى ئۇ تاشقا ئۇرغان ئىدى، ئۇنىڭدىن دەرھال ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا: «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!» دېگەن ئىدۇق. ‏
60




سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىلەرنى ناچار نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!» دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى.‏
61




مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن[24] ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏
62




شۇنىمۇ ئەسلەڭلاركى، بىز سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.‏
63




ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتەتتىڭلار.‏
64




سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق.‏
65




بىز ئۇ ۋەقەنى زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت، تەقۋادارلارغا نەسىھەت قىلدۇق.‏
66




ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى.‏
67




شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟» دېگەن ئىدى، مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى.‏
68




ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق؟» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى. ‏
69




ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟ چۈنكى بىزنىڭچە كالىلار ئوخشىشىپ قالدى، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى.‏
70




مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى.‏
71




ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، گۇناھنى بىر-بىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىشقان ئىدىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر يوشۇرۇۋاتقان نەرسىنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتى.‏
72




بىز: «بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئۇرۇڭلار» دېدۇق. ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەقىل ئىشلەتكەيسىلەر! ‏
73




ئاندىن كېيىن قەلبلىرىڭلار يەنە قېتىپ كەتتى. تاشتەك، ھەتتا تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ كەتتى-شۇنداق تاشلار باركى، ئىچىدىن دەريالارنىڭ سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلار باركى، يېرىلىدۇ-دە، باغرىدىن سۇ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلارمۇ باركى، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۆۋەن تەرەپكە چۈشىدۇ- ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس. ‏
74




ئى مۇئمىنلار! سىلەر يەنىلا ئۇلار بىزگە ئىشىنەر دەپ ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پىرقە بار ئىدىكى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايتتى ۋە ئەقىللىرى بىلەن چۈشىنەتتى، ئاندىن كېيىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلايتتى.‏
75




ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، بىر-بىرلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا: «ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ھەقىقەتنى نېمە دەپ ئۇلارغا سۆزلەيسىلەر؟ ئۇلار بۇنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپمۇ؟ ئەقلىڭلار ئىشلىمەمدۇ؟» دېيىشىدۇ. ‏
76




ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇلار يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.‏
77




ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى[25] بار. بۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت بىر قىسىم قۇرۇق خىياللاردىنلا ئىبارەتتۇر. بۇلار پەقەتلا گۇمان قىلىدۇ.‏
78




كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!‏
79




ئۇلار: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيىمىز» دېدى. سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟- ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ- ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».‏
80




ياق، ئۇنداق ئەمەس. كىمكى يامانلىق قىلىدىكەن ۋە خاتالىقى ئۇنى قورشىۋالىدىكەن، ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىدۇر‎.‎‏ ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.‏
81




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.‏
82




ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا-ئاناڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر.‏
83




بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن يەنە: «بىر-بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەيسىلەر» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭغا سىلەرمۇ ئەھدە بەرگەن ئىدىڭلار، بۇنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ! ‏
84




ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسىلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. ياكى سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋاچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.‏
85




ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى دۇنيا ھاياتىغا ساتقان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلمەيدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ.‏
86




بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى[26] بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس[27] بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.‏
87




ئۇلار: «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارغا كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلار بەك ئاز ئىشىنىدۇ.‏
88




ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان كىتاب كەلسە، ئىلگىرى كافىرلارغا قارشى غەلىبە تىلىگەن بۇ يەھۇدىيلار، مانا ئەمدى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى تونۇغان نەرسە يېتىپ كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى ئەنە شۇنداق كافىرلارغا ياغىدۇ. ‏
89




ئۇلار ئۆزلىرىنى ساتقان نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئۆز پەزلىدىن نازىل قىلغانلىقىغا قىزغىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاتمۇقات غەزەپكە يولۇقتى. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. ‏
90




ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار» دېيىلسە، «بىز بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقىلا ئىشىنىمىز» دەيدۇ، باشقا كىتابلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇلارنىڭ كىتابىنى تەستىقلايدىغان ھەق كىتابتۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولساڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىنى نېمىشقا ئۆلتۈرەتتىڭلار؟». ‏
91




مۇسا سىلەرگە روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر بولساڭلار، ئۇ يوق چاغدا موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار. سىلەر ئەنە شۇنداق زالىمسىلەر!‏
92




شۇنى ئەسلەڭلاركى، سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. سىلەر: «قۇلاق سالدۇق ۋە ئاسىي بولدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن قەلبلىرىگە موزاينىڭ مۇھەببىتى ئىچۈرۈلگەن ئىدى[28]. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا!؟».‏
93




ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاخىرەت يۇرتى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگىلا ئائىت بولسا ۋە سىلەر بۇ دەۋايىڭلاردا سەمىمىي بولساڭلار، قېنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار!».‏
94




ئۇلار ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن يامان ئىشلارنى قىلدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ‏
95




چوقۇم كۆرىسەن، ئۇلار دۇنيا ھاياتىغا پۈتكۈل ئىنسانلاردىن بەك ھېرىسمەندۇر. ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ بەكرەك ھېرىسمەندۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆمرۈم مىڭ يىل بولغان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى بۇ قەدەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ ئازاپتىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
96




ئېيتقىنكى: «كىم جىبرىئىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى قۇرئاننى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلغان پەرىشتە شۇ جىبرىئىلدۇر. ئۇ قۇرئان ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، مۇئمىنلار ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى كىتابتۇر». ‏
97




كىم ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، جىبرىئىلغا ۋە مىكائىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كافىرلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.‏
98




بىز ساڭا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئۇ ئايەتلەرنى فاسىقلاردىن باشقىسى ئىنكار قىلمايدۇ. ‏
99




ئۇلار قاچانىكى بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇ ئەھدىنى بۇزىۋەتمىدىمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.‏
100




ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، كىتاب بىرىلگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئارقىسىغا ئېتىۋەتتى. ئۇلار گويا ھەقىقەتنى ھېچ بىلمەيدىغاندىكىدەك ئىش قىلدى. ‏
101




ئۇلار شەيتانلارنىڭ سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئويدۇرۇپ چىققان يالغانلىرىغا ئەگەشتى. سۇلەيمان كافىر بولمىدى، لېكىن ئۇ شەيتانلار كافىر بولدى. ئۇلار ئىنسانلارغا سېھىرنى ۋە بابىلدىكى ھارۇت ۋە مارۇت ئىسىملىك ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۆگىتەتتى. ھالبۇكى، ئۇ ئىككى پەرىشتە: «بىز ئىمتىھان ۋاسىتىسىمىز. ھەرگىزمۇ كافىر بولمىغىن!» دېمەستىن بىلگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئۆگەتمەيتتى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككى پەرىشتىدىن ئەر بىلەن خوتۇنىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار سېھرىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى سېتىۋەتكەن نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!‏
102




ئۇلار ئىمان ئېيتىپ گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!‏
103




ئى مۇئمىنلار! «رائىنا» دېمەڭلار، «ئۇنزۇرنا» دەڭلار، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار[29]. ‏
104




ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار، رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق چۈشۈرۈلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگىلا ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر. ‏
105




بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ[30] قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
106




بىلمەمسەن؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي[31] ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.‏
107




ياكى سىلەر رەسۇلۇڭلارغا ئىلگىرى مۇساغا قويۇلغاندەك تەلەپلەرنى قويماقچىمۇ؟ كىم ئىماننى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. ‏
108




ئەھلى كىتابنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن، ئىچ- ئىچىدىن ھەسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى ئەمرى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار[32]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
109




نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىش قىلغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنى تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
110




ئۇلار: «يەھۇدىيلار ياكى ناسارالاردىن باشقا ھېچكىم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق خىياللىرىدۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!».‏
111




ياق، ئۇنداق ئەمەس! كىمكى سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏
112




يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى. ھالبۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ كىتابنى ئوقۇيدۇ. بىلمەيدىغانلارمۇ بىر-بىرلىرى توغرىسىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلىشتى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار كېلىشەلمىگەن نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.‏
113




ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىلى قويمىغان[33] ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.‏
114




مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. قەيەرگە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].‏
115




ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ياق، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممىسى ئاللاھقا بويسۇنماقتىدۇر. ‏
116




ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت: «بول!» دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ[35].‏
117




بىلمەيدىغانلار: «ئاللاھ نېمـە ئۈچۈن بىزگىمۇ گەپ قىلمايدۇ ياكى نېمـە ئۈچۈن بىزگىمۇ ئايەت[36] ئەۋەتمەيدۇ؟» دېدى. بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ شۇنداق دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كەتتى، بىز جەزمەن ئىشىنىدىغانلارغا ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. ‏
118




بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن. ‏
119




سەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». ئەگەر سەن، ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ۋەلىي[37] ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.‏
120




بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز لايىقىدا تىلاۋەت[38] قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ئۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. كىمكى ئۇ كىتابقا كافىر بولىدىكەن، ئۇلار چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏
121




ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار.‏
122




شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمگە شافائەتنىڭ[39] پايدىسى بولمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.‏
123




شۇنىمۇ ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىرقانچە كەلىمە[40] بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندا رەببى ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «نەسلىمدىنمۇ...» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئەھدىم زالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېدى.‏
124




ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن ساۋاب قازىنىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ئىدۇق. سىلەر ئىبراھىمنىڭ تۇرغان يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى نامازگاھ قىلىڭلار. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق. ‏
125




ئۇ چاغدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى تىنچ شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن[41] رىزىق بەرگىن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى. ‏
126




ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن.‏
127




رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.‏
128




رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتكى، ئۇلارغا سېنىڭ ئايەتلىرىڭنى تىلاۋەت قىلىپ بەرسۇن، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگەتسۇن، ئۇلارنى پاكلىسۇن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».‏
129




ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەخمەقلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنى دۇنيادا تاللىدۇق. شۈبھىسزكى، ئىبراھىم ئاخىرتتىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ. ‏
130




چۈنكى رەببى ئۇنىڭغا: «تەسلىم بول» دېگەندە، ئۇ دەرھال: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولدۇم!» دېگەن ئىدى. ‏
131




بۇ دىنغا ئەمەل قىلىشنى ئىبراھىم ئۆز بالىلىرىغا تاپشۇردى، يەئقۇبمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار: «ئى بالىلىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ دىننى تاللىدى. ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار!» دېدى.‏
132




ياكى سىلەر يەئقۇبقا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟! ئۇ بالىلىرىغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر كىمگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەندە، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، ئاتىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئىلاھقا چوقۇنىمىز، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.‏
133




ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر. ‏
134




ئۇلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».‏
135




ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى باشقىسىدىن پەرقلىق دەپ قارىمايمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز».‏
136




ئەگەر ئۇلارمۇ سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ، ئەگەر يۈز ئۆرۈسە سىلەردىن ئايرىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
137




«بىز ئاللاھنىڭ بويىقى[42] بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دەڭلار[43].‏
138




ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھ توغرىسىدا بىز بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزنىڭ، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرنىڭدۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن كىشىلەرمىز».‏
139




ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دېمەكچىمۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». ئاللاھ نازىل قىلغان شەكسىز خەۋەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس.‏
140




ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر. ‏
141




ئىنسانلاردىن بىر قىسىم ئەخمەقلەر: «ئۇلارنى[44] يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ». ‏
142




شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت[45] قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ‏
143




كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات-پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.‏
144




كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن.‏
145




بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.‏
146




بۇ ھەقىقەت سېنىڭ رەببىڭدىندۇر. ئۇ ھالدا ھەرگىز شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولما!‏
147




ھەر ئۇممەتنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى بار. ئۇنداقتا سىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا بىر-بىرىڭلار بىلەن بەسلىشىڭلار. قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممىڭلارنى يىغىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
148




قەيەردە نامازغا تۇرساڭ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. بۇ چوقۇم رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس. ‏
149




ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. بۇ زالىملاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ سىلەرگە قارشى دەلىلى بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. شۇنىڭدەك، بۇ مېنىڭ سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىشىم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر.‏
150




بىزنىڭ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ شۇنداق ئىدى[46]. ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ.‏
151




ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن[47]. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار.‏
152




ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.‏
153




ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى «ئۆلۈك» دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر. ‏
154




شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.‏
155




ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز، شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز!» دەيدۇ.‏
156




ئەنە شۇلارغا رەببىنىڭ ياردەملىرى ۋە رەھمىتى ياغىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر.‏
157




شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭ سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ‏
158




بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.‏
159




لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن.‏
160




كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ.‏
161




ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. ‏
162




سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
163




شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.‏
164




ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى[48] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!‏
165




ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. ‏
166




شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا-جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ‏
167




ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر. ‏
168




ھەمدە ئۇ سىلەرنى داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىشقا، ھاياسىزلىق قىلىشقا ۋە ئاللاھ توغرىسىدا بىلمەي گەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.‏
169




ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق! بىز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرى ئەقلىنى ھېچ نەرسىگە ئىشلەتمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟‏
170




كافىرلارنىڭ ئەھۋالى، چاقىرىشنى ۋە نىدانىلا ئاڭلاپ توۋلايدىغان نەرسىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.‏
171




ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار!‏
172




ئاللاھ سىلەرگە ئۆلتۈرۈپ يىگىلى بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنىنى، قاننى، توڭگۇزنىڭ گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىلا ھارام قىلدى. لېكىن كىم چەكتىن ئاشمىغان ۋە ھەددىدىن ئاشمىغان ھالدا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ ئۇلاردىن يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
173




ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.‏
174




ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە! ‏
175




شۇنداق، چۈنكى ئاللاھ كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان. ئۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.‏
176




مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلارلا ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا-مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر. ‏
177




ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش پەرز قىلىندى: ھۆرگە ھۆر، قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال. قېرىندىشى تەرىپىدىن قىسمەن ئەپۇ قىلىنغان كىشى مەئرۇفقا ئەگىشىپ[49]، ئەپۇ قىلغان قېرىندىشىغا چىرايلىقچە دىيەتنى[50] تۆلىشى لازىم. بۇ رەببىڭلارنىڭ ئاسانلاشتۇرىشى ۋە رەھىم قىلىشىدۇر. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بار. ‏
178




ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار. بۇ سەۋەب بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىسىلەر!‏
179




سىلەردىن بىرەيلەن كۆپ مال قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن ۋەسىيەتنى[51] مەئرۇفقا ئۇيغۇن ئىجرا قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. بۇ تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەزىپىدۇر.‏
180




كىمكى ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ گۇناھى ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىلەرگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
181




كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ بىرەر ناھەقچىلىك قىلىشىدىن ياكى بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن قورقىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
182




ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. خۇددى سىلەردىن بۇرۇنقىلارغا پەرز قىلىنغاندەك. تەقۋادار بولغايسىلەر! ‏
183




روزا ساناقلىق كۈنلەردە پەرز قىلىندى. سىلەردىن كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار فىديە بەرسۇن. فىدىيە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردىكى تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ‏
184




ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[52]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[53]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر! ‏
185




بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ.‏
186




روزا تۇتقان كۈنلىرىڭلارنىڭ كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىم، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نەپسىڭلارنى يېڭەلمەيۋاتقانلىقىڭلارنى بىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېچىلىرى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ، ئاللاھ سىلەرگە يازغان نەرسىنى تەلەپ قىلىڭلار، تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن سىلەرگە ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار. ئاندىن كېيىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار. مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولماڭلار. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر، ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئىنسانلارنى تەقۋادار بولسۇن دەپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ‏
187




بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار. ‏
188




ئۇلار سەندىن ھىلاللار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھىلاللار ئىنسانلار ئۈچۈن ۋە ھەج ئۈچۈن ۋاقىت ئۆلچەملىرىدۇر». ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىق ئەمەس[54]. لېكىن ياخشىلىق تەقۋادار بولغان كىشىنىڭ قىلمىشىدۇر. ئۇنداقتا ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. ‏
189




سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەرمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏
190




ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقارغان يەردىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار. فىتنە[55] ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر. مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىغىچە سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداقتۇر.‏
191




ئەگەر ئۇلار توختىسا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ‏
192




فىتنە تۈگەپ دىن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار توختىسا، زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك قىلىنمايدۇ. ‏
193




ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايغا ئوخشاشتۇر. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇشماسلىق قائىدىلىرىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاش رىئايە قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن كىم سىلەرگە تاجاۋۇز قىلسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن تاجاۋۇز قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.‏
194




ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى تەھلىكىگە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.‏
195




ھەج ۋە ئۆمرەڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال جايىغا يېتىپ بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ياكى بېشىدىن بىرەر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بېشىنى چۈشۈرسە فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا، كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا[56] قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلسۇن. تاپالمىغانلار ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا ۋەتىنىدە يەتتە كۈن بولۇپ، جەمئىي تولۇق ئون كۈن روزا تۇتسۇن. بۇ ھۆكۈم ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەمنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.‏
196




ھەج مەلۇم ئايلاردىدۇر. كىم بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىسا، بىلسۇنكى ھەج ئەسناسىدا ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇشقا، گۇناھ قىلىشقا ۋە جېدەللىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىقتىن نېمە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!‏
197




ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئاللاھنى سىلەرگە كۆرسەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.‏
198




ئاندىن ئىنسانلار سەلدەك ئاققان يەردىن سىلەرمۇ سەلدەك ئېقىڭلار. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
199




ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى زىكىر قىلغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن» دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.‏
200




ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.‏
201




ئەنە شۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر.‏
202




ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يوق. بۇ تەقۋادار بولغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىسىلەر.‏
203




ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەندۇر.‏
204




ئۇ، ئەمەل تۇتسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئېكىن ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏
205




ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!‏
206




ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر.‏
207




ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار[57]. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر. ‏
208




ئەگەر سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ھەقتىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏
209




شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر، ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بۇلۇت سايىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى ۋە ئىشلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ساقلاۋاتامدۇ؟ ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ. ‏
210




ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: بىز ئۇلارغا روشەن ئايەتلەردىن قانچىلىك ئاتا قىلدۇق؟ كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ قاتتىق جازا بەرگۈچىدۇر.‏
211




كافىرلارغا دۇنيا ھاياتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. تەقۋادارلار قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئۈستۈندۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.‏
212




ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى. ئاندىن ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى نەبىيلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى، ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ نازىل قىلدى. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ‏
213




سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر. ‏
214




ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ». ‏
215




سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىندى، لېكىن سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. سىلەر ياقتۇرمىغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. سىلەر ياقتۇرغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.‏
216




ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كافىر بولۇش، مەسجىدى ھەرەمنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. فىتنە ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر». ئۇلار كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر توختىماي سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كافىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ‏
217




ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ‏
218




ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قىسىم پايدىلار بار. لېكىن ئىككىسىنىڭ گۇناھى پايدىسىدىن چوڭدۇر». ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار»[58]. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر. ‏
219




يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغايسىلەر. ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى تەربىيەلەپ ماللىرىنى كۆپەيتىش ياخشى ئىشتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر». ئاللاھ كىمنىڭ بۇزغۇچى، كىمنىڭ تۈزىگۈچى بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ‏
220




مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن دېدەك، مۇشرىك ئايالدىن ياخشىدۇر. بۇ مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا نىكاھلاپ بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن قۇل، مۇشرىك ئەردىن ياخشىدۇر. بۇ مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئېنىق بىلدۈرۈشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئېسىدە ساقلىسۇن دەپ ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ.‏
221




ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار[59]. ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.‏
222




ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر ئېتىزلىقتۇر. ئېتىزلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىڭلار[60]، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا چوقۇم مۇلاقات بولىسىلەر. مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. ‏
223




ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتىم دەپ ياخشىلىق قىلىشتىن، تەقۋادارلىق قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باش تارتماڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
224




ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىك بىلەن ئىچكەن قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلدىن نىيەت قىلىپ ئىچكەن قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر. ‏
225




ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولماسلىققا قەسەم ئىچكەن ئەرلەرنىڭ تۆت ئاي ساقلاش ھەققى بار. ئۇلار بۇ مۇددەت ئىچىدە قەسەملىرىدىن يانسا ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
226




ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىشنى نىيەت قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
227




تالاق قىلىنغان ئاياللار ئېرى بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئۈچ قۇرئى ساقلايدۇ[61]. ئۇلارنىڭ، ئۆز بالىياتقۇلىرىدا ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى[62] يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بولسا ئۇنى يوشۇرمايدۇ. ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار. لېكىن ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بىر دەرىجە ئارتۇقتۇر[63]. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ‏
228




يېنىۋالغىلى بولىدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەر ئايالىنى يا ياخشىلىق بىلەن نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىشى لازىم. ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال-مۈلكۈڭلاردىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتكەنلەر ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.‏
229




بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تېگىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغىچە ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تەگكەن بولۇپ، بۇ ئەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردە، ئاۋۋالقى ئېرى بىلەن ئاللاھنىڭ چېگرالىرىغا رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قايتا نىكاھلانسا، ھەر ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.‏
230




ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، يا ئۇلارنى مەئرۇف بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى مەئرۇف بىلەن قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەرگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمىتىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
231




ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ، تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەئرۇف[64] بويىچە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار. بۇ سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.‏
232




ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاتا-ئانا ئۆز-ئارا كېڭىشىپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن بالىنى ئىككى يىل توشماستىن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، ئۇ ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، بېرىدىغىنىڭلارنى مەئرۇف بويىچە تاپشۇرساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
233




سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارقىسىدا قويغان ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ‏
234




ئۇ ئاياللارغا ئۆيلىنىش تەكلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار، ياكى ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتىڭلارنى ئىچىڭلاردا ساقلىساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى زىكىر قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدى. ئۇلار بىلەن يوشۇرۇنچە ۋەدىلەشمەڭلار، لېكىن ئۇلارغا مەئرۇفقا ئۇيغۇن گەپ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشماستىن نىكاھ توختامىنى تۈزۈشكە بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىچىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر.‏
235




نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، تويلۇقىنىمۇ بەلگىلىمىگەن ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا تويلۇق بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوق. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا پايدىلانغۇدەك نەرسە بېرىڭلار. بۇنى قولى ئۇزۇن بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا، قولى قىسقا بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا مەئرۇفقا ئۇيغۇن شەكىلدە بەرسۇن. بۇ ياخشىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقتۇر.‏
236




نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، لېكىن تويلۇقىنى بەلگىلەپ بولغان ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا بەلگىلىگەن تويلۇقۇڭلارنىڭ يېرىمىنى بېرىشىڭلار كېرەك. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان ئۇ يېرىم تويلۇقنى ياكى ئۇنىڭ بىر مىقدارىنى ئالمىسىمۇ ياكى ئەر ئۇنىڭغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بەرسىمۇ بولىدۇ. ئى ئەرلەر! سىلەرنىڭ ئۇلارغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بېرىشىڭلار تەقۋالىققا تېخىمۇ يېقىندۇر. ئاراڭلاردىكى پەرقنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
237




نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى[65] مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار. ‏
238




ئەگەر قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھنى سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار.‏
239




سىلەردىن ئاياللىرىنى قويۇپ ئۆزلىرى ۋاپات قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىلمەي بىر يىل بېقىلىشىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇ ئاياللار چىقىپ ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏
240




تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ مەئرۇفقا ئۇيغۇن نەپىقە ھەققى بار. بۇ تەقۋادارلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقتۇر.‏
241




ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر! ‏
242




ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ مىڭلىغان كىشلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۆلۈڭلار!» دېدى، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.‏
243




ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
244




ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىغان كىم بار؟ ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئازمۇ بېرىدۇ، كۆپمۇ بېرىدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ‏
245




ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىيىسىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!» دېگەن ئىدى. ئۇ نەبىي ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، بالا-چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!» دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ‏
246




نەبىيىسى ئۇلارغا: «ئاللاھ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئۇ بىزگە قانداقمۇ پادىشاھ بولىدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بايمۇ ئەمەس!» دېيىشتى. نەبىي: «ئاللاھ ئۇنى تاللاپ سىلەرگە پادىشاھ قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى ۋە بوي-بەستىنى زىيادە قىلدى. ئاللاھ مۈلكىنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.‏
247




نەبىيىسى ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى ساندۇقنىڭ سىلەرگە كېلىشىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە رەببىڭلاردىن ھۇزۇر، مۇسا ۋە ھارۇن ئائىلىلىرىنىڭ مىراسلىرىدىن قالدۇق بار. ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن روشەن ئالامەتتۇر».‏
248




تالۇت قوشۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارارگاھتىن چىقارغاندا ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر ئۆستەڭ بىلەن سىنايدۇ. كىم ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس. كىم ئۇنىڭدىن ئىستېمال قىلمايدىكەن، ئۇ مەندىندۇر. قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچكەنلەر ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىلار ئۇ ئۆستەڭدىن سۇ ئىچتى. ئاندىن تالۇت ۋە مۇئمىنلار بىرلىكتە ئۇ ئۆستەڭدىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلار: «بىزنىڭ بۈگۈن جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ھەرگىزمۇ تاقىتىمىز يەتمەيدۇ!» دېدى. ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار بولسا: «نۇرغۇن كىچىك قوشۇنلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ قوشۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېدى. ‏
249




ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەندە مۇنداق دۇئا قىلىشتى: «رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن، ئاياغلىرىمىزنى تېيىلدۇرمىغىن، شۇ كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!».‏
250




ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ سېپىدىكى داۋۇد كافىرلارنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى[66] ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.‏
251




ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى ساڭا ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن ئەلچىلىرىمدىنسەن!‏
252




ئۇلار ئەلچىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە گەپ قىلدى، بەزىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدى. بىز مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىر-بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئۇلار بۆلۈندى: بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كافىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر-بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.‏
253




ئى مۇئمىنلار! بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن، ئېلىم-سېتىم، دوستلۇق ۋە شاپائەت يوق كۈن كېلىشتىن بۇرۇن چىقىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كافىرلار زالىملاردۇر. ‏
254




ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شاپائەت قىلالىسۇن!؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمىدىن- ئۇنىڭ خالىغىنىدىن باشقا- ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۇرسىسى[67] ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.‏
255




دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى[68] ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
256




ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر[69]. ئاللاھ ئۇلارنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ. كافىرلارنىڭ ۋەلىيلىرى تاغۇتلاردۇر. ئۇلار كافىرلارنى نۇردىن زۇلمەتلەرگە چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ‏
257




ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەن كىشى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.‏
258




تۆۋەندىكى كىشىگىنى كۆرمىدىڭمۇ: ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان يۇرتتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ: «ئاللاھ ئۆلگەن بۇ يۇرتنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دېدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» دېدى. ئاللاھ: «ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارىغىن، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارىغىن. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىز، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن» دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم» دېدى.‏
259




ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىسەن، ماڭا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن دەپ بۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەببى مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن. ئاندىن ئۇلارنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ‏
260




ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان مېلىنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان بولغان بىر دانە ئۇرۇقنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ‏
261




ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىپ ئاندىن مىننەت قىلمايدىغان ۋە رەنجىتمەيدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏
262




چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش سەدىقە قىلىپ بولۇپ رەنجىتكەندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر.‏
263




ئى مۇئمىنلار! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىدەك بولماڭلار. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ، ئەسلى ھالىتى چىقىپ قالغان سىلىق قورام تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئۆز ئەمەللىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.‏
264




ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئىمانىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئېگىزلىككە جايلاشقان، كۆپ يامغۇر ياغسا ئىككى قات مەھسۇلات بېرىدىغان، كۆپ يامغۇر ياغمىسا چۈشكەن شەبنەم بىلەن قېنىپ مەھسۇلات بېرىدىغان گۈزەل باغنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
265




سىلەردىن بىرى خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك، ئىچىدە ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بولغان بىرەر بېغى بولۇشىنى، ئۆزىگە قېرىلىق يېتىپ بالىلىرىنىڭ تېخى ئۇششاق بولۇشىنى، مۇشۇنداق چاغدا كۆيدۈرگۈچى بوران كېلىپ ئۇ باغنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلامدۇ؟ ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر.‏
266




ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى چىقىم قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.‏
267




شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتۇپ، قەبىھ ئىشقا[70] بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ بولسا سىلەرگە ئۆزىنىڭ مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
268




ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ.‏
269




نېمە چىقىم قىلساڭلار ياكى قانداق نەزىرنى[71] نەزىر قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. ‏
270




سەدىقىلەرنى[72] ئاشكارا بەرسەڭلار، نېمىدېگەن ياخشى! لېكىن ئۇلارنى پېقىرلارغا مەخپىي بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەرنىڭ بەزى يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏
271




ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقىم قىلغان بولىسىلەر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا چىقىم قىلىشىڭلار كېرەك. چىقىم قىلغان مېلىڭلارنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.‏
272




خەير-ئېھسانلىرىڭلارنى، ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، بۇ سەۋەبتىن رىزىق ئىزدەپ زېمىندا سەپەر قىلىشقا پۇرسەت تاپالمايدىغان، تىلەمچىلىك قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن تونۇمىغانلار باي دەپ ئويلايدىغان پېقىرلەرگە بېرىڭلار. سەن ئۇلارنى سېماسىدىن تونۇيسەن. ئۇلار ھېچكىمدىن ئېسىلىۋېلىپ بىر نەرسە تىلىمەيدۇ. قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ‏
273




ماللىرىنى كېچە ۋە كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏
274




ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ جازانىخورلۇقتىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.‏
275




ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏
276




ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏
277




ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.‏
278




ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر.‏
279




ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ‏
280




شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.‏
281




ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارغا مۇئەييەن مۇددەتكىچلىك بىرەر قەرز بىلەن قەرزدار بولۇشقان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەر كىشىلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئېلىم-سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏
282




سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ يېزىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىساڭلار، قەرزداردىن گۆرۈگە بىرەر نەرسە ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر بىر-بىرىڭلارغا ئىشىنىپ قەرز مۇئامىلىسى قىلغان بولساڭلار، ئىشەنچ قىلىنغان كىشى ئامانىتىنى ئادا قىلسۇن[73]، رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار. كىمكى گۇۋاھلىقنى يوشۇرىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى گۇناھكاردۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ‏
283




ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
284




ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەندى. مۇئمىنلارمۇ قۇرئانغا ئىشەندى. ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ۋە: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئارىسىدا بىرەر پەرق كۆرمەيمىز» دېدى. ئۇلار يەنە: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق. رەببىمىز! بىزنى كەچۈرگىن، ئاخىرى سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا قايتىمىز» دەيدۇ.‏
285




ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەركىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، قىلغان يامانلىقىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ. ئۇ ئەلچى ۋە ئۇ مۇئمىنلار مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! ئەگەر ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق بىزنى جازالىمىغىن. رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن. رەببىمىز! بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى توشۇتقۇزمىغىن. بىزنى ئەپۇ قىلغىن[74]، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن[75]، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن[76]. سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن».‏
286




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى