تا، ھا.
|
1
|
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى جاپا تارتىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق.
|
2
|
پەقەت ئەيمىنىدىغان كىشىگە ئەسلىتىش[1] ئۈچۈن نازىل قىلدۇق[2].
|
3
|
ئۇ، زېمىننى ۋە ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىندى.
|
4
|
رەھمان ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى.
|
5
|
ئۇ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەرنىڭ تەكتىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.
|
6
|
ئەگەر سۆزنى ئاشكارا سۆزلىسەڭ، ئۇ سىرنى ۋە سىردىنمۇ مەخپىيرەكىنى بىلىدۇ.
|
7
|
ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، چىرايلىق ئىسىملارنىڭ ئىگىسىدۇر.
|
8
|
ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
|
9
|
ئۇ بىر ئوت كۆرۈپ ئائىلىسىگە: «توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوت بايقىدىم. يا ئۇنىڭدىن سىلەرگە چوغ ئېلىپ كېلىمەن ياكى ئوتنىڭ يېنىدا بىرەر يول كۆرسەتكۈچى تاپىمەن» دېگەن ئىدى.
|
10
|
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا!
|
11
|
مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن! كەشلىرىڭنى سىلىۋەتكىن! چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن.
|
12
|
مەن سېنى تاللىدىم. ھازىر ساڭا قىلىنىدىغان ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن:
|
13
|
شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىلغىن ۋە مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن!
|
14
|
شۈبھىسىزكى، قىيامەت قايىم بولىدۇ. ھەر كىم ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشسۇن دەپ ئۇنىڭ ۋاقتىنى مەخپىي تۇتىۋاتىمەن.
|
15
|
قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا ئىشەنمەي، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر سېنى ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن توسمىسۇن. بولمىسا ھالاك بولۇپ كېتىسەن!
|
16
|
ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە؟».
|
17
|
مۇسا: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمنىمۇ قامدايمەن» دېدى.
|
18
|
ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى.
|
19
|
مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ بىردىنلا يىلان بولۇپ تېز مېڭىشقا باشلىدى.
|
20
|
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، بىز ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز.
|
21
|
قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ، باشقا بىر مۆجىزە بولسۇن.
|
22
|
بىز بۇ ئارقىلىق ساڭا بىر قىسىم چوڭ مۆجىزلىرىمىزنى كۆرسىتىمىز.
|
23
|
فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».
|
24
|
مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن،
|
25
|
ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن،
|
26
|
تىلىمنى راۋان قىلغىن،
|
27
|
ئۇلار سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.
|
28
|
ئائىلەمدىن بىرىنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگىن:
|
29
|
قېرىندىشىم ھارۇننى.
|
30
|
ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۈچلەندۈرگىن،
|
31
|
ئۇنى ۋەزىپەمدە ماڭا شېرىك قىلغىن،
|
32
|
بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتايلى،
|
33
|
سېنى كۆپ زىكىر قىلايلى،
|
34
|
سەن بىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن».
|
35
|
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! سورىغانلىرىڭ ساڭا بېرىلدى.
|
36
|
بىز ساڭا ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق.
|
37
|
بىز ئۇ چاغدا ئاناڭغا مۇنداق ۋەھىي قىلغان ئىدۇق:
|
38
|
‹ئۇنى ساندۇققا سېلىپ، دەرياغا قويۇپ بەرگىن. دەريا ئۇنى قىرغىقىغا تاشلىسۇن. ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى بولغان بىرى ئالسۇن›. ئى مۇسا! سېنى كۆز ئالدىمدا يېتىشسۇن دەپ سۆيۈملۈك قىلدىم.
|
39
|
ئى مۇسا! ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ئىز - دېرىكىڭنى ئېلىشقا چىققان ھەمشىرەڭ، دەريادىن سېنى ئالغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹سىلەرگە، بۇ بالىنى ئوبدان باقىدىغان بىرىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئاناڭنى خۇش بولسۇن ۋە قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، بىز سېنى ئۇ ۋەقەنىڭ غېمىدىن قۇتقۇزدۇق ۋە سېنى نۇرغۇن قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدۇق، مەديەن خەلقى ئىچىدە بىرقانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدىڭ.
|
40
|
مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈردۈم.
|
41
|
سەن ۋە قېرىندىشىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكىرىمدە بوشاڭلىق قىلماڭلار.
|
42
|
ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
|
43
|
ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن».
|
44
|
مۇسا بىلەن ھارۇن: «رەببىمىز! ئۇنىڭ دەۋىتىمىزنى ئاڭلىمايلا بىزگە يامانلىق قىلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېدى.
|
45
|
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئاڭلاپ تۇرىمەن، كۆرۈپ تۇرىمەن.
|
46
|
ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى ئازابلىمىغىن. بىز ساڭا رەببىڭدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق. ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام.
|
47
|
بىزگە راستنى يالغان دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋەھىي قىلىندى›».
|
48
|
فىرئەۋن: «ئى مۇسا! سىلەرنىڭ رەببىڭلار كىم؟» دېدى.
|
49
|
مۇسا: «بىزنىڭ رەببىمىز، ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن زاتتۇر» دېدى.
|
50
|
فىرئەۋن: «ئۇنداق بولسا، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟» دېدى.
|
51
|
مۇسا: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىدىكى كىتابتىدۇر. رەببىم خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ» دېدى.
|
52
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە يوللار ئاچتى ۋە ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن خىلمۇخىل جۈپ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق.
|
53
|
يەڭلار ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنى ئوتلىتىڭلار. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
|
54
|
بىز سىلەرنى زېمىندىن ياراتتۇق، سىلەرنى زېمىننىڭ ئىچىگە قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز.
|
55
|
بىز فىرئەۋنگە مۆجىزىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق. لېكىن فىرئەۋن ئۇلارنى يالغان دېدى ۋە باش تارتتى.
|
56
|
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! سەن سېھرىڭ بىلەن بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋەتكىلى كەلدىڭمۇ؟
|
57
|
بىزمۇ ساڭا سېنىڭكىگە ئوخشاش سېھىر كۆرسىتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىشىش ۋاقتى بەلگىلىگىن. ئۇنىڭغا ھېچ قايسىمىز خىلاپلىق قىلمايلى. ئۇچرىشىدىغان يېرىمىزمۇ ئۇيغۇن يەر بولسۇن».
|
58
|
مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى.
|
59
|
شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، تەۋەلىكىدە قانچىلىك سېھىرگەر ۋە سېھىر ئەسۋابى بولسا ھەممىسىنى يىغدى. ئاندىن ۋەدىلەشكەن يەرگە كەلدى.
|
60
|
مۇسا ئۇلارغا: «ئىسىت سىلەرگە! ئاللاھقا يالغان چاپلىماڭلار، بولمىسا ئاللاھ سىلەرگە ئازاب ئەۋەتىپ يىلتىزىڭلارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ. بوھتان چاپلىغانلار ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى.
|
61
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نېمە ئىش قىلىشى توغرۇلۇق ئۆزئارا يوشۇرۇنچە تالاش - تارتىش قىلىشتى.
|
62
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بۇلار ئىككى سېھىرگەر بولۇپ، سېھىرلىرى بىلەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە سىلەرنىڭ ئۈلگىلىك يولۇڭلارنى يوقاتماقچى!
|
63
|
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھۈنەرلىرىڭلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن مەيدانغا سەپ بولۇپ چىقىڭلار. بۈگۈن كىم ئۈستۈن كەلسە، شۇ مۇرادىغا يېتىدۇ»[3].
|
64
|
ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن؟ ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.
|
65
|
مۇسا: «ياق، ئاۋۋال سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى ۋە ھاسىلىرى، ئۇلارنىڭ سېھىرلىرى تەسىرىدىن بىردىنلا مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈندى.
|
66
|
بۇ سەۋەبتىن ئۇ، ئىچىدە قورقۇش ھېس قىلدى.
|
67
|
بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «قورقمىغىن! سەن ئەلۋەتتە غالىپ كېلىسەن.
|
68
|
ئوڭ قولۇڭدىكىنى تاشلغىن، ئۇلارنىڭ قىلغان سېھىرلىرىنى يۇتۇۋەتسۇن. ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. سېھىرگەر ھېچقانداق يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
|
69
|
نەتىجىدە سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ: «بىز ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.
|
70
|
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار! دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن چوڭۇڭلاردۇر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس قىلىپ كەستۈرىمەن ۋە سىلەرنى خورما دەرەخلىرىگە ئاستۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ۋە ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر».
|
71
|
سېھىرگەرلەر مۇنداق دېدى: «بىز سېنى ھەرگىزمۇ بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ئۈستۈن كۆرمەيمىز. قانداق ھۆكۈم قىلساڭ قىلغىن، سەن پەقەت بۇ دۇنيادىلا ھۆكۈم قىلىسەن.
|
72
|
بىز رەببىمىزگە ئىمان ئېيتتۇق. ئۇنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، بولۇپمۇ سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ بىلەن سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر، ئازابى باقىيدۇر».
|
73
|
ھەقىقەت شۇكى، كىم رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا گۇناھكار ھالدا كېلىدىكەن، ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ جەھەننەمدە يا ئۆلمەيدۇ يا ياشىمايدۇ.
|
74
|
كىمكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىن ھالىتىدە كېلىدىكەن، مانا بۇلارغا ئالىي دەرىجىلەر بار:
|
75
|
ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. مانا بۇ ئۆزىنى پاك تۇتقانلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
|
76
|
بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىسى يولغا چىققىن، دېڭىزدا ئۇلارغا قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، بۇ ئەسنادا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقمىغىن، غەرق بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىگىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
|
77
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىققان ئىدى، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ كەلدى. نەتىجىدە فىرئەۋن ۋە قوشۇنلىرى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك سۇلىرى ئاستىدا قالدى.
|
78
|
فىرئەۋن قەۋمىنى ئازدۇردى ۋە توغرا يولغا باشلىمىدى.
|
79
|
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەر بىلەن سىينا تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەھدىلەشتۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.
|
80
|
بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە تۇزكورلۇق قىلماڭلار، بولمىسا غەزىپىمگە يولۇقىسىلەر. شۈبھىسىزكى، غەزىپىمگە يولۇققانلار ئەلۋەتتە ھالاك بولىدۇ.
|
81
|
شۈبھىسىزكى، مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىگە ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىمەن.
|
82
|
ئاللاھ: «ئى مۇسا! نېمىشقا قەۋمىڭدىن ئايرىلىپ ئالدىراپ كەلدىڭ؟» دېدى.
|
83
|
مۇسا: «ئۇلار مېنىڭ ئىزىمدىدۇر. مەن رازىلىقىڭغا ئېرىشەي دەپ ئالدىراپ كەلدىم رەببىم!» دېدى.
|
84
|
ئاللاھ: «بىز سەندىن كېيىن قەۋمىڭنى سىنىدۇق. سامىرىي ئۇلارنى ئازدۇردى» دېدى.
|
85
|
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلار سىلەرگە چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ؟ ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ؟ ياكى ئۈستۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشنى ئىرادە قىلىپ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟».
|
86
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئۆز ئىرادە ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن خىلاپلىق قىلمىدۇق. لېكىن بىز ئۇ قەۋمنىڭ زىننەتلىرىدىن يۈكلەر كۆتۈرۈۋېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدۇق. بىز ئۇلارنى تاشلىدۇق. سامىرىي شۇنداق كۆرسەتتى».
|
87
|
سامىرىي ئۇلارغا، ئىچىدىن مۆرىگەندەك ئاۋاز چىقىدىغان موزاي ھەيكىلى ياساپ چىقتى. ئاندىن سامىرىي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر. بۇ مۇسانىڭمۇ ئىلاھىدۇر، لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى» دېدى.
|
88
|
ئۇلار بۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە زىيانمۇ، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمەمدۇ؟
|
89
|
ئىلگىرى ھارۇن ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىنىۋاتىسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار رەھماندۇر. ماڭا ئەگىشىڭلار ۋە بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن ئىدى.
|
90
|
ئۇلار: «مۇسا يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بىز بۇنىڭغا چوقۇنىمىز» دېيىشتى.
|
91
|
مۇسا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ھارۇن! بۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە ئۈچۈن توسمىدىڭ؟
|
92
|
نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يولۇمدا ماڭمىدىڭ؟ سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟».
|
93
|
ھارۇن مۇساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئانامنىڭ ئوغلى! ساقىلىمدىن ۋە چېچىمدىن تارتمىغىن. مەن سېنىڭ: ‹ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە رىئايە قىلماپسەن!› دېيىشىڭدىن قورقتۇم».
|
94
|
شۇنىڭ بىلەن مۇسا سامىرىيغا قاراپ: «ئى سامىرىي! بۇ قىلغىنىڭ نېمە ئىش؟» دېدى.
|
95
|
سامىرىي مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلنىڭ ئىزىدىن بىر تۇتام ئالدىم - دە، ئۇنى ئاتتىم. مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا نەپسىم كۈشكۈرتتى».
|
96
|
مۇسا سامىرىيغا مۇنداق دېدى: «كۆزۈمدىن يوقال! بۇندىن ئېتىبارەن سەن ئۆمۈر بويى ئىنسانلارغا: ‹ماڭا يېقىنلاشماڭلار! مەندىن نېرى تۇرۇڭلار› دېيىشكە مەھكۇم قىلىندىڭ. سەن ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان باشقا بىر ۋاقىت باركى، ساڭا قىلىنغان بۇ ۋەدىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلىنمايدۇ[4]. چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز، ئاندىن كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋىتىمىز.
|
97
|
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان».
|
98
|
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىپ بېرىمىز. ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن زىكىر[5] ئاتا قىلدۇق.
|
99
|
ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر قىيامەت كۈنى دۈمبىسىدە ئېغىر يۈك كۆتۈرىدۇ.
|
100
|
ئۇلار ئۇنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان يۈك!
|
101
|
سۇر چىلىنغان كۈنى بىز گۇناھكارلارنى كۆزلىرى كۆپكۆك ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز.
|
102
|
ئۇلار ئۆزئارا: «دۇنيادا پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دەپ پىچىرلىشىدۇ.
|
103
|
بىز ئۇلارنىڭ بىر -بىرىگە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا مۆلچەرلىيەلىگىنى: «ياق، سىلەر پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
|
104
|
ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ[6]. ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۇكۇم - تالقان قىلىپ سورۇۋېتىدۇ،
|
105
|
ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ.
|
106
|
ئۇ يەرلەردە ھېچ ئېگىز - پەسلىك كۆرمەيسەن.
|
107
|
ئۇ كۈنى ئىنسانلار چاقىرغۇچىغا ئەگىشىدۇ. ھېچكىم قىڭغىر كەتمەيدۇ. رەھماننىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ئاۋازلار بېسىقىپ كېتىدۇ. ناھايىتى پەس ئاۋازلاردىن باشقا ھېچ نەرسە ئاڭلىيالمايسەن.
|
108
|
ئۇ كۈنى، رەھمان رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغانلاردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
|
109
|
ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار بولسا، ئۇنى بىلەلمەيدۇ.
|
110
|
ئۇ كۈنى پۈتكۈل ئىنسانلار، دائىم تىرىك بولغان ۋە ھەر نەرسىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان زاتقا بويۇن ئېگىدۇ. زۇلۇم يۈدۈپ كەلگەنلەر زىيان تارتىدۇ.
|
111
|
كىمكى مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئۇ يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىنمۇ، ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىنمۇ قورقمايدۇ.
|
112
|
بىز بۇ كىتابنى مانا مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئان سۈپىتىدە نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا ئاگاھلاندۇرۇشنى ھەر خىل ئۇسلۇبتا بايان قىلدۇق. بىز بۇنى ئىنسانلارنى تەقۋادار بولسۇن ياكى ئۇ كىتاب ئۇلار ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىم پەيدا قىلسۇن[7] دەپ قىلدۇق.
|
113
|
ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، شەكسىز باردۇر. ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئالدىرىمىغىن، «رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن» دېگىن.
|
114
|
بىز ئىلگىرى ئادەمدىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى. بىز ئۇنى ئىرادىلىك كۆرمىدۇق.
|
115
|
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى.
|
116
|
شۇنىڭ بىلەن بىز ئادەمگە مۇنداق دېدۇق: «ئى ئادەم! مانا بۇ سېنىڭمۇ دۈشمىنىڭدۇر، جۈپتىڭنىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. بۇ، ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن. بولمىسا، بەختسىز بولۇپ قالىسەن.
|
117
|
جەننەتتە ئاچمۇ قالمايسەن، يالىڭاچمۇ قالمايسەن.
|
118
|
جەننەتتە يەنە ئۇسساپمۇ قالمايسەن، ئاپتاپتىمۇ قالمايسەن».
|
119
|
ئۇ ئەسنادا شەيتان ئادەمگە مۇنداق دەپ ۋەسۋەسە قىلدى: «ئى ئادەم! ساڭا مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئۆلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولىدىغان دەرەخنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟».
|
120
|
شۇنىڭ بىلەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن ئىدى، ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولۇپ قالدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى. ئادەم رەببىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئازدى.
|
121
|
ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ھىدايەت قىلدى ۋە
|
122
|
مۇنداق دېدى: «ئىككىڭلار بىرلىكتە ئۇ يەردىن چۈشۈپ كېتىڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلار ئازمايدۇ ۋە بەختسىز بولمايدۇ.
|
123
|
كىمكى مېنىڭ كىتابىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن[8]، بىز ئۇنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز ۋە قىيامەت كۈنى كور ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز».
|
124
|
ئۇ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا كور ھالەتتە ھەشىر قىلدىڭ؟ ھالبۇكى، مەن كۆرىدىغان بىرى ئىدىم» دەيدۇ.
|
125
|
ئاللاھ ئۇنىڭغا: «شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنتۇدۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن» دەيدۇ.
|
126
|
بىز ھەددىدىن ئاشقان ۋە رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەنلەرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئاخىرەت ئازابى بەك قاتتىقتۇر، باقىيدۇر.
|
127
|
بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ ئۇممەتلەر ياشىغان يەرلەردە مېڭىپ يۈرۈيدۇ. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايەتلەر بار.
|
128
|
ئەگەر رەببىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆز ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئۇلارمۇ دەرھال ھالاك قىلىناتتى.
|
129
|
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن. قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن.
|
130
|
بىز بىر قىسىم كافىرلارنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيا زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن. بىز ئۇلارنى ئۇ نەرسىلەر بىلەن سىنايمىز. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى رىزىق ياخشى ۋە باقىيدۇر.
|
131
|
ئائىلەڭنى نامازنى ئۆتەشكە ئەمر قىلغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا سەۋر قىلغىن. بىز سەندىن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بەلكى بىز ساڭا رىزىق بېرىۋاتىمىز. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.
|
132
|
ئۇلار: «ئۇ نېمىشقا رەببىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيدۇ!» دېيىشتى. ئۇلارغا بۇرۇنقى سەھىپىلەردىكى نەرسىلەرنىڭ روشەن دەلىلى بولغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟
|
133
|
ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، «رەببىمىز! نېمىشقا بىزگە ئەلچى ئەۋەتمىدىڭ، بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى.
|
134
|
ئېيتقىنكى: «ھەر كىم كۈتمەكتە، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار. توغرا يولدىكىلەرنىڭ ۋە ھىدايەت تاپقانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر».
|
135
|