بەندىسىنىڭ ئالەملەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا فۇرقاننى نازىل قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
|
1
|
ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، ئاتا بولمىغان، پادىشاھلىقتا شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىگەن زاتتۇر.
|
2
|
ئەمەلىيەت ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغان، ئۆلتۈرۈشكە، ياشىتىشقا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدىغان ئىلاھلارغا چوقۇندى.
|
3
|
كافىرلار: «بۇ قۇرئان مۇھەممەد توقۇپ چىققان ئويدۇرمىدۇر. بۇ ئىشتا باشقا بىر قەۋم ئۇنىڭغا ياردەم بەردى» دېيىشتى. ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىشتى ۋە يالغان ئېيتىشتى.
|
4
|
ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر. مۇھەممەد ئۇلارنى يازدۇرۇۋالغان. ئۇ كۆچۈرمىلەر ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشام ئوقۇپ بېرىلمەكتىدۇر» دېيىشتى.
|
5
|
ئېيتقىنكى: «بۇ قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى بىلىدىغان زات نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
|
6
|
ئۇلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بۇ قانداق ئەلچى، تاماق يەيدۇ، بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولمىدى؟
|
7
|
ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىرەر بېغى بولۇپ، ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يېمىدى؟» بۇ زالىملار: «ئەگەر مۇھەممەدكە ئەگەشسەڭلار، سېھىرلەنگەن ئادەمگە ئەگەشكەن بولىسىلەر» دېيىشتى.
|
8
|
قارىغىنا، ئۇلار سېنى كىملەرگە ئوخشاتتى![1] ئۇلار ئازدى، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يول تاپالمايدۇ.
|
9
|
خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن[2] ياخشىسىنى - ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى - قىلىپ بېرىدىغان ۋە ساڭا سارايلارنى قىلىپ بېرىدىغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
|
10
|
ئۇلار ئەسلىدە قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ. بىز قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا يالقۇنلۇق ئوت تەييارلىدۇق.
|
11
|
ئۇ ئوت ئۇلارغا يىراق يەردىن كۆرۈنگەندە، ئۇلار ئۇنىڭ قاينىغان ۋە گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
|
12
|
ئۇلار قوللىرى بويۇنلىرىغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چېغىدا، شۇ يەردە يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ.
|
13
|
ئۇلارغا: «بۈگۈن بىر قېتىم يوق بولۇشنى تىلىمەڭلار، كۆپ قېتىم يوق بولۇشنى تىلەڭلار» دېيىلىدۇ.
|
14
|
ئېيتقىنكى: «بۇ ياخشىمۇ ياكى تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان دائىمىي جەننەتمۇ؟» جەننەت ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە ئاخىرقى ئورنى بولىدۇ.
|
15
|
ئۇلار جەننەتتە خالىغىنىغا ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ رەببىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋەدىدۇر.
|
16
|
رەببىڭ مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە، ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلارغا: «شۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ.
|
17
|
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنى پاك دەپ بىلىمىز. سېنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە چوقۇنۇش بىزگە لايىق ئەمەس. لېكىن سەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئۇ قەدەر كۆپ نېمەت ئاتا قىلدىڭكى، ھەممىسى ئاخىرى سېنىڭ كىتابىڭنى ئۇنتۇپ ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك قەۋم بولۇشتى».
|
18
|
شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى. سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى دەپئى قىلالمايسىلەر ۋە ياردەممۇ كۆرەلمەيسىلەر. بىز ئىچىڭلاردىكى زالىملارغا چوڭ ئازاب تېتىتىمىز».
|
19
|
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزمۇ تاماق يەيتتى، بازارلاردا ماڭاتتى. ئى ئىنسانلار! بىز بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق. سەۋر قىلامسىلەر! رەببىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
|
20
|
بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى.
|
21
|
ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈنىمۇ كېلىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا ھېچ خۇش خەۋەر بېرىلمەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنىپتىمىز» دەيدۇ.
|
22
|
بىز ئۇلار قىلغان ھەر ئەمەلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋىتىمىز.
|
23
|
ئۇ كۈنى جەننەت ئەھلى ئەڭ ياخشى قارارگاھتا ۋە ئەڭ گۈزەل ئارامگاھتا بولىدۇ.
|
24
|
ئى مۇھەممەد! ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن يېرىلىدىغان ۋە پەرىشتىلەر توپ - توپ ھالدا چۈشۈرۈلىدىغان كۈننى زىكىر قىلغىن.
|
25
|
ئۇ كۈنى پۈتكۈل پادىشاھلىق رەھماننىڭ بولىدۇ ۋە ئۇ كۈن كافىرلار ئۈچۈن قاتتىق كۈن بولىدۇ.
|
26
|
ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ!
|
27
|
ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىسامچۇ!
|
28
|
ئۇ مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى». شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز قويىدۇ.
|
29
|
رەسۇلۇللاھ: «ئى رەببىم! قەۋمىم بۇ قۇرئاننى ئۆزىدىن يىراق تۇتتى» دېدى.
|
30
|
بىز ھەر نەبىيگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئەنە شۇنداق دۈشمەن قىلدۇق. يېتەكچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ كۇپايىدۇر.
|
31
|
كافىرلار: «قۇرئان مۇھەممەدكە نېمىشقا بىراقلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى دانە - دانە ئوقۇپ بەردۇق.
|
32
|
مۇشرىكلار يېنىڭغا قاچانىكى بىرەر ئېتىراز بىلەن كەلسە، بىز ساڭا ھەقىقەتنى ۋە ئەڭ گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى كەلتۈردۇق.
|
33
|
ئۇلار يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ جەھەننەمگە تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ جايى بەك ياماندۇر، يولى بەك خاتادۇر.
|
34
|
بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق ۋە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىپ بەردۇق.
|
35
|
ئاندىن ئۇ ئىككىسىگە: «ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دېدۇق. ئاخىرىدا بىز ئۇ قەۋمنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق.
|
36
|
بىز نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنى، ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقان چاغلىرىدا سۇغا غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا ناھايىتى ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
|
37
|
بىز ئادنى، سەمۇدنى، رەسسىلىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زامانلاردا ياشىغان نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق.
|
38
|
بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىساللارنى بايان قىلىپ ئاگاھلاندۇردۇق ۋە ھەممىسىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.
|
39
|
بۇ مۇشرىكلار تاش ياغدۇرۇلغان يۇرتقا كەلدى. ئۇلار ئۇ يۇرتنى كۆرمەمدۇ؟ بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.
|
40
|
ئۇلار سېنى كۆرسە، مەسخىرە قىلىشىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئاللاھ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟
|
41
|
ئەگەر ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، بۇ بىزنى ئۇلاردىن چوقۇم ئايرىۋىتەتتى». ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا كىمنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
|
42
|
نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئۇ ئادەمگە ۋەكىل بولالامسەن؟[3]
|
43
|
ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر.
|
44
|
كۆرمىدىڭمۇ: رەببىڭ سايىنى قانداق ئۇزارتتى؟ - رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇنى بىر خىل ھالەتتە قوياتتى - ئاندىن قۇياشنى ئۇنىڭغا قانداق دەلىل قىلدۇق؟
|
45
|
ئاندىن ئۇنى ئاز - ئازدىن قىسقارتىپ قانداق يوقاتتۇق؟
|
46
|
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە كېچىنى كىيىمدەك يۆگىگۈچى، ئۇيقۇنى راھەتلەندۈرگۈچى، كۈندۈزنى زېمىنغا تارقىلىش ۋاقتى قىلىپ بەردى.
|
47
|
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق،
|
48
|
بۇنى ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش، مەخلۇقاتىمىزدىن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن قىلدۇق.
|
49
|
بىز بۇ ھەقىقەتنى، ئىنسانلارنى چۈشەنسۇن دەپ ھەر خىل ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنىلا كۇفىرىلىقتا چىڭ تۇردى.
|
50
|
بىز ئەگەر خالىغان بولساق ھەر يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتەتتۇق.
|
51
|
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن كافىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى بۇ قۇرئان بىلەن چوڭ جىھاد قىلغىن.
|
52
|
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بىرى شېرىن ۋە تاتلىق، يەنە بىرى تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىرلىكتە قويۇۋېتىپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا توسما ۋە مۇستەھكەم پەردە قويدى.
|
53
|
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سۇدىن ئىنسان يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. رەببىڭ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
|
54
|
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بىر قىسىم ئىنسانلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. كافىر رەببىنىڭ دۈشمىنىگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.
|
55
|
بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
|
56
|
ئېيتقىنكى: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنىڭ، رەببىنىڭ يولىغا كىرىشكە بەل باغلىغان كىشىلەر بولۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن».
|
57
|
ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئۇنىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇ، بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
|
58
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى. ئۇ رەھماندۇر. بۇنى، خەۋاردار بىرىدىن سورىغىن.
|
59
|
ئۇلارغا «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتىۋېتىدۇ.
|
60
|
ئاسماندا بۇرجلار قىلغان، ئۇنىڭدا چىراغ ۋە نۇرلۇق ئاينى بار قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
|
61
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ئويلانماقچى ياكى شۈكۈر قىلماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇرىدىغان قىلدى.
|
62
|
رەھماننىڭ بەندىلىرى، زېمىندا تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدىغان ۋە نادانلارنىڭ قوپال سۆزلىرىگە يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىدىغان كىشىلەردۇر.
|
63
|
ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر.
|
64
|
ئۇلار مۇنداق دەيدىغان كىشىلەردۇر: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم ئازابى ئەبەدىي زىياندۇر.
|
65
|
جەھەننەم نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن يامان تۇرالغۇ!».
|
66
|
ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدىغان، بېخىللىقمۇ قىلمايدىغان، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتىدىغان كىشىلەردۇر.
|
67
|
ئۇلار ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
|
68
|
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
|
69
|
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
70
|
كىم تەۋبە قىلىپ ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغان بولىدۇ.
|
71
|
ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتكە يولۇقسا، ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر.
|
72
|
ئۇلار ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۈستىگە گاسلار ۋە كورلار بولۇپ يىقىلمايدىغان كىشىلەردۇر[4].
|
73
|
ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلغىن» دەيدىغان كىشىلەردۇر.
|
74
|
ئەنە شۇلار سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا تەبرىك ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.
|
75
|
ئۇلار ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ سارايلار نېمىدېگەن ياخشى قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن ياخشى تۇرالغۇدۇر.
|
76
|
ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە نېمە دەپ كۆڭۈل بۆلسۇن؟ سىلەر راستنى يالغان دېدىڭلار. بۇنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر».
|
77
|