تا، سىن، مىم.
|
1
|
بۇلار روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
|
2
|
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ مۇئمىن بولمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن!
|
3
|
ئەگەر خالىساق ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرىمىز - دە، بويۇنلىرى ئۇنىڭغا دەرھال ئېگىلىدۇ.
|
4
|
ئۇلار رەھماندىن كەلگەن ھەر يېڭى زىكىردىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
|
5
|
ئۇلار يەنە راستنى يالغان دېيىشتى. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى يېقىندا ئۇلارغا كېلىدۇ.
|
6
|
ئۇلار زېمىنغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنىڭدا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
|
7
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
8
|
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
9
|
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا مۇنداق نىدا قىلدى: «زالىم قەۋمنىڭ يېنىغا بارغىن،
|
10
|
يەنى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغىن. ئۇلار تەقۋادار بولمامدۇ؟»
|
11
|
مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى ‹يالغانچى› دېيىشىدىن قورقىمەن.
|
12
|
يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم راۋان بولمايدۇ. شۇڭا ھارۇنغىمۇ ئەلچىلىك بەرگىن.
|
13
|
ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھىممۇ بار. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن».
|
14
|
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ھەرگىز قورقمىغىن! ئىككىڭلار ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللىدۇرمىز، ئاڭلاپ تۇرىمىز.
|
15
|
فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز.
|
16
|
ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن›».
|
17
|
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «بىز سېنى بالا چېغىڭدا ئارىمىزغا ئېلىپ تەربىيەلىمىدۇقمۇ؟ ئۆمرۈڭدىن يىللارنى ئارىمىزدا تۇرۇپ ئۆتكۈزدۈڭ،
|
18
|
قىلغان ھېلىقى قىلمىشىڭنى قىلدىڭ. سەن تۇزكورلاردىنسەن!».
|
19
|
مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا گۇمراھلاردىن ئىدىم.
|
20
|
سىلەردىن قاچتىم، چۈنكى سىلەردىن قورققان ئىدىم. رەببىم ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى.
|
21
|
سېنىڭ ماڭا مىننىتىنى قىلغان ياخشىلىقىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدىن بولغان».
|
22
|
فىرئەۋن: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» دېدى.
|
23
|
مۇسا: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار» دېدى.
|
24
|
فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى.
|
25
|
مۇسا: «سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر» دېدى.
|
26
|
فىرئەۋن: «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئەلچىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
|
27
|
مۇسا: «مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭمۇ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار» دېدى.
|
28
|
فىرئەۋن: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن» دېدى[1].
|
29
|
مۇسا: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟» دېدى.
|
30
|
فىرئەۋن: «قېنى دەلىلىڭنى ئوتتۇرىغا قويغىن، ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ!» دېدى.
|
31
|
شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
|
32
|
ۋە قولىنى چىقاردى - دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
|
33
|
فىرئەۋن چۆرىسىدىكى مەرتىۋىلىك كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
|
34
|
سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن سېھرى بىلەن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟».
|
35
|
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار يوللىغىن.
|
36
|
ئۇلار ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».
|
37
|
شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەر توپلاندى.
|
38
|
ئىنسانلارغا مۇنداق دېيىلدى: «قېنى توپلىنىڭلار.
|
39
|
سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە ئۇلارغا ئەگىشەرمىز».
|
40
|
شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر كېلىپ فىرئەۋنگە: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.
|
41
|
فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.
|
42
|
مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلەرنى تاشلاڭلار» دېدى.
|
43
|
ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى ۋە: «فىرئەۋننىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غالىب كېلىمىز» دېيىشتى.
|
44
|
ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
|
45
|
شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ،
|
46
|
مۇنداق دېيىشتى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،
|
47
|
مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».
|
48
|
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن بۈيۈكۈڭلاردۇر. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر. قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاستۇرىمەن».
|
49
|
ئۇلار ئېيتتى: «ھېچ زىيان يوق. شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.
|
50
|
ئۈمىد قىلىمىزكى، رەببىمىز خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغاي! چۈنكى بىز مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلى بولدۇق».
|
51
|
بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىدە يولغا چىققىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر[2]» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
|
52
|
فىرئەۋن شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار ئەۋەتتى.
|
53
|
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاز سانلىق گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان قەدىرسىز گۇرۇھتۇر.
|
54
|
ھەقىقەتەن ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرمەكتىدۇر.
|
55
|
بىز بولساق، ئېھتىياتچان بىر جامائەمىز».
|
56
|
نەتىجىدە بىز ئۇلارنى باغلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن چىقىرىۋەتتۇق.
|
57
|
خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل ماقامدىن ئايرىۋەتتۇق.
|
58
|
ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق.
|
59
|
فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى ئۇلارنى كۈن چىقىپ ئەتراپنى يورۇتقاندا قوغلاپ كەلدى.
|
60
|
ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن ئىدى، مۇسانىڭ قېرىنداشلىرى: «چوقۇم تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېيىشتى.
|
61
|
مۇسا: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ» دېدى.
|
62
|
شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ھەر قىسمى چوڭ تاغدەك بولدى.
|
63
|
باشقىلارنى ئۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق.
|
64
|
مۇسانى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
|
65
|
ئاندىن باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
|
66
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
67
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
68
|
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن:
|
69
|
ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى.
|
70
|
ئۇلار: «بۇتلارغا چوقۇنىمىز ۋە بۇ چوقۇنىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
|
71
|
ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاۋازىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟
|
72
|
ياكى ئۇلار سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ۋە ياكى زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟».
|
73
|
ئۇلار: «ياق، ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن» دېيىشتى.
|
74
|
ئىبراھىم ئېيتتى: «چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى؟
|
75
|
بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارچۇ؟
|
76
|
بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇنغان نەرسىلەر مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
|
77
|
ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
|
78
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ماڭا يېمەكلىك بېرىدۇ، ماڭا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ،
|
79
|
كېسەل بولسام شىپالىق بېرىدۇ.
|
80
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، مېنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ.
|
81
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، مەن ئۇنىڭ جازا ۋە مۇكاپات كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
82
|
رەببىم! ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلار قاتارىدا قىلغىن،
|
83
|
ماڭا كېيىنكىلەر ئىچىدە ياخشى نام قالدۇرۇشنى ۋە ياخشىلىق بىلەن ياد ئېتىلىشنى نېسىپ قىلغىن.
|
84
|
مېنى نەئىم جەننىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن.
|
85
|
ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر.
|
86
|
ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن،
|
87
|
مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان كۈندە.
|
88
|
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
|
89
|
ئۇ كۈنى جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ.
|
90
|
دوزاخ ئازغۇنلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ.
|
91
|
ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟
|
92
|
ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلار قېنى؟ ئۇلار ھازىر سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ياكى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ياردەم بېرەلەمدۇ؟».
|
93
|
ئاندىن ئۇلار ۋە ئازغۇنلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ.
|
94
|
ئىبلىسنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇ تاشلىنىدۇ.
|
95
|
ئۇلار دوزاختا بىر - بىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ:
|
96
|
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنمىز.
|
97
|
چۈنكى بىز سىلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن تەڭ كۆرەتتۇق.
|
98
|
بىزنى پەقەت شۇ گۇناھكارلار ئازدۇردى.
|
99
|
ئەمدى بىزنىڭ ھېچ شاپائەتچىمىز يوق،
|
100
|
سەمىمىي دوستىمىزمۇ يوق.
|
101
|
كاشكى دۇنياغا قايتىپ مۇئمىنلاردىن بولساقچۇ!».
|
102
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
103
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
104
|
نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
|
105
|
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
|
106
|
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
|
107
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
108
|
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
|
109
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار».
|
110
|
ئۇلار: «بىز ساڭا ئىشىنەمدۇق؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا!» دېيىشتى.
|
111
|
نۇھ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن.
|
112
|
ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش رەببىمنىڭ ئىشىدۇر. كاشكى ھېس قىلساڭلارچۇ!
|
113
|
مەن مۇئمىنلارنى يېنىمدىن قوغلىۋىتىدىغان كىشى ئەمەس.
|
114
|
مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
|
115
|
ئۇلار: «ئى نۇھ! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» دېدى.
|
116
|
نۇھ مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى يالغانچى دېدى.
|
117
|
شۇڭا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن».
|
118
|
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى توشقۇزۇلغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق.
|
119
|
ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق.
|
120
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
121
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
122
|
ئاد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
|
123
|
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
|
124
|
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
|
125
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
126
|
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
|
127
|
سىلەر ھەر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشا ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىنا سالامسىلەر؟
|
128
|
ئۆلمەسلىك ئۈمىدى بىلەن مۇستەھكەم سارايلار سالامسىلەر؟
|
129
|
جازالىساڭلار، زۇلۇم قىلغان ھالدا جازالايسىلەر!
|
130
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
131
|
سىلەرگە، سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان زاتقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
|
132
|
ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئوغۇللار ئاتا قىلدى.
|
133
|
باغلار ۋە بۇلاقلار بەردى.
|
134
|
مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن».
|
135
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ۋەز - نەسىھەت قىلامسەن ياكى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر.
|
136
|
بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتى، خالاس.
|
137
|
بىزگە ھەرگىزمۇ ئازاب قىلىنمايدۇ».
|
138
|
دېمەك، ئۇلار ھۇدنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
139
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
140
|
سەمۇد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى.
|
141
|
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
|
142
|
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
|
143
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
144
|
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
|
145
|
سىلەر بۇ يەردە خاتىرجەم قويۇۋېتىلەمسىلەر؟
|
146
|
باغلار ۋە بۇلاقلاردىن،
|
147
|
زىرائەتلەر ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولارمىز دەپ ئويلامسىلەر؟
|
148
|
تاغلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ ئۆيلەر ياسارمىز دەمسىلەر؟
|
149
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
150
|
ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار.
|
151
|
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئىسلاھ قىلمايدۇ».
|
152
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «سەن قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىنسەن.
|
153
|
سەن خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ قېنى بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن!»
|
154
|
سالىھ ئېيتتى: «ئۇ مۆجىزە بۇ چىشى تۆگىدۇر. ئۇنىڭ بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتى بار، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بار.
|
155
|
ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەرگە بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشىدۇ».
|
156
|
ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، ئارقىسىدىنلا پۇشايمان قىلدى.
|
157
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
158
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
159
|
لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
|
160
|
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
|
161
|
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
|
162
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
163
|
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
|
164
|
ئالەملەرنىڭ ئىچىدىن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر؟[3]،
|
165
|
رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تەرك ئېتەمسىلەر؟ بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر».
|
166
|
ئۇلار: «ئى لۇت! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن» دېدى.
|
167
|
لۇت مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىمىشىڭلارنى قاتتىق يامان كۆرگۈچىلەردىنمەن.
|
168
|
رەببىم! مېنى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتىمنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن».
|
169
|
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
|
170
|
ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
|
171
|
ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق.
|
172
|
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان!
|
173
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
174
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
175
|
ئەيكەلىكلەر ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
|
176
|
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا شۇئەيب مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
|
177
|
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
|
178
|
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
|
179
|
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
|
180
|
كەمچەننى تولۇق تۇتۇڭلار، زىيان تارتقۇزغۇچىلاردىن بولماڭلار.
|
181
|
توغرا ئۆلچەم بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچەڭلار.
|
182
|
ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار.
|
183
|
سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى خەلقلەرنى ياراتقان زاتقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.
|
184
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، سەن قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىنسەن.
|
185
|
سەن خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. بىزنىڭچە سەن چوقۇم يالغانچىلاردىن.
|
186
|
ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، ئۈستىمىزگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرگىن».
|
187
|
شۇئەيب: «رەببىم قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
|
188
|
دېمەك، ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى تۇتتى. ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ كۈننىڭ ئازابى ئىدى[4].
|
189
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.
|
190
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
191
|
شۇبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان.
|
192
|
ئۇنى ئىشەنچلىك رۇھ ئېلىپ چۈشتى،
|
193
|
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى،
|
194
|
ئوچۇق ئەرەبچە تىل بىلەن.
|
195
|
شۈبھىسىزكى، قۇرئان چوقۇم بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان.
|
196
|
بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولمامدۇ؟
|
197
|
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەجەملەرنىڭ بىرىگە نازىل قىلغان بولساق،
|
198
|
قۇرئاننى ئۇلارغا ئۇ ئوقۇغان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى.
|
199
|
بىز قۇرئاننى گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزدۇق.
|
200
|
ئۇلار قۇرئانغا ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىشەنمەيدۇ.
|
201
|
ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ.
|
202
|
ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ.
|
203
|
ئۇلار ئازابىمىزنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
|
204
|
ئېيتىپ باققىنا! بىز ئۇلارنى ئۇزۇن يىل نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ياشاتساق،
|
205
|
ئاندىن كېيىن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە،
|
206
|
ئۇلارنىڭ ئۇ نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىر نەرسىگە ئەسقاتامدۇ؟
|
207
|
بىز ھېچبىر يۇرتنى ئاگاھلاندۇرغۇچىلىرى بولماستىن ھالاك قىلمىدۇق.
|
208
|
ھەر بىرىگە ئەسلىتىلدى. بىز زۇلۇم قىلمىدۇق.
|
209
|
قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشمىدى.
|
210
|
بۇ ئۇلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇلار بۇنىڭغا قادىرمۇ بولالمايدۇ.
|
211
|
چۈنكى ئۇلار ۋەھىينى تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغان.
|
212
|
ئۇنداقتا ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن.
|
213
|
ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن.
|
214
|
ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن.
|
215
|
ئەگەر ئۇ تۇغقانلىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن» دېگىن.
|
216
|
ئەزىز ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن.
|
217
|
ئۇ شۇنداق زاتكى سېنى قەيەردە تۇرساڭ كۆرىدۇ.
|
218
|
سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەرىكەتلىرىڭنىمۇ كۆرىدۇ.
|
219
|
چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
|
220
|
مەن سىلەرگە شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
|
221
|
ئۇلار بوھتان چاپلاشقا ۋە گۇناھ قىلىشقا ھېرىسمەن ھەر كىشىگە چۈشىدۇ.
|
222
|
ئۇلار شەيتانلارغا قۇلاق سالىدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى يالغانچىدۇر.
|
223
|
شائىرلارغا ئازغۇنلار ئەگىشىدۇ.
|
224
|
كۆرمىدىڭمۇ: ئۇلار ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ.
|
225
|
ئۇلار ئۆزلىرى قىلمىغان ۋە قىلمايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ.
|
226
|
لېكىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغان شائىرلار ئۇنداق ئەمەس[5]. زالىملار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تامامەن يىقىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
|
227
|