ئەلىف، لام، مىم.
|
1
|
ئىچىدە ھېچ شەك بولمىغان بۇ كىتاب ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىندى.
|
2
|
ئۇلار: «ئۇنى مۇھەممەد ئويدۇردى» دەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى ئۇ، رەببىڭدىن كەلگەن ھەق بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار توغرا يولغا كەلگەي!
|
3
|
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلگەن زاتتۇر[1]، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچى يوقتۇر. ئويلانمامسىلەر؟
|
4
|
ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلاپ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلدەك بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
|
5
|
ئەنە شۇ ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
6
|
ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.
|
7
|
ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى.
|
8
|
ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتىنى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!
|
9
|
ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ تۇپراقنىڭ ئىچىدە يوق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ. بەلكى ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.
|
10
|
ئېيتقىنكى: «سىلەرنى، سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
|
11
|
گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ: «رەببىمىز! كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، بىزنى دۇنياغا قايتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلايلى. شۈبھىسىزكى، بىز جەزمەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭچۇ!
|
12
|
ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر كىشىگە ھىدايىتىنى بېرەتتۇق. لېكىن مېنىڭ: «شۈبھىسىزكى، مەن جەھەننەمنى تامامەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزۈم ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
|
13
|
ئاندىن ئۇلارغا: «تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇدۇڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇدۇق. قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
14
|
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
|
15
|
ئۇلارنىڭ يانلىرى تۆشەكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ[2]، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
|
16
|
ئۇلار ئۈچۈن مەخپىي ساقلانغان خۇشال قىلغۇچى نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر.
|
17
|
مۇئمىن بولغان كىشى فاسىق بولغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇلار باراۋەر بولمايدۇ.
|
18
|
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەئۋا جەننەتلىرى بار. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە كۈتۈلىدۇ.
|
19
|
فاسىق بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. ئۇلار قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر».
|
20
|
بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز.
|
21
|
رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلاردىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالىمىز!
|
22
|
بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھىدايەت رەھبىرى قىلغان ئىدۇق.
|
23
|
بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەرنى چىقاردۇق، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى ۋە ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەندى.
|
24
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ.
|
25
|
بىزنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىدۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ نەسىللەر ياشىغان يەرلەردە مېڭىپ يۈرۈيدۇ! بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئايەتلەر بار. ئۇلار يەنىلا ئاڭلىمامدۇ؟
|
26
|
ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز سۇنى قاقاس يەرلەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن زىرائەت چىقىرىمىز، ئۇ زىرائەتتىن ئۇلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدۇ. ئۇلار يەنىلا كۆرمەمدۇ؟
|
27
|
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
|
28
|
ئېيتقىنكى: «ئۇ ھۆكۈم ئەمەلگە ئاشقان كۈنى كافىرلارغا ئىمانى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ».
|
29
|
شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتۈپ تۇرغۇچىدۇر.
|
30
|