سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلار بىلەن،
|
1
|
توسۇپ ھەيدىگۈچىلەر بىلەن
|
2
|
ۋە زىكىر[1] تىلاۋەت قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
|
3
|
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئەلۋەتتە بىردۇر،
|
4
|
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، مەشرىقلارنىڭ رەببىدۇر.
|
5
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى پلانېتىلاردىن ئىبارەت بولغان زىننەت بىلەن زىننەتلىدۇق[2]،
|
6
|
ئۇنى ھەر ئىسيانكار شەيتاندىن ساقلىدۇق.
|
7
|
شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئەڭ ئالىي جامائەگە قۇلاق سالالمايدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ئوققا تۇتۇلىدۇ،
|
8
|
ئۇلار قوغلىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دائىمىي ئازاب بار.
|
9
|
لېكىن كىم ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇنى تېشىپ ئۆتكۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ.
|
10
|
ئۇلاردىن سوراپ باققىن: ئۇلارنى يارىتىش تەسمۇ ياكى بىزنىڭ باشقا مەخلۇقاتلىرىمىزنى يارىتىش تەسمۇ؟ بىز ئۇلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق.
|
11
|
بەلكى سەن ئەجەبلىنىسەن، ئۇلار مەسخىرە قىلىدۇ.
|
12
|
ئۇلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىنسا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.
|
13
|
ئۇلار بىرەر ئايەت كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ
|
14
|
ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر.
|
15
|
بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟
|
16
|
بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟».
|
17
|
ئېيتقىنكى: «شۇنداق! خار ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىسىلەر».
|
18
|
ئۇ ئىش قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا كۆزلىرىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارايدۇ.
|
19
|
ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بۇ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىدۇر» دەيدۇ.
|
20
|
ئۇلارغا: «بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر، سىلەر يالغان دېگەن كۈندۇر» دېيىلىدۇ.
|
21
|
ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق دەپ ئەمر قىلىدۇ: «زالىملارنى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى توپلاڭلار،
|
22
|
ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى. ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار.
|
23
|
ئۇلارنى توختىتىڭلار، ئۇلاردىن سوئال سورىلىدۇ:
|
24
|
سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايۋاتىسىلەرغۇ؟!».
|
25
|
بەلكى ئۇلار ئۇ كۈنى تەسلىم بولىدۇ.
|
26
|
ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ:
|
27
|
بەزىسى: «سىلەر بىزگە ئوڭدىن كېلەتتىڭلار» دەيدۇ.
|
28
|
بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: «ياق، ئۆزۈڭلار مۇئمىن بولمىدىڭلار.
|
29
|
بىز سىلەرنى زورلىمىغان. بەلكى ئۆزۈڭلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم ئىدىڭلار.
|
30
|
رەببىمىزنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئازابنى تېتىغۇچىلارمىز.
|
31
|
سىلەرنى ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ئازغۇن ئىدۇق».
|
32
|
دېمەك، ئۇ كۈنى ئۇلار ئازابتا ئورتاقتۇر.
|
33
|
بىز گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز!
|
34
|
چۈنكى ئۇلارغا: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلاتتى
|
35
|
ۋە: «بىز جىن چاپلىشىۋالغان شائىر ئۈچۈن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتەمدۇق؟» دەيتتى.
|
36
|
ياق، ئۇ ھەقنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئەلچىلىرىمنى تەستىقلدى.
|
37
|
ئى گۇناھكارلار! سىلەر ئەلۋەتتە ئەلەملىك ئازابنى تېتىيسىلەر.
|
38
|
سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
|
39
|
ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
|
40
|
ئۇلارغا مەلۇم رىزىق بار،
|
41
|
مېۋىلەر بار. ئۇلار ئىكرامغا ئېرىشىدۇ،
|
42
|
نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ،
|
43
|
تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
|
44
|
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.
|
45
|
ئۇ ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان،
|
46
|
باشنى ئاغرىتمايدىغان ۋە مەست قىلمايدىغان شارابتۇر.
|
47
|
ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك قىزلار بار.
|
48
|
ئۇلار خۇددى ساقلانغان تۇخۇملاردۇر.
|
49
|
ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ.
|
50
|
ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى.
|
51
|
ئۇ ماڭا مۇنداق دەيتتى: ‹سەن تەستىق قىلغۇچىلاردىنمۇ؟
|
52
|
بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بىزگە جازا ۋە مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟›».
|
53
|
ئۇ يەنە ئەتراپىدىكىلەرگە: «قاراۋاتامسىلەر؟» دەيدۇ.
|
54
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارايدۇ ۋە يېقىنىنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ،
|
55
|
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مېنىمۇ ھالاك قىلىۋەتكىلى تاس قاپتىكەنسەن - دە!
|
56
|
ئەگەر رەببىمنىڭ نېمىتى بولمىسا ئىدى، مەنمۇ ئۇ يەرگە ھازىر قىلىنغۇچىلاردىن بولاتتىم».
|
57
|
«بىز ئۆلمەيمىز،
|
58
|
بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق، شۇنداققۇ؟ بىز ئازابقىمۇ دۇچار قىلىنمايمىز.
|
59
|
شۈبھىسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر!»[3].
|
60
|
ئەمەل قىلغۇچىلار ئەنە شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن.
|
61
|
ئەنە شۇنداق كۈتۈلۈش ياخشىمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
|
62
|
بىز زەققۇم دەرىخىنى زالىملار ئۈچۈن ئىمتىھان ۋاسىتىسى قىلدۇق.
|
63
|
ئۇ دوزاخنىڭ تېگىدە چىقىدىغان دەرەختۇر.
|
64
|
ئۇنىڭ مېۋىلىرى خۇددى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ.
|
65
|
ئۇ زالىملار بۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ ۋە قورساقلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن تولدۇرىدۇ.
|
66
|
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ ئېلىشتۇرۇلغان ئىچىملىك ئىچىدۇ.
|
67
|
ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان يېرى دوزاختۇر.
|
68
|
چۈنكى ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆردى،
|
69
|
ئاندىن ھېچ ئويلىمايلا ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى.
|
70
|
بۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى.
|
71
|
بىز ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئەۋەتكەن ئىدۇق.
|
72
|
قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
|
73
|
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى يامان ئاقىۋەتتىن قۇتۇلدى.
|
74
|
ئۆز ۋاقتىدا نۇھ بىزگە نىدا قىلغان ئىدى، بىز ياخشى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق.
|
75
|
بىز ئۇنى ۋە ئەھلىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق.
|
76
|
پەقەت ئۇنىڭ نەسلىنىلا داۋاملاشقۇچى قىلدۇق.
|
77
|
كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
|
78
|
ئالەملەرنىڭ ئىچىدە نۇھقا سالام يوللىنىدۇ.
|
79
|
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
80
|
چۈنكى نۇھ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
|
81
|
ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
|
82
|
شۈبھىسىزكى، نۇھنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى ئىبراھىمدۇر.
|
83
|
ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى.
|
84
|
ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟
|
85
|
ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟
|
86
|
ئالەملەرنىڭ رەببى توغرىسىدىكى گۇمانىڭلار نېمە؟».
|
87
|
ئاندىن ئىبراھىم يۇلتۇزلارغا قارىدى
|
88
|
ۋە: «مەن كېسەل» دېدى.
|
89
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمنى قويۇپ كېتىشتى.
|
90
|
ئاندىن ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېيتتى: «يېمەمسىلەر؟[4]
|
91
|
سىلەرگە نېمە بولدىكىن گەپ قىلمايۋاتىسىلەر؟»،
|
92
|
ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇردى.
|
93
|
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى.
|
94
|
ئىبراھىم ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
|
95
|
ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ئىشلىگەن نەرسەڭلەرنى[5] ئاللاھ ياراتتى!».
|
96
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار».
|
97
|
ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ تۆۋەن بولغۇچىلار قىلدۇق.
|
98
|
ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە كېتىمەن. ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ.
|
99
|
رەببىم! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلغىن».
|
100
|
بىز ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
|
101
|
ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى.
|
102
|
ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا،
|
103
|
بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم!
|
104
|
چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ». شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
105
|
شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق ئىمتىھان ئىدى.
|
106
|
بىز ئبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلدۇق.
|
107
|
كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
|
108
|
ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
|
109
|
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
110
|
چۈنكى ئىبراھىم مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
|
111
|
بىز ئۇنىڭغا نەبىي بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
|
112
|
ئۇنىڭغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەتلەر ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ نەسلى ئىچىدە ياخشىلىق قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ.
|
113
|
شۈبھىسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق.
|
114
|
ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
|
115
|
ئۇلارغا ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى.
|
116
|
ئۇلارغا ناھايىتى روشەن كىتابنى بەردۇق.
|
117
|
ئۇلارنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردۇق.
|
118
|
كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
|
119
|
مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن!
|
120
|
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
121
|
چۈنكى ئۇ ئىككىسى مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
|
122
|
شۈبھىسىزكى، ئىلياسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
|
123
|
ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
|
124
|
ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قويۇپ، بەئلگە[6] دۇئا قىلامسىلەر؟
|
125
|
سىلەرنىڭ رەببىڭلار ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنى تەرك ئېتەمسىلەر؟
|
126
|
ئۇلار ئىلياسنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەلۋەتتە ئازابقا ھازىر قىلىنىدۇ.
|
127
|
ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
|
128
|
كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
|
129
|
ئىلياسقا سالام بولسۇن!
|
130
|
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
131
|
چۈنكى ئىلياس مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
|
132
|
شۈبھىسىزكى، لۇتمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
|
133
|
ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق.
|
134
|
ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي مۇستەسنا.
|
135
|
ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق.
|
136
|
سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەتىگەنلىرى ئۆتۈپ تۇرىسىلەر.
|
137
|
كېچىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
|
138
|
شۈبھىسىزكى، يۇنۇسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
|
139
|
ئۇ ئۆز ۋاقتىدا توشقۇزۇلغان كېمىگە قاچقان ئىدى،
|
140
|
ئاندىن كېمىدىكىلەر بىلەن چەك تاشلاشتى ۋە يېڭىلىپ كەتكۈچىلەردىن بولدى.
|
141
|
ئاندىن ئۇنى بېلىق يۇتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلىۋاتاتتى.
|
142
|
ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى،
|
143
|
بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر قالاتتى.
|
144
|
ئاندىن بىز ئۇنى قاقاس يەرگە ئاتتۇق. ئۇ بۇ چاغدا كېسەل ئىدى.
|
145
|
بىز ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر تۈرلۈك دەرەخ ئۈندۈردۇق.
|
146
|
بىز ئۇنى يۈز مىڭ ياكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
|
147
|
ئۇلار ئىمان ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى بىر مۇددەتكىچە بەھرىمەن قىلدۇق.
|
148
|
ئۇلاردىن سوراپ باققىن: قىزلار رەببىڭنىڭ، ئوغۇللار ئۆزلىرىنىڭمۇ؟
|
149
|
ياكى بىز پەرىشتىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا چىشى ياراتتۇقمۇ؟
|
150
|
بىلىڭلاركى، ئۇلار يالغان گەپ توقۇپ مۇنداق دەيدۇ:
|
151
|
«ئاللاھ ئاتا بولدى». شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
|
152
|
ئاللاھ ئوغۇللارنى قويۇپ قىزلارنى تاللىدىمۇ؟
|
153
|
سىلەرگە نېمە بولدىكىن؟ قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟
|
154
|
ئويلاپ باقمامسىلەر؟
|
155
|
ياكى سىلەرنىڭ ئوچۇق دەلىلىڭلار بارمۇ؟
|
156
|
ئەگەر راستچىل بولساڭلار، كىتابىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار.
|
157
|
ئۇلار ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا نەسەب ئويدۇردى. ھالبۇكى، جىنلار ئۆزلىرىنىڭ ھېساب مەيدانىغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
|
158
|
ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.
|
159
|
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى ئاللاھقا بوھتان چاپلىمايدۇ.
|
160
|
ئى ئىنكارچىلار! سىلەرمۇ ۋە مەبۇدلىرىڭلارمۇ
|
161
|
ئاللاھقا قارشى ھېچكىمنى ئازدۇرۇشقا قادىر ئەمەس.
|
162
|
دوزاخقا كىرىدىغان كىشى مۇستەسنا.
|
163
|
«ھەر بىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر ماقامى بار.
|
164
|
بىز سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز.
|
165
|
بىز تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز».
|
166
|
مۇشرىكلار مۇنداق دەيتتى:
|
167
|
«ئەگەر قولىمىزدا بۇرۇنقىلاردىن قالغان بىرەر ئىلاھىي كىتاب بولسا ئىدى،
|
168
|
بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق».
|
169
|
لېكىن ئۇلار ھازىر قۇرئاننى ئىنكار قىلدى. ئۇلار يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
|
170
|
بىزنىڭ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن بەندىلىرىمىز توغرۇلۇق بۇرۇن قىلغان سۆزىمىز مۇنداق:
|
171
|
«ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىلىدۇ.
|
172
|
بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئەلۋەتتە غالىب كېلىدۇ».
|
173
|
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن.
|
174
|
ئۇلارنى كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ[7].
|
175
|
ئۇلار ئازابىمىزنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
|
176
|
ئازابىمىز ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەندە، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەتىگىنى بەك يامان بولىدۇ!
|
177
|
ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن.
|
178
|
كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ.
|
179
|
سېنىڭ ئىززەتنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر[8].
|
180
|
ئەلچىلەرگە سالام بولسۇن!
|
181
|
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
|
182
|