ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

41- سۈرە فۇسسىلەت مەككەدە نازىل بولغان، 54 ئايەت

ھا، مىم.‏
1




بۇ ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان،
2




ئايەتلىرى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر،‏
3




خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار قۇلاق سالمايدۇ.‏
4




ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىگە قەلبلىرىمىز يېپىق، قۇلاقلىرىمىز گاستۇر. سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئىشىڭنى قىلغىن، بىزمۇ ئىشىمىزنى قىلايلى!».‏
5




ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنماقتا. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار». مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!‏
6




ئۇلار زاكاتنى بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەردۇر.‏
7




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار پۈتمەس-تۈگىمەس مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.‏
8




ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسىلەر؟ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتامسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.‏
9




ئۇ زېمىنغا ئۈستىدىن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، زېمىندا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بېكىتتى. بۇلارنى باراۋەر تۆت كۈندە قىلدى. بۇنى سورىغۇچىلار ئۈچۈن قىلدى. ‏
10




ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى.‏
11




شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ تەقدىرىدۇر».‏
12




ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇدنىڭ باشلىرىغا كەلگەن گۈلدۈرمامىغا ئوخشاش گۈلدۈرمامىدىن ئاگاھلاندۇردۇم».‏
13




ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئەلچىلىرى ئالدىلىرىدىن ۋە ئارقىلىرىدىن كېلىپ: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەندە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەر چۈشۈرەتتى. بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشكەن ئىدى.‏
14




ئاد بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى.‏
15




شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا شۇم كۈنلەردە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. ئاخىرەت ئازابى بولسا تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلىنمايدۇ.‏
16




سەمۇدقا كەلسەك، بىز ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇلار كورلۇقنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خارلىغۇچى ئازابنىڭ گۈلدۈرمامىسى باستى.‏
17




بىز ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق.‏
18




شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى توپلىنىپ دوزاخقا ھەيدىلىدۇ. ئۇلار ئۇ چاغدا توختىتىلىپ گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ. ‏
19




ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.‏
20




ئۇلار تېرىلىرىگە: «نېمىشقا زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. تېرىلىرى: «بىزنى، ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ سۆزلەتتى» دەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتتى. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.‏
21




سىلەر گۇناھ قىلغان چېغىڭلاردا قۇلاقلىرىڭلارنىڭ، كۆزلىرىڭلارنىڭ ۋە تېرىلىرىڭلارنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار. لېكىن سىلەر: «ئاللاھ قىلمىشىمىزنىڭ تولىسىنى بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار.‏
22




مانا بۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قىلغان گۇمانىڭلاردۇر. سىلەرنى ئۇ ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.‏
23




ئۇلار ئەگەر سەۋر قىلسا دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر. ئەگەر ئۆزرە ئېيتسا ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.‏
24




بىز دۇنيادا ئۇلارغا بىر قىسىم يېقىنلارنى ھەمراھ قىلدۇق. ئۇ يېقىنلىرى ئۇلارغا ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئۇلارغا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.‏
25




كافىرلار بىر-بىرىگە: «شۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئوقۇلۇۋاتقاندا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىڭلار، بېسىقتۇرالىشىڭلار مۇمكىن» دېدى.‏
26




بىز كافىرلارغا قاتتىق ئازاب تېتىتىمىز ۋە ئەڭ يامان ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى بېرىمىز.‏
27




ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسىدۇر. ئۇ دوزاخ ئوتىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ تۇرىدىغان يۇرتى بار. ئۇلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان.‏
28




كافىرلار: «رەببىمىز! بىزنى ئازدۇرغان جىن ۋە ئىنسانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن. ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىۋېتەيلى، ئەڭ خارلاردىن بولسۇن» دەيدۇ.‏
29




شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، قايغۇرماڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار.‏
30




بىز دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. ئۇ يەردە كۆڭلۈڭلار تارتقان ھەر نەرسىگە ئېرىشىسىلەر. ئۇ يەردە يەنە پۈتۈن ئارزۇيۇڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.‏
31




بۇ، مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ كۈتۈشىدۇر!».‏
32




ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئىش قىلغان ۋە: «مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن ئادەمدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟
33




ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.‏
34




بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ.‏
35




ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر.‏
36




كېچە، كۈندۈز، قۇياش ۋە ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۇڭا قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار. ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.‏
37




ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار چوڭچىلىق قىلسا، رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر كېچە-كۈندۈز ھېچ زېرىكمەستىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.‏
38




ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭغا سۇنى چۈشۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ. ئەنە شۇ زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
39




ئايەتلىرىمىز‏‎ ‎‏ توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەر بىزگە مەخپىي قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشى ياخشىمۇ؟ ياكى خاتىرجەم ھالدا كېلىدىغان كىشى ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.‏
40




يەنى قۇرئان ئۆزلىرىگە كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ھەقىقەتەن ئەزىز كىتابتۇر،‏
41




ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، كەينىدىنمۇ باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە مەدھىيەلەنگۈچى زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغـان.‏
42




ئى مۇھەممەد! ساڭا سۆزلەنگەن نەرسىلەر سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرگە سۆزلەنگەن نەرسىلەردىن باشقىسى ئەمەس. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە ئەلەملىك ئازاب ئىگىسىدۇر.‏
43




ئەگەر بىز ئۇنى ئەجەمچە قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: «بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟» دەيتتى. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر. ئۇلار خۇددى يىراقتىن چاقىرىلىدۇ».‏
44




بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ كىتاب توغرىسىدىمۇ ئىختىلاپ قىلىندى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھىلەنمەكتىدۇر.‏
45




كىم ياخشى ئىش قىلسا، پايدىسى ئۆزىگىدۇر. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر.‏
46




قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇنىڭ خەۋىرى بولماستىن ھېچبىر مېۋە پوستىدىن چىقمايدۇ، ھېچبىر چىشى جىنس ھامىلىدار بولمايدۇ ۋە تۇغمايدۇ. ئۇ كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «سىلەر ماڭا كەلتۈرگەن شېرىكلەر قەيەردە؟» دەپ توۋلايدۇ، ئۇلار: «ساڭا ئوچۇق دەيمىزكى، ھېچبىرىمىز كۆرمىدۇق» دەيدۇ.‏
47




ئۇلارنى ئىلگىرى دۇئا قىلغان مەبۇدلىرى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار قاچىدىغان يېرى يوقلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.‏
48




ئىنسان ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە دەرھال ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ.‏
49




ئەگەر بىز ئۇنىڭغا، بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ: «مەن بۇنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم. مەن قىيامەتنى قايىم بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز.‏
50




ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ. بېشىغا يامانلىق كەلسە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.‏
51




ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بولۇپ، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكۈچى بولغان سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم بولامدۇ؟».‏
52




ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز. رەببىڭنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى كۇپايە قىلمامدۇ؟
53




ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمەكتىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
54




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى