ھا، مىم.
|
1
|
روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى،
|
2
|
بىز قۇرئاننى بەرىكەتلىك كېچىدە نازىل قىلدۇق. چۈنكى بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز.
|
3
|
ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئەمر ئايرىلىدۇ،
|
4
|
بۇ بىز تەرەپتىن بولغان ئەمر[1]. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچى ئەۋەتكۈچىمىز،
|
5
|
بۇ رەببىڭدىن رەھمەتتۇر[2]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
|
6
|
ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار.
|
7
|
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر.
|
8
|
بەلكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدە ئويناۋاتىدۇ.
|
9
|
ئى مۇھەممەد! ئاسمان ئاشكارا تۈتۈن كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن.
|
10
|
ئۇ تۈتۈن ئىنسانلارنى ئورىۋالىدۇ. ئۇ ئەلەملىك ئازابتۇر.
|
11
|
ئۇ كۈنى ئۇلار: «رەببىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن. بىز ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دەيدۇ.
|
12
|
ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن! ھالبۇكى، ئۇلارغا ئاشكارا ئەلچى كەلدى.
|
13
|
ئۇلار ئۇ ئەلچىدىن يۈز ئۆرىدى ۋە: «بۇ ئۆگىتىلگەن، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
|
14
|
بىز ئازابنى ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز. سىلەر چوقۇم يېنىۋالغۇچىلارسىلەر.
|
15
|
بىز قاتتىق تۇتىدىغان كۈندە چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز.
|
16
|
شۈبھىسىزكى، بىز بۇلاردىن ئىلگىرى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا ھۆرمەتلىك ئەلچى كەلگەن ئىدى.
|
17
|
ئەلچى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچىلىك ئەلچىمەن.
|
18
|
ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار. مەن سىلەرگە روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم.
|
19
|
سىلەرنىڭ مېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم.
|
20
|
ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭلار مەندىن نېرى تۇرۇڭلار» دېدى،
|
21
|
ئاندىن رەببىگە: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى.
|
22
|
رەببى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىمنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىققىن. شۈبھىسىزكى، سىلەر قوغلىنىسىلەر[3].
|
23
|
دېڭىزدا ئېچىلغان يولنى ئۆز ھالىتى بىلەن قويغىن. ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر».
|
24
|
ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قويۇپ كەتتى: باغلارنى، بۇلاقلارنى،
|
25
|
ئېكىنلەرنى، ئېسىل ماقاملارنى
|
26
|
ۋە ئۆزلىرى كەيپ - ساپا سۈرگەن نېمەتنى.
|
27
|
ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى باشقا قەۋمگە مىراس قىلىپ بەردۇق.
|
28
|
ئۇلارغا ئاسمان ۋە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
|
29
|
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خورلىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق،
|
30
|
فىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ زومىگەر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى.
|
31
|
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى، بىلىپ زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
|
32
|
ئۇلارغا ئوچۇق سىناق ئۆز ئىچىگە ئالغان مۆجىزىلەرنى بەردۇق.
|
33
|
شۈبھىسىزكى، بۇ مۇشرىكلار مۇنداق دەيدۇ:
|
34
|
«بىزنىڭ بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق. بىز قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز.
|
35
|
ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىڭلار».
|
36
|
بۇلار كۈچلۈكمۇ؟ ياكى تۇببەئـنىڭ قەۋمى[4] ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ؟ بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى.
|
37
|
بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق.
|
38
|
بىز ئۇ ئىككىسىنى پەقەت ھەق بىلەن ياراتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
|
39
|
ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدۇر.
|
40
|
ئۇ كۈن ھېچبىر دوست ھېچبىر دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.
|
41
|
ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
|
42
|
شۈبھىسىزكى، زەققۇم دەرىخى
|
43
|
گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر.
|
44
|
ئۇ مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدۇ، قورساقلاردا قاينايدۇ،
|
45
|
قايناق سۇنىڭ قاينىغىنىدەك.
|
46
|
ئۇ كۈنى دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ گۇناھكارنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار.
|
47
|
ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇ ئازابىدىن تۆكۈڭلار».
|
48
|
ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تېتىغىن، سەن ئۆزۈڭچە كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغ ئىدىڭ.
|
49
|
مانا بۇ سىلەر شۈبھىلەنگەن نەرسىدۇر».
|
50
|
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار بىخەتەر جايدا بولىدۇ،
|
51
|
باغلاردا ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا.
|
52
|
ئۇلار نىپىز ۋە قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ.
|
53
|
بۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز ئۇلارغا شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ھەمراھ قىلىپ بېرىمىز.
|
54
|
ئۇلار ئۇ جايدا خاتىرجەملىك ئىچىدە ھەر مېۋىدىن تەلەپ قىلىدۇ.
|
55
|
ئۇلار ئۇ جايدا ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. دەسلەپكى ئۆلۈم مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىدى.
|
56
|
بۇلار رەببىڭنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
|
57
|
بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. ئۇلار ئويلانغاي!
|
58
|
ئۇ ھالدا كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتمەكتە.
|
59
|