ھا، مىم.
|
1
|
بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
|
2
|
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
|
3
|
سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ تارقاتقان جانلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
|
4
|
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن رىزىقتا ۋە ئاللاھنىڭ شاماللارنى پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
|
5
|
ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى ساڭا ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
|
6
|
بوھتان چاپلىغۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
7
|
ئۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ خۇددى ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
|
8
|
ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىر نەرسە بىلسە، ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەنە شۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
|
9
|
ئۇلارنىڭ ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تاپقان مال - دۇنياسى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ۋەلىي قىلىۋالغان نەرسىلىرىمۇ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
|
10
|
بۇ قۇرئان توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر. رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا يىرگىنچلىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
|
11
|
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەت بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى.
|
12
|
ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
|
13
|
ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا ئېيتقىن: ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى[1] ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن. چۈنكى ئاللاھ ھەر قەۋمنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ.
|
14
|
كىم ياخشى ئىش قىلسا پايدىسى ئۆزىگە. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگە. ئاخىرى ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
|
15
|
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەردۇق، ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق،
|
16
|
ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. سېنىڭ رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
|
17
|
ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.
|
18
|
شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. زالىملار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر.
|
19
|
بۇ قۇرئان ئىنسانلار ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر، جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.
|
20
|
يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئاللاھ بىزنى ھاياتتا ۋە ماماتتا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
|
21
|
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ھەر كىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
|
22
|
ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىلىپ ئازدۇرغان، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
|
23
|
ئۇلار: «ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز، بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ.
|
24
|
ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلارنىڭ: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېيىشتىن باشقا دەلىلى بولمايدۇ.
|
25
|
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قايىم بولۇشىدا شەك بولمىغان قىيامەت كۈنى سىلەرنى بىر يەرگە يىغىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ».
|
26
|
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، ئەنە شۇ كۈندە باتىل تەرەپدارلىرى زىيان تارتىدۇ.
|
27
|
ھەر ئۇممەتنى تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرىسەن. ھەر ئۇممەت ئۆزىنىڭ كىتابىغا چاقىرىلىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن سىلەرگە ئۆز ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
|
28
|
مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر، سىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى بىز، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ نۇسخىسىنى ئالدۇرغان ئىدۇق».
|
29
|
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. مانا بۇ ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
|
30
|
كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە گۇناھكار قەۋم بولدۇڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ!
|
31
|
سىلەرگە: ‹ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھەرگىزمۇ شەك يوقتۇر› دېيىلسە، سىلەر: ‹بىز قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز پەقەت گۇمان قىلىمىز، بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز› دېگەن ئىدىڭلار!».
|
32
|
ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالىدۇ.
|
33
|
ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
|
34
|
چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلار ۋە دۇنيا ھاياتى سىلەرنى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
|
35
|
ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
|
36
|
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
|
37
|