توزۇتقۇچىلار بىلەن،
|
1
|
ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر بىلەن،
|
2
|
ئاسان ئېقىپ ماڭغۇچىلار بىلەن
|
3
|
ۋە ئەمر تەقسىم قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
|
4
|
سىلەرگە بېرىلگەن ۋەدە ئەلۋەتتە راستتۇر.
|
5
|
شۈبھىسىزكى، جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
|
6
|
يوللىرى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەمكى،
|
7
|
ئى ئىنكارچىلار! سىلەر خىلمۇخىل سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر.
|
8
|
ئۇنىڭدىن، بۇرۇۋېتىلگەن كىشى بۇرۇۋېتىلىدۇ.
|
9
|
ئۆلگۈر كاززاپلار!
|
10
|
ئۇلار جاھالەتكە چۆمۈپ كەتكەن غاپىللاردۇر.
|
11
|
ئۇلار: «جازا ۋە مۇكاپات كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
|
12
|
جاۋاب: ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ.
|
13
|
ئۇلارغا: «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار. مانا بۇ سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
|
14
|
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ،
|
15
|
رەببى بەرگەن مۇكاپاتلارنى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ياخشى كىشىلەر ئىدى،
|
16
|
كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى،
|
17
|
تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا مەغپىرەت تىلەيتتى،
|
18
|
ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تەلەپ قىلغۇچى ۋە تەلەپ قىلمىغۇچى موھتاجلار ئۈچۈن ھەق بار ئىدى.
|
19
|
ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن زېمىندا ئايەتلەر بار.
|
20
|
ئۆزۈڭلاردىمۇ ئايەتلەر بار. كۆرمەمسىلەر؟
|
21
|
ئاسماندا رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار.
|
22
|
ئاسمان ۋە زېمىننىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بۇ خۇددى سىلەرنىڭ سۆز قىلىۋاتقىنىڭلاردەك ھەقتۇر.
|
23
|
ئى مۇھەممەد! ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
|
24
|
ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن! ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى.
|
25
|
ئاندىن تۇيدۇرماستىن ئائىلىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېمىز بىر موزاي ئېلىپ كەلدى.
|
26
|
ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويۇپ: «قېنى، تاماققا بېقىڭلار!» دېدى.
|
27
|
بۇ ئەسنادا ئىبراھىم ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن!» دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەردى.
|
28
|
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كەلدى، يۈزىگە ئۇردى ۋە: «مەن ياشانغان ۋە تۇغماس ئايال تۇرسام!» دېدى.
|
29
|
ئۇلار: «ئۇ شۇنداق. لېكىن بۇنى رەببىڭ دېدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر» دېدى.
|
30
|
ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى.
|
31
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق.
|
32
|
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن ياسالغان تاشلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق.
|
33
|
ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە سېلىنغان تاشلاردۇر».
|
34
|
بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردىكى مۇئمىنلارنى چىقاردۇق.
|
35
|
بىز ئۇ يەردە بىر ئائىلىدىن باشقا مۇسۇلمان ئۇچراتمىدۇق.
|
36
|
ئۇ يەردە، ئەلەملىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ئايەت قالدۇردۇق.
|
37
|
بىز مۇسادىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. بىز ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق.
|
38
|
فىرئەۋن سەلتەنىتىگە تايىنىپ يۈز ئۆرۈدى ۋە: «بۇ سېھىرگەردۇر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
|
39
|
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى نىل دەرياسىغا ئاتتۇق. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى.
|
40
|
بىز ئادتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. بىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يىلتىزىنى قۇرۇتقۇچى بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
|
41
|
ئۇ بوران نېمىنىڭ ئۈستىگە كەلسە شۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك قىلىۋېتەتتى.
|
42
|
بىز سەمۇدتىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «ۋاقىت كەلگۈچە بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار» دېيىلگەن ئىدى.
|
43
|
ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
|
44
|
ئۇلار ئورنىدىن تۇرالمىدى ۋە ئۆزلىرىنى قوغدىيالمىدى.
|
45
|
بىز ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. چۈنكى ئۇلار فاسىق قەۋم ئىدى.
|
46
|
بىز ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بىنا قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز كېڭەيتكۈچىمىز.
|
47
|
زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز.
|
48
|
ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق. ئويلانغايسىلەر!
|
49
|
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
|
50
|
ئاللاھقا باشقا ھېچقانداق ئىلاھنى تەڭ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
|
51
|
شۇنىڭدەك[1]، بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى «سېھىرگەر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم» دېدى.
|
52
|
ئۇلار بۇنى بىر-بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ياق، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر.
|
53
|
ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. سەن ئەيىبلەنمەيسەن.
|
54
|
سەن ئەسلەتكىن، چۈنكى ئەسلىتىش مۇئمىنلارغا پايدا بېرىدۇ.
|
55
|
مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم.
|
56
|
مەن ئۇلاردىن ھېچقانداق رىزىق ئىرادە قىلمايمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا تائام بېرىشىنىمۇ ئىرادە قىلمەيمەن.
|
57
|
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىدۇر ۋە كۈچ -قۇدرەت ئىگىسىدۇر.
|
58
|
شۈبھىسىزكى، زالىملارغا ئازابتىن دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنى ئالدىراتمىسۇن.
|
59
|
كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.
|
60
|