قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.
|
1
|
ئۇلار قانداقلا بىر ئايەت كۆرسە يۈز ئۆرۈيدۇ، «بولۇپ تۇرىدىغان سېھىر» دەيدۇ،
|
2
|
ئادىتى بويىچە يالغان دەيدۇ ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدۇ. ھەر ئىش ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشقۇچىدۇر.
|
3
|
ئۇلارغا يامان يولدىن توسىدىغان خەۋەرلەر كەلدى،
|
4
|
مۇكەممەل ھېكمەت. لېكىن ئاگاھلاندۇرۇشلار پايدا بەرمەيۋاتىدۇ.
|
5
|
ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈنى چاقىرغۇچى ناتۇنۇش بىر نەرسىگە چاقىرىدۇ.
|
6
|
ئۇلار كۆزلىرى خۇنۇكلەشكەن ۋە يەرگە تىكىلىپ قالغان ھالەتتە قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ، ئۇلار خۇددى ھەر تەرەپكە يېيىلغۇچى چېكەتكىگە ئوخشايدۇ.
|
7
|
ئۇلار چاقىرغۇچى تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ. كافىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ.
|
8
|
ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى «يالغانچى» دېدى، ئۇلار بىزنىڭ بەندىمىزنى «يالغانچى» دېدى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا: «بۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېيىشتى. بەندىمىز مەنئى قىلىندى.
|
9
|
ئۇ، رەببىگە « مەن يېڭىلدىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.
|
10
|
بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق.
|
11
|
زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى.
|
12
|
بىز ئۇ بەندىمىزنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىنىڭ ئۈستىدە توشۇدۇق.
|
13
|
كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئاقاتتى. بۇ ئىنكار قىلىنغان كىشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىدى.
|
14
|
بىز ئۇنى ئايەت سۈپىتىدە قالدۇردۇق. ئويلانغۇچى يوقمۇ؟
|
15
|
مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
|
16
|
بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
|
17
|
ئاد يالغانچى دېدى. مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
|
18
|
بىز ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان كۈندە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق.
|
19
|
بوران ئىنسانلارنى يۇلۇپ تاشلايتتى. ئۇلار خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشايتتى.
|
20
|
مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
|
21
|
بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
|
22
|
سەمۇد ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.
|
23
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىچىمىزدىن بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئەگەر ئۇنداق قىلساق ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۆزىمىزنى ئوتقا ئاتقان بولىمىز.
|
24
|
ۋەھىي ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا بېرىلىپتۇمۇ؟ ياق، ئۇ ھاكاۋۇر يالغانچىدۇر».
|
25
|
ئۇلار ئەتە ھاكاۋۇر يالغانچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.
|
26
|
بىز سالىھقا مۇنداق دېدۇق: «بىز ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنى كۆزەتكىن ۋە سەۋر قىلغىن.
|
27
|
ئۇلارغا مۇنۇ خەۋەرنى بەرگىن: سۇ تۆگە بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىنغۇچىدۇر. قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە سۇنىڭ يېنىغا شۇ ھازىر بولسۇن».
|
28
|
ئاندىن ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى. ئۇ ئىشقا كىرىشتى ۋە تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى.
|
29
|
مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
|
30
|
بىز ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز ئەۋەتتۇق. ئۇلار دەرھال قوتاندىكى قۇرۇق ئوت - چۆپ پارچىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.
|
31
|
بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
|
32
|
لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.
|
33
|
بىز ئۇلارغا تاش ئەۋەتتۇق. لۇتنىڭ ئائىلىسى مۇستەسنا. بىز ئۇلارنى سەھەردە قۇتقۇزدۇق،
|
34
|
ئۇلارغا نېمەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. بىز شۈكۈر قىلغانلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
35
|
شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشغا گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
|
36
|
ئۇلار قەبىھ ئىش ئۈچۈن لۇتتىن مېھمانلىرىنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، ئاندىن ئۇلارغا: «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قۇلاق سالمىغانلىقنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېدۇق.
|
37
|
ئۇلارنى ئەتىگىنى بېكىتىلگەن ئازاب باستى.
|
38
|
ئۇلارغا: «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قۇلاق سالمىغانلىقنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېدۇق.
|
39
|
بىز قۇرئاننى توغرا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇ ئىلىمنى ئالغۇچى يوقمۇ؟
|
40
|
فىرئەۋن خانىدانىغىمۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن ئىدى.
|
41
|
ئۇلار پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېدى. بىز ئۇلارنى ئەزىز ۋە قۇدرەتلىك سۈپىتىمىزگە لايىق شەكىلدە جازالىدۇق.
|
42
|
سىلەرنىڭ كافىرلىرىڭلار ئۇلاردىن ياخشىمۇ؟ ياكى ئىلگىرىكى كىتابلاردا سىلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق بىرەر ھۆكۈم بارمۇ؟
|
43
|
ياكى ئۇلار: «بىز غەلىبە قىلغۇچى جامائەمىز» دەمدۇ؟
|
44
|
ئۇ جامائە يېقىندا مەغلۇب قىلىنىدۇ ۋە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ.
|
45
|
بەلكى قىيامەت ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئازابقا دۇچار بولۇش ۋاقتىدۇر. قىيامەت ناھايىتى دەھشەتلىك ۋە بەك ئاچچىقتۇر.
|
46
|
گۇناھكارلار گۇمراھلىقتىدۇر ۋە يالقۇنلار ئىچىدىدۇر.
|
47
|
ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىدىغان كۈندە، ئۇلارغا: «دوزاخ ئازابىنىڭ تەمىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
48
|
شۈبھىسىزكى، بىز ھەر نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق.
|
49
|
بىزنىڭ ئەمرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەمەلگە ئاشىدىغان بىرلا سۆزدۇر[1].
|
50
|
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئوخشاشلىرىڭلارنى ھالاك قىلدۇق. ئويلانغۇچى بارمۇ؟
|
51
|
ئۇلار قىلغان ھەر نەرسە نام - ئەمەل دەپتەرلىرىدىدۇر.
|
52
|
كىچىك، چوڭ ھەممىسى يېزىلغان.
|
53
|
تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە ئۆستەڭ باشلىرىدا بولىدۇ.
|
54
|
راستچىللىق ماقامىدا، قۇدرەتلىك پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ.
|
55
|