ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

55-سۈرە رەھمان مەدىنەدە نازىل بولغان، 78 ئايەت

رەھمان‏
1




قۇرئاننى ئۆگەتتى،‏
2




ئىنساننى ياراتتى،‏
3




ئۇنىڭغا باياننى[1] ئۆگەتتى. ‏
4




كۈن ۋە ئاي ھېساب بىلەندۇر.‏
5




ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ.‏
6




رەھمان ئاسماننى كۆتۈردى ۋە مىزاننى قويدى.‏
7




ئۇ ھالدا مىزاندا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار،‏
8




ئۆلچەشنى ئادالەت بىلەن تۇرغۇزۇڭلار، مىزاننى كېمەيتىۋەتمەڭلار.‏
9




رەھمان زېمىننى مەخلۇقاتنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويدى.‏
10




ئۇنىڭدا مېۋىلەر، بوغۇملۇق خورمىلار،‏
11




سامانلىق دانلار ۋە خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر بار.‏
12




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
13




رەھمان ئىنساننى ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى،‏
14




جاننى[2] ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى.‏
15




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
16




رەھمان ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر.‏
17




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
18




رەھمان ئىككى دېڭىزنى قويۇۋەتتى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ.‏
19




ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسما بار. ئۇلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ.‏
20




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
21




ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت ۋە مارجان چىقىدۇ.‏
22




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
23




رەھمان دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان تاغلاردەك ئىگىز كېمىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.‏
24




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
25




يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.‏
26




سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ.‏
27




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
28




ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تىلەيدۇ. ئۇ ھەر كۈنى بىر ئىشتىدۇر.‏
29




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
30




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەردىن يېقىندا ھېساب ئالىمىز.‏
31




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
32




ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە كۈچۈڭلار يەتسە، ئۆتۈپ كېتىڭلار. پەقەت كۈچ بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر.‏
33




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
34




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەرگە ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە مىس ئېرىتمىسى ئەۋەتىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر.‏
35




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
36




ئاسمان يېرىلىپ، مايدەك قىزىل گۈل بولغاندا،
37




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
38




ئەنە شۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە ھېچبىر جىن ئۆز گۇناھىدىن سورالمايدۇ.‏
39




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
40




گۇناھكارلار سېماسىدىن تونۇلۇپ، كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ.‏
41




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
42




ئۇلارغا: «ئەنە شۇ، گۇناھكارلار يالغان دېگەن جەھەننەمدۇر!» دېيىلىدۇ.‏
43




ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن قايناق سۇ ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ.‏
44




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
45




رەببىنىڭ ماقامىدىن[3] قورققانلار ئۈچۈن ئىككى جەننەت بار.‏
46




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
47




ھەر ئىككىلىسى تۈرلۈك دەرەخلەرگە ئىگىدۇر.‏
48




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
49




ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.‏
50




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
51




ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى تۈرلۈك بار.‏
52




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
53




ئۇ جەننەتلەرگە كىرگەنلەر ئەستەرلىرى تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ. ھەر ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىندۇر.‏
54




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
55




ئۇ جەننەتلەردە كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان، ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن بىر يەردە بولمىغان قىزلار بار.‏
56




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
57




ئۇلار خۇددى ياقۇتتۇر، مارجاندۇر.‏
58




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
59




ياخشىلىقنىڭ، ياخشىلىقتىن باشقا مۇكاپاتى بولامدۇ؟‏
60




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
61




ئۇ ئىككى جەننەتتىن باشقا يەنە ئىككى جەننەت بار.‏
62




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
63




بۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.‏
64




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
65




بۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.‏
66




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
67




بۇ ئىككى جەننەتتە مېۋە، خورما ۋە ئانار بار.‏
68




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
69




ئۇ جەننەتلەردە ياخشى خۇيلۇق، چىرايلىق قىزلار بار.‏
70




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
71




ئۇلار چېدىرلاردە توختىتىلغۇچى ئاق تەنلىك قىزلاردۇر.‏
72




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
73




ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇ قىزلار بىلەن ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن بىر يەردە بولمىغان.‏
74




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟‏
75




ئۇ جەننەتلەرگە كىرگەنلەر يېشىل ياستۇق ۋە چىرايلىق تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ.‏
76




ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟
77




سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ ئىسمى نېمىدېگەن ئۇلۇغ!‏
78




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى