ئەمەلگە ئاشقۇچى ئەمەلگە ئاشقان چاغدا[1]،
|
1
|
ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ھېچكىم يالغان دېيەلمەيدۇ.
|
2
|
ئۇ پەسلەتكۈچىدۇر، كۆتۈرگۈچىدۇر.
|
3
|
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن،
|
4
|
تاغلار پارچىلىنىپ،
|
5
|
چاڭ- توزان بولۇپ كەتكەن
|
6
|
ۋە سىلەر ئۈچ پىرقە بولغان چاغدا،
|
7
|
سائادەتمەنلەر، نېمىدېگەن بەختلىك بۇ سائادەتمەنلەر!
|
8
|
شۇم كىشىلەر، نېمىدېگەن بەختسىز بۇ شۇم كىشىلەر!
|
9
|
ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئالدىدا ماڭغۇچىلار[2]،
|
10
|
ئەنە شۇلار يېقىنلاشتۇرۇلغۇچىلاردۇر،
|
11
|
نەئىم جەننەتلىرىدىدۇر،
|
12
|
ئاۋۋالقىلاردىن كۆپتۇر،
|
13
|
ئاخىرقىلاردىن ئازدۇر،
|
14
|
ئالتۇن ۋە گۆھەرلەر بىلەن توقۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدىدۇر،
|
15
|
ئۇ كارىۋاتلارغا يۆلەنگەن ۋە بىر-بىرىگە قاراشقان ھالەتتىدۇر.
|
16
|
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان بالىلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
|
17
|
ئۇ بالىلار ئۇلارغا پىيالە، چەينەك ۋە بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەرنى سۇنىدۇ.
|
18
|
بۇ شاراب ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئاغرىتمايدۇ، ئۇلارنى مەست قىلمايدۇ.
|
19
|
ئۇ بالىلار يەنە ئۇلارغا ئۇلار تاللايدىغان مېۋىلەرنى
|
20
|
ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان قۇش گۆشلىرىنى سۇنىدۇ.
|
21
|
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا يەنە شەھلا كۆزلۈك، ئاق تەنلىك قىزلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ،
|
22
|
ئۇلار ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدۇ.
|
23
|
بۇ نېمەتلەر ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار ئەمەل قىلغان.
|
24
|
ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە بىھۇدە ۋە گۇناھكار قىلىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ.
|
25
|
لېكىن «سالام! سالام!» دېگەن سۆزنىلا ئاڭلايدۇ.
|
26
|
ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر، نېمىدېگەن بەختلىك بۇ ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر!
|
27
|
ئۇلار تىكەنسىز گىلاس،
|
28
|
سانجاق-سانجاق بانان،
|
29
|
ئۇزىتىلغان سايە،
|
30
|
ئېقىتىلغان سۇ،
|
31
|
كۆپ مېۋە-
|
32
|
تۈگىمەيدىغان ۋە مەنئى قىلىنمايدىغان-
|
33
|
ۋە يۈكسەلدۈرۈلگەن تۆشەكلەر قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
|
34
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ خانىملارنى يېڭىدىن ياراتتۇق،
|
35
|
ئۇلارنى قىزلارغا ئايلاندۇردۇق،
|
36
|
نازاكەتلىك، تەڭتۇش قىزلار ھالىتىگە كەلتۈردۇق.
|
37
|
ئۇلار ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر ئۈچۈندۇر.
|
38
|
ئۇلار ئاۋۋالقىلاردىن كۆپتۇر،
|
39
|
ئاخىرقىلاردىنمۇ كۆپتۇر.
|
40
|
ئەمەل دەپتىرى سول تەرەپتىن بېرىلگەنلەر، نېمىدېگەن بەختسىز بۇ ئەمەل دەپتىرى سول تەرەپتىن بېرىلگەنلەر!
|
41
|
ئۇلار ئوتلۇق شامال، قايناق سۇ
|
42
|
ۋە قاپقارا سايە قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
|
43
|
ئۇ سايە سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس.
|
44
|
چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملەر ئىدى،
|
45
|
چوڭ گۇناھنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇراتتى
|
46
|
ۋە مۇنداق دەيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟
|
47
|
بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟».
|
48
|
ئېيتقىنكى: «ئاۋۋالقىلار ۋە ئاخىرقىلار،
|
49
|
مەلۇم كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا چوقۇم توپلىنىدۇ.
|
50
|
ئاندىن سىلەر، ئى راستنى يالغان دېگۈچى ئازغۇنلار!
|
51
|
چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر،
|
52
|
قورساقلىرىڭلارنى ئۇنىڭدىن تولدۇرىسىلەر،
|
53
|
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇدىن ئىچىسىلەر،
|
54
|
تەشنا تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر».
|
55
|
مانا بۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان زىياپەتتۇر.
|
56
|
سىلەرنى بىز ياراتتۇق، نېمىشقا تەستىقلىمايسىلەر؟
|
57
|
سىلەر مەنىيىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار!
|
58
|
ئۇنى سىلەر يارىتىۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتىۋاتامدىمىز؟
|
59
|
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز بەلگىلىدۇق. بىز ئاجىز ئەمەس،
|
60
|
سىلەرنى ئوخشاشلىرىڭلار بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ۋە سىلەرنى يېڭىدىن سىلەر بىلمەيدىغان شەكىلدە يارىتىشقا.
|
61
|
سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار، نېمىشقا ئويلاپ باقمايسىلەر؟
|
62
|
سىلەر تېرىغان نەرسەڭلەر توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار!
|
63
|
ئۇنى سىلەر ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ زىرائەت ھالىتىگە كەلتۈرۈۋاتامدىمىز؟
|
64
|
خالىغان بولساق ئۇنى قۇرۇق چۆپ قىلىۋېتەتتۇق، ھەيران قالاتتىڭلار ۋە:
|
65
|
«بىز زىيان تارتىپ كەتتۇق،
|
66
|
بەلكى تامامەن مەھرۇم قىلىندۇق» دەيتتىڭلار.
|
67
|
سىلەر ئىچىۋاتقان سۈيۈڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار!
|
68
|
ئۇنى بۇلۇتلاردىن سىلەر چۈشۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز چۈشۈرۈۋاتامدىمىز؟
|
69
|
خالىغان بولساق ئۇنى ئاچچىق قىلاتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
|
70
|
سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتۇڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار!
|
71
|
ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز ئۆستۈرۈۋاتامدىمىز؟
|
72
|
بىز ئۇنى ئەسلەش ۋاسىتى[3] ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق.
|
73
|
ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.
|
74
|
ئۇنداق ئەمەس، يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى-
|
75
|
بىلسەڭلەر بۇ ناھايىتى چوڭ قەسەمدۇر-
|
76
|
شۈبھىسىزكى، ئۇ ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر،
|
77
|
ساقلانغۇچى كىتابتىدۇر،
|
78
|
ئۇنى پاك قىلىنغانلاردىن باشقىسى تۇتالمايدۇ،
|
79
|
ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغۇچىدۇر.
|
80
|
سىلەر مۇشۇ سۆزگە ياغلامچىلىق قىلامسىلەر؟
|
81
|
ئۇنى يالغان دېيىشنى رىزقىڭلار قىلامسىلەر؟
|
82
|
نېمىشقا جان ھەلقۇمغا يەتكەندە-
|
83
|
سىلەر ئۇ ئەسنادا قاراپ تۇرىسىلەر،
|
84
|
بىز سەكراتتىكى ئادەمگە سىلەردىن يېقىن، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر-
|
85
|
نېمىشقا ئەگەر جازالاندۇرۇلمايدىغان بولساڭلار،
|
86
|
ئۇ ھەلقۇمغا يەتكەن جاننى قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار.
|
87
|
ئەگەر ئۇ يېقىنلاشتۇرۇلغۇچىلاردىن بولسا،
|
88
|
ئۇنىڭغا راھەت، ياخشى رىزىق ۋە نەئىم جەننەتلىرى بار.
|
89
|
ئەگەر ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەردىن بولسا،
|
90
|
ساڭا ئوڭ تەرەپنىڭ ئىگىلىرىدىن سالام!
|
91
|
ئەگەر ئۇ گۇمراھ كاززاپلاردىن بولسا،
|
92
|
ئۇنىڭغا قايناق سۇدىن زىياپەت
|
93
|
ۋە دوزاخقا تاشلىنىپ كۆيۈش بار.
|
94
|
شۈبھىسىزكى، بۇ قەتئىي ھەقىقەتتۇر.
|
95
|
ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.
|
96
|