ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

58-سۈرە مۇجادەلە مەدىنەدە نازىل بولغان، 22 ئايەت

ئى مۇھەممەد! ئاللاھ، ئېرى توغرۇلۇق سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ بىر-بىرىڭلارغا قىلغان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتى. چۈنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
1




ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئايالىنى زىھار[1] قىلغانلار بىلىشلىرى لازىمكى، ئۇ ئاياللار ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئۇلارنى تۇغقان ئاياللاردۇر، خالاس. ئۇلار يامان سۆز‏‎ ‎‏ قىلماقتىدۇر ۋە يالغان ئېيتماقتىدۇر. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.‏
2




ئايالىنى زىھار قىلغان، ئاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدىن يانغانلار ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قۇل ئازاد قىلسۇن. مانا بۇ سىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏
3




كىمكى تاپالمىسا، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتسۇن. كىمكى قادىر بولالمىسا، ئاتمىش مىسكىنگە تائام بەرسۇن. بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.‏
4




شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالارغا قارشى چېگرالار بەلگىلىگەنلەر ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر خورلانغاندەك خورلىنىدۇ. بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. كافىرلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار.‏
5




ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنى بىر-بىرلەپ يېزىپ قويغان، ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
6




كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. مەخپىي سۆزلىشىۋاتقان ئۈچ كىشىنىڭ تۆتىنچىسى ئاللاھتۇر. بەش كىشىنىڭ ئالتىنچىسى ئاللاھتۇر. كىشى ئۇنىڭدىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ۋە قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏
7




ئى مۇھەممەد! مەخپىي سۆزلىشىشتىن چەكلەنگەن ئاندىن ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە قايتىپ گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق مەخپىي سۆزلىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار يېنىڭغا كەلگەندە، ساڭا ئاللاھ قىلغان سالامدىن باشقا بىر سالام بىلەن سالام قىلىدۇ ۋە ئىچىدە: «ئاللاھ بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى نېمىشقا ئازابلىمايدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!‏
8




ئى مۇئمىنلار! پىچىرلاشقان چېغىڭلاردا گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق پىچىرلاشماڭلار. ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.‏
9




شۈبھىسىزكى، بىرىنچى تۈرلۈك پىچىرلىشىش شەيتاندىندۇر. بۇ مۇئمىنلارنى غەمكىن قىلىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئۇ پىچىرلىشىش ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.‏
10




ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە سورۇنلاردا: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏
11




ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ ئاندىن سۆزلىشىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
12




سىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەرنى بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئۇ ھالدا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏
13




ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ.‏
14




ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!‏
15




ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار.‏
16




ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏
17




ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز دەپ ئويلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.‏
18




شەيتان ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ گۇرۇھىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، شەيتاننىڭ گۇرۇھى ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏
19




شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالارغا قارشى چېگرالار بەلگىلىگەنلەر ئەڭ خار بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.‏
20




ئاللاھ: «مەن چوقۇم غالىب كېلىمەن، ئەلچىلىرىممۇ غالىب كېلىدۇ» دەپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.‏
21




ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالارغا قارشى چېگرالار بەلگىلىگەن كىشىلەرنى- بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى بالىلىرى ياكى قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ- دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ قەلبلىرىدە ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلارنى ئۆز تەرىپىدىن بىر روھ بىلەن كۈچەيتتى، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولدى. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ گۇرۇھىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏
22




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى