ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

60- سۈرە مۇمتەھىنە مەدىنەدە نازىل بولغان، 13 ئايەت

ئى مۇئمىنلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. سىلەر ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقكە كافىر بولدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى ۋە سىلەرنى رەببىڭلار ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئەگەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ۋە مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن چىققان بولساڭلار ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنى ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىم شۇنداق قىلسا، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ. ‏
1




ئەگەر ئۇلار سىلەردىن غالىب كەلسە، سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە قوللىرىنى ۋە تىللىرىنى يامانلىق بىلەن ئۇزارتىدۇ، ئۇلار سىلەرنىڭ كافىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلدى. ‏
2




قىيامەت كۈنى تۇغقانلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
3




ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا- جۇدامىز، سىلەردىن تاندۇق، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئاشكارا بولۇپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى- لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا: «ساڭا ئەلۋەتتە مەغپىرەت تىلەيمەن، لېكىن ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە بولمايدۇ- «رەببىمىز! بىز ساڭا تەۋەككۇل قىلدۇق، ساڭا يۆنەلدۇق، سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا بارىمىز.‏
4




رەببىمىز! بىزنى كافىرلارنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەببىمىز! پەقەت سەنلا ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».‏
5




ئۇلار سىلەرگە- ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان كىشىگە- ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر. كىم يۈز ئۆرۈسە، بىلسۇنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.‏
6




ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر دۈشمەنلەشكەن كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ قادىردۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
7




ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.‏
8




ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.‏
9




ئى مۇئمىنلار! مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ يېنىڭلارغا كەلسە ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كافىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، بۇلار ئۇ كافىرلارغا ھالال ئەمەستۇر، ئۇ كافىرلارمۇ بۇلارغا ھالال بولمايدۇ. ئۇ كافىرلارغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنى بېرىڭلار. ئۇ ئاياللارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. كافىر ئاياللارنى نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. چىقىم قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كافىر ئەرلەرمۇ چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏
10




ئەگەر بەزى ئاياللىرىڭلار كافىرلارنىڭ يېنىغا قېچىپ كېتىپ، ئۇ كافىرلار سىلەرنىڭ ئۇ ئاياللارغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى بەرمىسە، ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزى ئاياللىرى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قېچىپ كېلىپ، تۆلەم تۆلەش نۆۋىتى سىلەرگە كەلسە، ئاياللىرى كافىرلارنىڭ يېنىغا كەتكەن كىشىلەرگە ئاياللىرىغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ئوخشىشىنى بېرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىسىلەر.‏
11




ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
12




ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار ئاخىرەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، كافىرلار قەبىرلەرنىڭ ئەھلىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك.‏
13




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى