ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھتۇر، پاكتۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
|
1
|
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۇممىيلار[1]غا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
|
2
|
ئاللاھ ئۇ ئەلچىنى ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ ئەۋەتتى. ئۇ باشقىلار تېخى ئۇلارغا قوشۇلمىدى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
|
3
|
ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر.
|
4
|
زىممىلىرىگە تەۋراتقا ئەمەل قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق، تەۋراتقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئەھۋالى چوڭ - چوڭ كىتابلارنى توشۇيدىغان ئېشەكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
|
5
|
ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار».
|
6
|
ئۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.
|
7
|
ئېيتقىنكى: «سىلەر قېچىۋاتقان ئۆلۈم سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇچرىشىدۇ. ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
|
8
|
ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار.
|
9
|
ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
|
10
|
ئۇلار بىرەر تىجارەت ياكى بىرەر بىھۇدە مەشغۇلات كۆرسە تارقىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېتىدۇ، سېنى ئۆرە تۇرغان ھالىتىڭدە تەرك ئېتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسە بىھۇدە مەشغۇلاتتىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
|
11
|