بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

63-سۈرە مۇنافىقۇن مەدىنەدە نازىل بولغان، 11 ئايەت

ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.‏
1




ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!‏
2




بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئىمان ئېيتتى، ئاندىن كافىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ.‏
3




ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ جىسىملىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. ئۇلار خۇددى يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلغىن. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟‏
4




ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.‏
5




ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر: ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.‏
6




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھقا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار چۈشەنمەيدۇ.‏
7




ئۇلار: «ئەگەر مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز كىشى ئەڭ خار كىشىنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ» دەيدۇ. ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار بىلمەيدۇ.‏
8




ئى مۇئمىنلار! سىلەرنى مال ۋە بالىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسمىسۇن. ئۇنداق قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏
9




بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىزنىڭ يولىمىزدا چىقىم قىلىڭلار. بۇنى بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنا ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار.‏
10




شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەجىلى توشقان ھېچ كىشىنى كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏
11