ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم توربىكىتى logo

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

66- سۈرە تەھرىم مەدىنەدە نازىل بولغان، 12 ئايەت

ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ‏
1




ئاللاھ سىلەرگە كەففارەت بېرىپ قەسەملىرىڭلاردىن چىقىشنى يولغا قويۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ‏‎  ‎
2




ئۆز ۋاقتىدا نەبىي ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئاشكارىلىغان چاغدا، نەبىي بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي بۇنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات خەۋەر قىلدى» دېدى.‏
3




ئى نەبىينىڭ ئىككى ئايالى! ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، قەلبلىرىڭلار ھەقكە يۆنەلگەن بولىدۇ. ئەگەر ئىككىڭلار نەبىيگە قارشى بىر-بىرىڭلارغا يار-يۆلەك بولساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر، جىبرىئىل ۋە مۇئمىنلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈكتۇر.‏
4




ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى، مۇسۇلمان، مۇئمىن، ئىتائەتكار، تەۋبىكار، ئىبادەتكار، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، چوكان ۋە قىز جۈپلەرنى بېرىشى مۇمكىن.‏
5




ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.‏
6




ئى كافىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.‏
7




ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن. ئۇ كۈنى ئاللاھ نەبىينى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولغان مۇئمىنلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى تامام قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.‏
8




ئى نەبىي! كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قوپال بولغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!‏
9




ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى.‏
10




ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: «رەببىم! ھۇزۇرىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن ئىدى.‏
11




ئاللاھ ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنىمۇ مىسال قىلدى. ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز ئىدى. بىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى.‏
12




Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى