نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى،
|
1
|
ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەسسەن.
|
2
|
شۈبھىسىزكى، ساڭا پۈتمەس - تۈگىمەس ئەجىر بار.
|
3
|
شۈبھىسىزكى، سەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىسەن.
|
4
|
يېقىندا كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ:
|
5
|
قايسىڭلارنىڭ ئەقلىنى يوقاتقانلىقىنى.
|
6
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
|
7
|
ئۇ ھالدا راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ئىتائەت قىلمىغىن.
|
8
|
ئۇلار سېنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىڭنى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
|
9
|
تۆۋەندىكى سۈپەتتە بولغان ھېچكىمگە ئىتائەت قىلمىغىن: قەسەمخور، پەس،
|
10
|
ئەيىبلىگۈچى، سۇخەنچى،
|
11
|
ياخشىلىقنى مەنئى قىلغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار،
|
12
|
قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان.
|
13
|
ئۇ مال - مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئادەمدۇر.
|
14
|
ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ.
|
15
|
بىز يېقىندا ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا بەلگە سالىمىز.
|
16
|
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغىنىمىزدەك سىنىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا باغنىڭ ئىگىلىرى باغنىڭ مېۋىلىرىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى.
|
17
|
ئۇلار ئىنشائاللاھ دېمىگەن ئىدى.
|
18
|
ئاندىن ئۇ باغنى رەببىڭدىن كەلگەن بىر پالاكەت باستى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۇخلاۋاتتى.
|
19
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇ باغ سۈبھى ۋاقتىغىچە مېۋىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان باغقا ئوخشاش بولۇپ قالدى.
|
20
|
ئاندىن باغنىڭ ئىگىلىرى سۈبھى ۋاقتىدا بىر - بىرىنى مۇنداق دەپ توۋلاشتى:
|
21
|
«ئۈزۈۋالغۇچىلار بولساڭلار مەھسۇلاتىڭلارنىڭ يېنىغا ئەتىگەن بېرىڭلار».
|
22
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چۈشتى ۋە ماڭغاچ مۇنداق دەپ پىچىرلىشاتتى:
|
23
|
«بۈگۈن باغقا، يېنىڭلارغا بىرەر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن»
|
24
|
ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەتىگەن باردى،
|
25
|
لېكىن باغنى كۆرۈپ مۇنداق دېيىشتى: «بىز چوقۇم ئېزىپ كېتىپتىمىز.
|
26
|
بەلكى بىز مەھرۇم قىلىنىپتىمىز».
|
27
|
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ھال بولغىنى[1]: «مەن سىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتمايسىلەر؟› دېمىدىممۇ؟» دېدى.
|
28
|
ئۇلار: «بىز رەببىمىزگە تەسبىھ ئېيتىمىز. بىز زۇلۇم قىلىپتىمىز» دېدى.
|
29
|
ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ بىر - بىرىگە مالامەت قىلىشاتتى.
|
30
|
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىسىت بىزگە! بىز ھەددىمىزدىن ئېشىپتىمىز.
|
31
|
رەببىمىز بىزگە ئۇ باغنىڭ ئورنىغا ئۇ باغدىن ياخشىراقىنى بەرگەي، بىز رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز».
|
32
|
ئازاب ئەنە شۇنداقتۇر، ئاخىرەت ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار بىلگەن بولسىچۇ!
|
33
|
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا نەئىم جەننەتلىرى بار.
|
34
|
بىز مۇسۇلمانلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟
|
35
|
سىلەرگە نېمە بولدىكىن، نېمىشقا بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟
|
36
|
ياكى سىلەرنىڭ بىرەر كىتابىڭلار بار بولۇپ، بۇ ھۆكۈمنى ئۇنىڭدا ئوقۇدۇڭلارمۇ؟
|
37
|
ئۇنىڭدا خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭ بولىدۇ دەپ يېزىلغانمۇ؟
|
38
|
ياكى بىز سىلەرگە، نېمىگە ھۆكۈم قىلساڭلار سىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا دائىر قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان قەسەملەرنى قىلىپ بەردۇقمۇ؟
|
39
|
ئۇلاردىن سورىغىن: ئۇلارنىڭ قايسىسى بۇنىڭغا كېپىل؟
|
40
|
ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى بارمۇ؟ بار بولسا شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن! ئەگەر راستچىل كىشىلەر بولسا.
|
41
|
ئۇ كۈنى پاچاق ئېچىلىدۇ[2]. ئۇلار سەجدە قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار قادىر بولالمايدۇ.
|
42
|
ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سەجدە قىلالايدىغان چاغلىرىدا سەجدە قىلىشقا چاقىرىلاتتى.
|
43
|
بۇ سۆزنى يالغان دېگۈچىلەرنى ماڭا قويغىن. بىز ئۇلارنى ئازابقا ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز.
|
44
|
ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.
|
45
|
ياكى سەن ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلار ئېغىر قەرز ئاستىدا قالدىمۇ؟
|
46
|
ياكى غەيب ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇلار يېزىۋالامدۇ؟
|
47
|
رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ھەمراھىدەك بولمىغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىگە ئاچچىق تولغان ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى.
|
48
|
ئەگەر ئۇنىڭغا رەببىدىن نېمەت يېتىشمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا ئوچۇقچىلىق جايغا ئېتىلغان بولاتتى.
|
49
|
لېكىن رەببى ئۇنى تاللاپ ياخشىلاردىن قىلدى.
|
50
|
كافىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: «ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دەيدۇ.
|
51
|
ھالبۇكى، قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر.
|
52
|