ھاققە[1]!
|
1
|
ھاققە نېمىدۇر؟
|
2
|
ھاققە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
|
3
|
سەمۇد ۋە ئاد قارىئە[2]نى يالغان دېدى.
|
4
|
شۇنىڭ بىلەن سەمۇد ھەددىدىن زىيادە پالاكەت[3] بىلەن ھالاك قىلىندى.
|
5
|
ئاد بولسا سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قاتتىق قارا بوران بىلەن ھالاك قىلىندى.
|
6
|
ئاللاھ ئۇ بوراننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي چىقاردى. ئەگەر ئۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئۇلارنى خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك يېقىلغان ھالەتتە كۆرەتتىڭ.
|
7
|
ھازىر ئۇلاردىن قېلىپ قالغان بىرەرىنى كۆرۈۋاتامسەن؟
|
8
|
شۇنىڭدەك فىرئەۋنمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلارمۇ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەرمۇ خاتا ئىشلارنى قىلدى.
|
9
|
ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنى شىددىتى بارغانچە زىيادە بولىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى.
|
10
|
ئى ئىنسانلار! توپان بالاسى يۈز بەرگەندە سىلەرنى كېمىدە بىز توشۇدۇق[4].
|
11
|
بىز ئۇنى سىلەرگە ئەسلەش ۋاسىتىسى قىلىشىمىز ئۈچۈن، ھەمدە ئۇنى تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇردۇق[5].
|
12
|
سۇرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چېلىنىشى چېلىنغان،
|
13
|
ۋە زېمىن بىلەن تاغلار كۆتىرىلىپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ تۈپتۈز قىلىنغان چاغدا،
|
14
|
ئەنە شۇ كۈندە بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولىدۇ.
|
15
|
ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاسمان ئۇ كۈندە بوشىشىپ كېتىدۇ.
|
16
|
پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپلىرىدا بولىدۇ. ئۇ كۈندە رەببىڭنىڭ ئەرشىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەككىز پەرىشتە كۆتۈرىدۇ.
|
17
|
ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر، سىلەرنىڭ ھېچبىر مەخپىيىتىڭلار مەخپىي قالمايدۇ.
|
18
|
كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ مېنىڭ كىتابىم، ئېلىپ ئوقۇڭلار!
|
19
|
مەن ھېسابىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم».
|
20
|
ئۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ،
|
21
|
ئالىي جەننەتتە.
|
22
|
ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىندۇر.
|
23
|
ئۇلارغا: «يەڭلار، ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. چۈنكى سىلەر ئۆتكەنكى كۈنلەردە ئەمەل قىلىپ بۇ يەرگە ئەۋەتكەن ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
24
|
كىتابى سول قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاھ! كاشكى، ماڭا كىتابىم بېرىلمىگەن بولسا ئىدى!
|
25
|
ھېسابىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم ئىدىم!
|
26
|
ئاھ! كاشكى، ئۆلۈم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى بولسا ئىدى!
|
27
|
مال - مۈلكۈم ماڭا ئەسقاتمىدى.
|
28
|
سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتتى».
|
29
|
«ئۇنى تۇتۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار.
|
30
|
ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ ئوتقا قاقلاڭلار.
|
31
|
ئاندىن كېيىن ئۇنى يەتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتىكى زەنجىرگە كىرگۈزۈڭلار[6].
|
32
|
چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىشەنمەيتتى،
|
33
|
مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەرغىب قىلمايتتى،
|
34
|
بۈگۈن بۇ يەردە ئۇنىڭغا ھېچبىر دوست يوقتۇر،
|
35
|
يىرىڭدىن باشقا تاماقمۇ يوقتۇر.
|
36
|
ئۇ يىرىڭنى پەقەت خاتالىق ئۆتكۈزگۈزچىلەرلا يەيدۇ»[7].
|
37
|
ئۇنداق ئەمەس، مەن سىلەر كۆرۈۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
|
38
|
سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەنكى،
|
39
|
شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ھۆرمەتلىك ئەلچىنىڭ سۆزىدۇر[8].
|
40
|
ئۇ ھەرگىزمۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس! بەكمۇ ئاز ئىشىنىسىلەر.
|
41
|
ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر.
|
42
|
ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان.
|
43
|
ئەگەر ئۇ ئەلچى بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىسا ئىدى،
|
44
|
ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق،
|
45
|
ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائورتا تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.
|
46
|
ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار.
|
47
|
شۈبھىسىزكى، قۇرئان تەقۋادارلارغا ئەسلىتىشتۇر.
|
48
|
بىز بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ئاراڭلاردا قۇرئاننى يالغان دېگۈچىلەر بار.
|
49
|
شۈبھىسىزكى، قۇرئان كافىرلارغا ھەسرەتتۇر.
|
50
|
شۈبھىسىزكى، قۇرئان قەتئىي ھەقىقەتتۇر.
|
51
|
ئۇ ھالدا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن[9].
|
52
|