بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

7-سۈرە ئەئراف مەككەدە نازىل بولغان، 206 ئايەت

ئەلىف، لام، مىم، ساد.‏
1




بۇ ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىڭدە ھېچ سىقىلىش بولمىسۇن. بۇ، سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا ئەسلىتىش بولۇشى ئۈچۈندۇر[1].‏
2




رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە ئەگەشمەڭلار[2]. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر.‏
3




بىز نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارغا شىددەتلىك ئازابىمىز ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى كېچىدە ياكى چۈشتە ئۇخلاۋاتقان چاغدا كەلدى.‏
4




ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شىددەتلىك ئازابىمىز كەلگەن چاغدىكى پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.‏
5




بىز ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى سوراققا تارتىمىز[3]، ھەمدە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى سوراققا تارتىمىز[4].‏
6




ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىلگىنىمىز بويىچە ئۆز پېتى ئېيتىپ بېرىمىز. چۈنكى بىز دائىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق.‏
7




ئۇ كۈنى ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏
8




مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. ‏
9




شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە زېمىندا كۈچ-قۇۋۋەت بەردۇق ۋە زېمىندا سىلەرگە ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.‏
10




شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا، ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى.‏
11




ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.‏
12




ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.‏
13




ئىبلىس: «ماڭا ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى.‏
14




ئاللاھ: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن» دېدى.‏
15




ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.‏
16




ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن[5]. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ».‏
17




ئاللاھ مۇنداق دېدى: «چىق ئۇ يەردىن، خارلاندىڭ ۋە قوغلاندىڭ. قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە، جەھەننەمنى ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن».‏
18




«ئى ئادەم! سەن جۈپتۇڭ بىلەن بىللە جەننەتكە يەرلەشكىن. ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار. لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر».‏
19




ئاندىن شەيتان ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلدى، مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلار ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى پەقەت ئىككى پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈنلا چەكلىدى».‏
20




ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.‏
21




شەيتان شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئالداپ تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئىككىسى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان ھامان ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى، رەببى ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى چەكلىمىگەنمۇ ۋە ئىككىڭلارغا، شەيتان سىلەرگە چوقۇم ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمۇ؟» دەپ نىدا قىلدى.‏
22




ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.‏
23




ئاللاھ: «بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار.‏
24




ئاللاھ: «ئۇ يەردە ياشايسىلەر، ئۇ يەردە ئۆلۈسىلەر ۋە ئۇ يەردىن چىقىرىلىسىلەر» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.‏
25




ئى ئادەم ئەۋلادى! بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم چۈشۈرۈپ بەردۇق. تەقۋادارلىق كىيىمى ئەڭ ياخشىدۇر[6]. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئۇلار ئويلانغاي.‏
26




ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتان ئاتا-ئاناڭلارنىڭ[7] ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئالدىمىسۇن، چۈنكى شەيتان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى سىلەر ئۇلارنى كۆرمەيدىغان يەردىن سىلەرنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ۋەلىيلىرى قىلدۇق[8].‏
27




ئۇلار بىرەر قەبىھ ئىش قىلسا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھەرگىزمۇ قەبىھ ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟».‏
28




ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. سىلەر، ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتا تىرىلىسىلەر».‏
29




ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىۋالدى[9]. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.‏
30




ئى ئادەم ئەۋلادى! ھەر ناماز ئۆتەيدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏
31




ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن چىقارغان زىننىتىنى ۋە پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟». ئېيتقىنكى: «ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا مۇئمىنلار ئۈچۈندۇر. قىيامەت كۈنى بولسا پەقەت مۇئمىنلارغىلا خاستۇر». بىز بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.‏
32




ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئاشكارا بولسۇن مەخپىي بولسۇن پۈتۈن پاھىشىلەرنى[10]، گۇناھلارنى، ناھەق تاجاۋۇز قىلىشنى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنى ۋە ئاللاھ ھەققىدە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى».‏
33




ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى-كېيىن قىلالمايدۇ.‏
34




ئى ئادەم ئەۋلادى! ئەگەر سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچىلەر كېلىپ سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئەينەن بايان قىلسا، شۇ چاغدا كىم يامانلىقلاردىن ساقلىنىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏
35




ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ‏
36




ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىتابتىكى نېسىۋىسى يېتىدۇ[11]. ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ۋاپات قىلدۇرغىلى كەلگەندە: «سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنى تاشلىۋەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كافىر بولغانلىقلىرىغا، ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.‏
37




ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولۇپ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا دوزاخقا كىرىڭلار» دەيدۇ. ھەرقاچان بىرەر ئۇممەت كىرسە قېرىندىشىغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ھەممىسى دوزاخنىڭ ئىچىدە جەملەشكەن چاغدا، كېيىن كىرگەنلەر ئىلگىرى كىرگەنلەر ھەققىدە: «رەببىمىز! مانا بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارغا دوزاخ ئوتىدىن ئىككى ھەسسە ئازاب بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەر كىشىنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىدۇر. لېكىن سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ.‏
38




ئۇلارنىڭ ئىلگىرى كىرگەنلىرى كېيىن كىرگەنلىرىگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. ئۇنداقتا سىلەرمۇ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.‏
39




ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەرگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ھەرگىزمۇ ئېچىلمايدۇ، ئۇلار تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.‏
40




ئۇلارغا جەھەننەمدىن تۆشەك ۋە ئۈستىلىرىگە يوتقانلار بار. بىز زالىملارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.‏
41




ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر- بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز- جەننەتنىڭ ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏
42




بىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «بىزنى بۇنىڭغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئەگەر ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، بىز ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايتتۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقنى ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەرگە ئەمىلىڭلار ئۈچۈن بېرىلگەن جەننەتتۇر» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.‏
43




جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: «بىز رەببىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. سىلەرمۇ رەببىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر جاكارچى: «ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولسۇن!» دەپ جاكارلايدۇ.‏
44




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ.‏
45




ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق، توسۇقنىڭ ئېگىز جايلىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر بولىدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپنى سېماسىدىن تونۇيدۇ. ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سالامۇئەلەيكۇم!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، لېكىن تەمە قىلماقتىدۇر.‏
46




ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرالغاندا: «رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ.‏
47




ئېگىز جايلاردىكى كىشىلەر ئۆزلىرى سېماسىدىن تونۇيدىغان بىر قىسىم ئادەملەرگە مۇنداق دەپ توۋلايدۇ: «توپلىغىنىڭلار[12] ۋە كىبىر قىلغىنىڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟‏
48




ئاۋۇلار سىلەر ئاللاھ ئۇلارنى ھېچقانداق رەھمەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ› دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر شۇلارمۇ؟». «كىرىڭلار جەننەتكە، سىلەرگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايسىلەر».‏
49




جەھەننەم ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۈيۈڭلاردىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىرئاز بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئېقىتىڭلار» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى كافىرلارغا ھارام قىلدى» دەيدۇ.‏
50




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، دىنىنى ئويۇنچۇق ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان نەرسە قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنى بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئۇنتۇغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان.‏
51




بىز ئۇلارغا كىتاب كەلتۈردۇق، ئۇنى ئىلىم بىلەن بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىشىنىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق.‏
52




ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا[13] ساقلاۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى[14]، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!». ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.‏
53




شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى[15]. ئۇ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ، كېچە كۈندۈزنى ئۈزلۈكسىز قوغلايدۇ. ئۇ قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش پەقەت ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!‏
54




رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏
55




ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر[16].‏
56




ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، تاكى ئۇ شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سۇنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن بارلىق مېۋىلەردىن چىقىرىمىز. بىز ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق چىقىرىمىز. ئويلانغايسىلەر!‏
57




ياخشى يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقىدۇ. ناچار يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى بولسا بەك تەس چىقىدۇ[17]. بىز شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلىمىز.‏
58




شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقىۋاتىمەن».‏
59




نۇھنىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.‏
60




نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئازغۇنلۇق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.‏
61




سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، سىلەرگە كۆيۈنۈۋاتىمەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.‏
62




سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يامانلىقتىن ساقلىنىشىڭلار ۋە رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟».‏
63




ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى غەرق قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار كور قەۋم ئىدى.‏
64




بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقۇر، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» دېدى.‏
65




ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەقلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز، ھەمدە سېنى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى.‏
66




ھۇد ئېيتتى: «قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئەخمەقلىق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.‏
67




سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن.‏
68




سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر[18] كەلگەنلىكتىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ياد ئېتىڭلاركى، ئۇ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى يارىتىلىشتا تېخىمۇ بەستلىك قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».‏
69




ئۇلار: «سەن بىزگە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن مەبۇدلارنى تەرك ئېتىشىمىز ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.‏
70




ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم رەببىڭلار تەرىپىدىن پاسكىنىلىق ۋە غەزەپ چۈشىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملار توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتكۈچىلەردىنمەن» دېدى.‏
71




شۇنىڭ بىلەن بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە مۇئمىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.‏
72




بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ چىشى تۆگىسى، سىلەر ئۈچۈن ئايەت. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا يېسۇن. ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.‏
73




ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. سىلەر ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە سارايلار سالىسىلەر. تاغلىرىنى يونۇپ ئۆيلەر ياسايسىلەر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».‏
74




قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرى، بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۆز ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: «سىلەر سالىھنىڭ راستتىنلا رەببى تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەرمىز» دېدى.‏
75




ئۇ ھاكاۋۇرلار: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەر ئىشەنگەن نەرسىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى،‏
76




ئاندىن ئۇ چىشى تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، رەببىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! ئەگەر ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.‏
77




شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى- دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.‏
78




سالىھ بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيسىلەر!» دېدى.‏
79




بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر ھازىرغىچە ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟‏
80




سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەرگە كېلىۋاتىسىلەر. دېمەك، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.‏
81




قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇلارنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىس ئىنسانلاردۇر![19]».‏
82




شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى. ‏
83




بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. قارىغىنا، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏
84




بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى. كەمچەننى ۋە مىزاننى تولۇق تۇتۇڭلار، ئىنسانلارغا نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.‏
85




ھەر يولدا ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە تەھدىت سالماڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭلار. ئويلاپ بېقىڭلاركى، سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتكەن. قاراڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
86




ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ مېنىڭ ئەلچىلىكىمگە ئىشىنىپ يەنە بىر گۇرۇھ ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ ئارىمىزدا ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».‏
87




قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! يا بىز سېنى ۋە سەن بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى چوقۇم يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر» دېدى. شۇئەيب مۇنداق دېدى: «بىز خالىمىساقمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟
88




ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بىز يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇنىڭغا قايتىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. رەببىمىزنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. سەن ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».‏
89




قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «ئەگەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار چوقۇم زىيان تارتىپ كېتىسىلەر» دېدى.‏
90




شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى- دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.‏
91




شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر، گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ كەتتى.‏
92




شۇئەيب بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. مەن كافىر قەۋمگە قانداقمۇ قايغۇراي؟» دېدى.‏
93




بىز قانداقلا يۇرتقا نەبىي ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ ئەھلىنى يېلىنىپ- يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.‏
94




ئاندىن بىز يامانلىقنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئالماشتۇردۇق، تاكى ئۇلار كۆپەيدى ۋە: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ قاتتىقچىلىقتا ۋە كەڭرىچىلىكتە ياشىغان ئىكەن» دېدى. ئاندىن بىز ئۇلارنى تۇيماي قالغان چېغىدا ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق.‏
95




ئەگەر ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن بەرىكەتلەر ئاچاتتۇق. لېكىن ئۇلار راستنى يالغان دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق.‏
96




ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟‏
97




ياكى ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە چاشگاھ ۋاقتىدا ئويناۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟
98




ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.‏
99




زېمىنغا بۇرۇنقى ئىگىلىرىدىن كېيىن ۋارىس بولغۇچىلارغىمۇ خالىساق گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزىدىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ بىز بۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاڭلىمايدۇ.‏
100




ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشقا يېقىنمۇ كەلمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.‏
101




ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ فاسىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.‏
102




بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئۇلار ئۇ ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏
103




مۇسا ئېيتتى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.‏
104




ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».‏
105




فىرئەۋن: «روشەن دەلىل ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، قېنى ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغىن. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ» دېدى.‏
106




شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
107




ۋە قولىنى چىقاردى-دە، كۆرگۈچىلەرگە بىردىنلا ئاپئاق كۆرۈندى.‏
108




فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.‏
109




سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟»[20].‏
110




ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە پۈتۈن شەھەرلەرگە ئادەم يىغىپ كەلگۈچىلەر ئەۋەتكىن.‏
111




ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».‏
112




سېھىرگەرلەر فىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.‏
113




فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.‏
114




ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.‏
115




مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ سېھىر كۆرسەتتى.‏
116




بىز مۇساغا «ھاساڭنى تاشلا» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ تاشلىشى بىلەن ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.‏
117




شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بەربات بولدى.‏
118




فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى[21].‏
119




سېھىرگەرلەر بولسا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە كەتتى.‏
120




ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،‏
121




يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».‏
122




فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، بۇ سىلەر شەھەردە پىلانلىغان ھىيلىدۇر، شەھەردىن ئاھالىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر.‏
123




چوقۇم قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن چوقۇم ھەممىڭلارنى دارغا ئاستۇرىمەن» دېدى.‏
124




ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.‏
125




بىز رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا سەن بىزدىن ئىنتىقام ئېلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».‏
126




فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىغا، بولۇپمۇ مۇسانى سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىۋېتىشىگە قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى[22]. فىرئەۋن: «بىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىمىز، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمران كىشىلەرمىز» دېدى.‏
127




مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.‏
128




ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى ۋە سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.‏
129




شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.‏
130




ئۇلار ئۆزلىرىگە ياخشىلىق كەلگەن چاغدا: «بىزنىڭ تەلىيىمىزدىن كەلدى» دەيتتى. باشلىرىغا بىرەر يامانلىق كەلگەندە بولسا، «مۇسا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دېيىشەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[23].‏
131




ئۇلار مۇساغا: «بىزنى سېھىرلەش ئۈچۈن قانداق ئايەت كەلتۈرسەڭ كەلتۈرگىن، بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.‏
132




شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا سۇ تاشقىنىنى، چېكەتكىلەرنى، پىتلارنى، پاقىلارنى ۋە قاننى ئەۋەتتۇقكى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئايرىم ئايەت ئىدى. ئۇلار يەنىلا چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.‏
133




ئۇلار، ئۈستىلىرىگە ئۇ پاسكىنىلىق چۈشكەندە: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئەگەر بىزدىن بۇ پاسكىنىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىشىنىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن كەتكىلى قويىمىز» دېدى.‏
134




شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئۇ پاسكىنىلىقنى ئۇلار يېتىدىغان مۇددەتكىچە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.‏
135




ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق، ئۇلارنى دەريادا غەرق قىلدۇق! چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغان.‏
136




بوزەك قىلىنغان قەۋمنى بولسا، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىقلىرىگە ۋە مەغرىبلىرىگە مىراسچى قىلدۇق. رەببىڭنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرگەن گۈزەل سۆزى ئەمەلگە ئاشتى، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى. بىز فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغان باغباراڭلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق.‏
137




بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش ئىلاھ قىلىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن جاھىللىق قىلىدىغان قەۋم ئىكەنسىلەر!‏
138




ئۇلارنىڭ ئويدۇرما دىنى چوقۇم ھالاك قىلىنغۇچىدۇر، قىلىۋاتقان ئىشلىرى باتىلدۇر».‏
139




مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا!».‏
140




ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.‏
141




بىز مۇسا بىلەن ئوتتۇز كېچىنى ۋەدىلەشتۇق. ئۇنى يەنە ئون بىلەن تاماملىدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ تەيىنلىگەن ۋاقتى تولۇق قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «قەۋمىمنىڭ ئىچىدە ئورۇنباسارىم بول، ئىسلاھ قىل ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىغا ئەگەشمە» دېدى.‏
142




مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىتتا كېلىپ، رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا: «رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، ساڭا قاراي!» دېدى. رەببى: «مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن شۇ تاغقا قارىغىن. ئەگەر ئۇ ئورنىدا تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ رەببى ئۇ تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. مۇسا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. ھوشىغا كېلىپ: «سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلىمەن» دېدى.‏
143




ئاللاھ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى، ئەلچى قىلىشىم بىلەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىشىم بىلەن ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلدىم. ئۇ ھالدا ساڭا بەرگىنىمنى ئالغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دېدى.‏
144




بىز مۇسا ئۈچۈن تەۋراتنىڭ تاختىلىرىدا ھەر نەرسە توغرىسىدا نەسىھەت ۋە ھەر نەرسىنىڭ تەپسىلاتىنى يازدۇق. ئاندىن دېدۇقكى: «بۇلارنى چىڭ تۇتقىن ۋە قەۋمىڭنى ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تۇتۇشقا بۇيرۇغىن. مەن يېقىندا سىلەرگە فاسىقلارنىڭ يۇرتىنى كۆرسىتىمەن.‏
145




مەن زېمىندا ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى يېقىندا ئايەتلىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، توغرا يولنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.‏
146




ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەرنىڭ ئەمەللىرى چوقۇم بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ».‏
147




مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن[24] ئۆزلىرىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن ياسالغان، مۆرەيدىغان موزاي ھەيكىلىنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار ئۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىگە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە يول كۆرسىتەلمەيغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالدى ۋە زالىملار بولدى.‏
148




ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە مەرھەمەت قىلمىسا ۋە بىزگە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.‏
149




مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ: «مەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا بەك يامان ئىش قىلىپسىلەر! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، تاختىلارنى تاشلىدى ۋە قېرىندىشىنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. قېرىندىشى: «ئانامنىڭ ئوغلى! شۈبھىسىزكى، بۇ قەۋم مېنى بوزەك قىلدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن، مېنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن!» دېدى.‏
150




مۇسا: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭگە كىرگۈزگىن. سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىسەن» دېدى.‏
151




شۈبھىسىزكى، موزايغا چوقۇنغانلارغا يېقىندا رەببىدىن غەزەپ ۋە دۇنيا ھاياتىدا خارلىق يېتىدۇ. بىز بوھتان چاپلىغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.‏
152




يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ ئاندىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا كەلسەك، رەببىڭ ئۇ تەۋبە ۋە ئىماندىن كېيىن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
153




مۇسا غەزىپى بېسىققاندا تاختىلارنى ئالدى. ئۇلارغا يېزىلغانلاردا رەببىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بار ئىدى.‏
154




مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىت ئۈچۈن قەۋمىدىن يەتمىش كىشى تاللىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باسقان چاغدا، مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! خالىغان بولساڭ، بۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتىڭ. ئىچىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ۋەلىيىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن. سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن.‏
155




بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىردۇق». ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن. رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن.‏
156




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».‏
157




ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، ھىدايەت تاپالايسىلەر».‏
158




مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان بىر ئۇممەت بار.‏
159




بىز ئۇلارنى پارچە-پارچە ئۇممەتلەر ھالىتىدە ئون ئىككى قەبىلىگە ئايرىدۇق. مۇسادىن قەۋمى سۇ تەلەپ قىلغان چاغدا بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن شۇ تاشقا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسا ھاسىسىنى ئۇ تاشقا ئۇرغان ئىدى، دەرھال ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. «بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقلارنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلاتتى.‏
160




ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «شۇ يۇرتقا يەرلىشىڭلار، ئۇنىڭدىن خالىغان يېرىڭلاردا يەڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار ۋە دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خاتالىقلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېيىلگەن ئىدى.‏
161




لېكىن زالىملار ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى. ‏
162




ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنىدە ئالدىلىرىغا توپ-توپ ھالدا كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرىدە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق.‏
163




ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇممەت: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن» دېدى.‏
164




ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىققان ئىدى.‏
165




ئۇلار ئۆزلىرى چەكلەنگەن ئىشنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېدۇق.‏
166




ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا يامان ئازابنى تېتىتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
167




بىز ئۇلارنى زېمىندا پارچە-پارچە ئۇممەتلەرگە ئايرىدۇق. ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ بار، تۆۋەنلىرىمۇ بار. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ياخشىلىقلار ۋە يامانلىقلار بىلەن سىنىدۇق.‏
168




ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان نەسىل كەلدى. ئۇلار كىتابقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇلار شۇ قەدىرسىز دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى ئېلىپ: «كېلەچەكتە ئەپۇ قىلىنىمىز» دەيتتى. ئەگەر ئۇلار يەنە شۇنداق مەنپەئەت قوللىرىغا كەلسە، ئۇنىمۇ ئالاتتى. ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ نامىدىن ھەقنىلا سۆزلەشلىرى توغرۇلۇق كىتابتا ئەھدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇ كىتابتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئۆگەنمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
169




كىتابنى چىڭ تۇتىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇ ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.‏
170




ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن ئىدۇق، تاغ خۇددى سايىۋەندەك ئىدى. ئۇلار بۇ تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.‏
171




رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغان چاغدا ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار
172




ياكى: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن بىر نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.‏
173




بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقتىن قايتىشلىرى ئۈچۈندۇر.‏
174




ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ چىقتى. شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى‎.‎
175




ئەگەر بىز خالىغان بولساق ئۇنى ئايەتلىرىمىز بىلەن يۈكسەلدۈرەتتۇق. لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش: ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىدۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بۇ قىسسىنى بايان قىلغىن، تەپەككۇر قىلغاي[25].‏
176




ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ‏
177




ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ ئازدۇرغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏
178




شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىگە ئوخشاشتۇر. بەلكىدە، ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر.‏
179




ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.‏
180




بىز ياراتقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان ئۇممەت بار.‏
181




ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئازابقا ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز.‏
182




ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.‏
183




ئۇلار ئۆز قېرىندىشىغا جىن چاپلىشىۋالمىغانلىقىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.‏
184




ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشى، ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەجەللىرىنىڭ ھەقىقەتەن يېقىنلاشقان بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
185




ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.‏
186




ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت رەببىمنىڭلا ھۇزۇرىدىدۇر. ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە پەقەت رەببىملا مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئۇ ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا ئېغىر كېلىدۇ، سىلەرگە تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ». گويا سەن ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىدىغاندەك ئۇلار سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت ئاللاھنىڭلا ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ».‏
187




ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا يامانلىقمۇ كەلمىگەن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن».‏
188




ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئۇ نەفسنىڭ جۈپتىنى كۆڭلى ئارام تاپسۇن دەپ ئۇ نەفستىن قىلدى. ئۇ جۈپتى بىلەن بىر يەردە بولغان ئىدى، جۈپتى يېنىككىنە ھامىلىدار بولدى، ھامىلىسىنى بىر مۇددەت توشۇدى. ئاندىن يۈكى ئېغىرلاشقاندا ئىككىسى بىرلىكتە رەببى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە بېجىرىم بىر بالا ئاتا قىلساڭ، ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى.‏
189




بىراق ئاللاھ ئۆزلىرىگە بېجىرىم بىر بالا ئاتا قىلغاندا، ھەر ئىككىسى ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسىدە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈردى. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىدىن ئۈستۈندۇر.‏
190




ئۇلار ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى يارىتىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ؟
191




ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.‏
192




ئەگەر ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلارنى چاقىرساڭلارمۇ ياكى جىم تۇرساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر.‏
193




شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن!‏
194




ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: «شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار».‏
195




شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھتۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.‏
196




سىلەر ئۇنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.‏
197




ئەگەر ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار ئاڭلىمايدۇ. ئۇلارنى ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار كۆرمەيدۇ.‏
198




ئەفۋەنى ئالغىن[26]، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە جاھىللاردىن يۈز ئۆرۈگىن.‏
199




ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
200




تەقۋادار كىشىلەر ئۆزلىرىگە شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە تەگسە، ھوشىنى يىغىدۇ- دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ.‏
201




شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىغا كەلسەك، شەيتانلار ئازغۇنلۇقتا ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار بوشىشىپ قالمايدۇ.‏
202




ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بىرەر ئايەت كەلتۈرمىگەن چېغىڭدا: «نېمىشقا ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ كەلتۈرمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت رەببىمدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. بۇ قۇرئان قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر ۋە ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر».‏
203




قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا رەببىڭلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار.‏
204




رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن چۈشتە ۋە چۈشتىن زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.‏
205




رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.‏
206