سورىغۇچى چوقۇم بولىدىغان ئازابنى سورىدى،
|
1
|
ئۇ ئازاب كافىرلارغا بولىدۇ، ئۇ ئازابنى دەپئى قىلغۇچى يوقتۇر.
|
2
|
ئۇ ئازاب ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ.
|
3
|
پەرىشتىلەر ۋە رۇھ، مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
|
4
|
ئۇ ھالدا چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن.
|
5
|
شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۇنى يىراق كۆرىدۇ،
|
6
|
بىز ئۇنى يېقىن كۆرىمىز.
|
7
|
ئۇ كۈنى ئاسمان مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بولىدۇ.
|
8
|
تاغلار رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ.
|
9
|
دوست دوستتىن ھال سورىمايدۇ.
|
10
|
ئۇلار بىر-بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۇ كۈننىڭ ئازابىدىن فىديە بېرىپ قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ: ئورنىغا بالىلىرىنى،
|
11
|
ئايالىنى، قېرىندىشىنى،
|
12
|
ئۆزىنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان قەبىلىسىنى
|
13
|
ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنى بېرىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
|
14
|
بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۈبھىسىزكى، دوزاخ يالقۇندۇر،
|
15
|
باشنىڭ تېرىلىرىنى شىلغۇچىدۇر.
|
16
|
ئۇ مۇنۇ كىشىنى چاقىرىدۇ: ھەقكە ئارقىسىنى قىلغان، ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن
|
17
|
ۋە مال يىغىپ ھەققىنى بەرمەي ساقلىغان كىشىنى.
|
18
|
شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز يارىتىلدى.
|
19
|
ئۇ ئۆزىگە يامانلىق يەتكەندە زارلانغۇچىدۇر،
|
20
|
ياخشىلىق يەتكەندە مەنئى قىلغۇچىدۇر.
|
21
|
ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس.
|
22
|
ئۇلار نامىزىنى داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەردۇر.
|
23
|
ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر،
|
24
|
تىلىگۈچى ۋە مەھرۇم بولغۇچىلار ئۈچۈن[1].
|
25
|
ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى تەستىقلايدىغان كىشىلەردۇر.
|
26
|
ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچى كىشىلەردۇر،
|
27
|
چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر.
|
28
|
ئۇلار فەرجلىرىنى[2] ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر.
|
29
|
پەقەت ئۆز جۈپلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ تەقدىردە ئەيىبلەنمەيدۇ.
|
30
|
بۇنىڭ سىرتىغا چىققانلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر[3].
|
31
|
ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
|
32
|
ئۇلار گۇۋاھلىقلىرىنى توغرا ئادا قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
|
33
|
ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
|
34
|
ئەنە شۇلار جەننەتلەردە كۈتۈلگۈچى كىشىلەردۇر.
|
35
|
ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ؟
|
36
|
ئوڭدىن ۋە سولدىن توپ-توپ ھالدا.
|
37
|
ئۇلاردىن ھەر كىشى نەئىم جەننىتىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەمە قىلامدۇ؟
|
38
|
ھېچ تەمە قىلمىسۇن! بىز ئۇلارنى، ئۇلار بىلىدىغان نەرسىدىن ياراتتۇق.
|
39
|
ئىش ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. مەشرىق ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز.
|
40
|
ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشىراقىنى كەلتۈرەلەيمىز. بىز ئاجىز ئەمەس.
|
41
|
ئۇ ھالدا ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر گۇناھقا چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن.
|
42
|
ئۇ كۈنى ئۇلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ، گويا تىكىلگەن بىر نىشانغا قاراپ مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرىدۇ.
|
43
|
ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر.
|
44
|