ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ماڭا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: بىر توپ جىن قۇرئاننى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بىز ئاجايىپ قۇرئان ئاڭلىدۇق[1].
|
1
|
ئۇ شۇنداق قۇرئانكى، كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.
|
2
|
بىز مۇنۇلارغا ئىشەندۇق: رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقى بەك ئۈستۈندۇر. ئۇ خوتۇن ئالمىدى ۋە ئاتا بولمىدى.
|
3
|
ئىچىمىزدىكى ھاماقەت ئاللاھ توغرىسىدا نالايىق سۆزلەرنى قىلىپتۇ.
|
4
|
بىز ئىنسان ۋە جىنلار ئاللاھ توغرىسىدا يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىپتىمىز.
|
5
|
بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.
|
6
|
ئۇلار سىلەر گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھ ھېچكىمنى قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىپتۇ.
|
7
|
بىز ئاسمانغا چىقماقچى بولدۇق، لېكىن ئۇنى كۈچلۈك مۇھاپىزەتچى ۋە ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن توشقۇزۇلغان ھالەتتە كۆردۇق.
|
8
|
بىز ئىلگىرى ئاسماننىڭ تىڭشاشقا مۇۋاپىق يەرلىرىدە ئولتۇراتتۇق. لېكىن ھازىر كىم تىڭشاشقا ئۇرۇنسا، ماراپ تۇرغان ئاقار يۇلتۇز بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
|
9
|
زېمىندىكى كىشىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا كامالەت ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز.
|
10
|
بىزگە كەلسەك، ياخشىلىرىمىزمۇ بار، ياخشى ئەمەسلىرىمىزمۇ بار. بىز تۈرلۈك يوللارغا ئايرىلىپتىمىز.
|
11
|
بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بىز زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە توسالغۇ بولالمايمىز، ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
|
12
|
بىز توغرا يولنىڭ رەھبىرى بولغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىم رەببىگە ئىمان ئېيتسا، ئۇ ئەجرىنىڭ كېمەيتىلىشىدىن ۋە زۇلۇمغا ئۇچراشتىن قورقمايدۇ.
|
13
|
بىزنىڭ ئىچىمىزدە مۇسۇلمانلارمۇ بار، زالىملارمۇ بار. مۇسۇلمان بولغانلار، كامالەتكە يېتىشنى مەقسەت قىلدى.
|
14
|
زالىملارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولدى».
|
15
|
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ماڭا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: ئەگەر ئىنسان ۋە جىنلار توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭسا ئىدى، بىز ئۇلارنى مول سۇ بىلەن سۇغارغان بولاتتۇق[2].
|
16
|
بۇ، ئۇلارنى بۇنىڭدا سىنىشىمىز ئۈچۈن بولاتتى. كىم رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، رەببى ئۇنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدىغان ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
|
17
|
مەسجىدلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار.
|
18
|
ئاللاھنىڭ بەندىسى[3] ئاللاھقا دۇئا قىلغىلى تۇرغاندا جىنلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا كىگىزلەر بولغىلى تاس قالدى[4].
|
19
|
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن رەببىمگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكمنى شېرىك قىلمايمەن.
|
20
|
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
|
21
|
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھ تاپالمايمەن.
|
22
|
مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ جەھەننەم ئوتىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ.
|
23
|
مۇشرىكلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
|
24
|
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن، بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا مۇددەت بەلگىلەمدۇ؟- بىلمەيمەن.
|
25
|
رەببىم غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ غەيبىنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ.
|
26
|
ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئۇ ئەلچىنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچىلەر قويىدۇ.
|
27
|
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچى بىلىدۇكى، ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۆزىمۇ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى تولۇق بىلدى ۋە بىرمۇبىر چۈشەندى.
|
28
|