ئۇنداق ئەمەس، قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى،
|
1
|
ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەفس بىلەن قەسەمكى،
|
2
|
ئىنسان بىزنى، سۆڭەكلىرىمنى جەمئىي قىلالمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
|
3
|
ئۇنداق ئەمەس[2]، بىز ئۇنىڭ بارماق ئۇچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىرمىز.
|
4
|
بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھ قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ.
|
5
|
ئۇ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
|
6
|
كۆز قاماشقان،
|
7
|
ئاي تۇتۇلغان،
|
8
|
قۇياش بىلەن ئاي جەم قىلىنغان چاغدا،
|
9
|
ئىنسان ئەنە شۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ.
|
10
|
ياق، ھېچ پاناھگاھ يوقتۇر!
|
11
|
ئۇ كۈنى قارارگاھ رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
|
12
|
ئۇ كۈنى ئىنسانغا قىلغان ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ[3].
|
13
|
بەلكى ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى كۆرگۈچىدۇر[4]،
|
14
|
ئۆزرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ[5].
|
15
|
ئۇنىڭغا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمىگىن.
|
16
|
شۈبھىسىزكى، ئۇنى جەملەش ۋە ئوقۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
|
17
|
شۇڭا بىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئەگەشكىن.
|
18
|
ئاندىن كېيىن ئۇنى بايان قىلىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
|
19
|
ياق، بەلكى سىلەر دۇنيانى ياخشى كۆرىسىلەر[6].
|
20
|
ئاخىرەتنى قويۇپ قويىسىلەر.
|
21
|
ئۇ كۈنى بىر قىسىم يۈزلەر ئېچىلىدۇ،
|
22
|
رەببىگە قارايدۇ.
|
23
|
ئۇ كۈنى يەنە بىر قىسىم يۈزلەر تۈرۈلىدۇ.
|
24
|
ئۆزلىرىگە ئومۇرتقىلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئىش قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
|
25
|
ياق[7]، جان ئوقۇرەك سۆڭەكلىرىگە يەتكەن،
|
26
|
«كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلگەن،
|
27
|
سەكراتتىكى ئادەم بۇنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن
|
28
|
ۋە پاچاق پاچاققا كىرىشكەن چاغدا،
|
29
|
ئەنە شۇ كۈنى ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
|
30
|
ئۇ[8]، تەستىقلىمىدى[9] ۋە ناماز ئۆتىمىدى،
|
31
|
لېكىن يالغان دېدى ۋە يۈز ئۆرۈدى،
|
32
|
ئاندىن كېيىن كېرىلگەن ھالدا يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا باردى.
|
33
|
ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر!
|
34
|
شۇنداق، ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر.
|
35
|
ئىنسان ئۆزىنىڭ بىكار قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟
|
36
|
ئۇ بالىياتقۇلارغا تۆكۈلىدىغان مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەمەسمىدى؟
|
37
|
ئاندىن كېيىن ئۇ يېپىشقاق قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ياراتتى ۋە شەكىل بەردى،
|
38
|
ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىر جۈپنى - ئەركەك ۋە چىشىنى - ياراتتى.
|
39
|
ئەنە شۇ ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟
|
40
|