ئارقىمۇئارقا ئەۋەتىلگۈچىلەر بىلەن
|
1
|
ۋە قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،
|
2
|
يايغۇچىلار،
|
3
|
ئايرىغۇچىلار
|
4
|
ۋە زىكىر ئېلىپ چۈشكۈچىلەر بىلەن قەسەمكى -
|
5
|
بۇ زىكىر، ئۆزرە قالدۇرماسلىق ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر -
|
6
|
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
|
7
|
يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،
|
8
|
ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
|
9
|
تاغلار سورۇلغان چاغدا،
|
10
|
ئەلچىلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا[1]،
|
11
|
ئۇلار قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
|
12
|
ئايرىش كۈنىگە.
|
13
|
ئايرىش كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
|
14
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
15
|
بىز ئاۋۋالقىلارنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
|
16
|
ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز.
|
17
|
بىز گۇناھكارلارغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز.
|
18
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
19
|
بىز سىلەرنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
|
20
|
ئاندىن ئۇ سۇنى مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق،
|
21
|
مەلۇم ۋاقىتقىچە.
|
22
|
دېمەك، بىز ئۆلچىدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى ئۆلچىگۈچىمىز.
|
23
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
24
|
بىز زېمىننى قوينىغا ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟
|
25
|
تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى.
|
26
|
بىز زېمىنغا مۇستەھكەم ۋە ئىگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.
|
27
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
28
|
ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزۈڭلار يالغان دېگەن نەرسىگە بېرىڭلار،
|
29
|
ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
30
|
ئۇ سايە ھەم سايىداتمايدۇ، ھەم يالقۇندىن ساقلىمايدۇ.
|
31
|
ئۇ يالقۇن قەسىردەك ئۇچقۇنلارنى ئاتىدۇ.
|
32
|
ھەر ئۇچقۇن خۇددى بىرەر سېرىق تۆگىدۇر.
|
33
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
34
|
ئەنە شۇ، ئۇلار سۆز قىلالمايدىغان كۈندۇر.
|
35
|
ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ.
|
36
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
37
|
ئۇلارغا: «مانا بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر. بىز سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق.
|
38
|
ئەگەر بىرەر ھىيلەڭلار بولسا، ماڭا ھىيلە قىلىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
39
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
40
|
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلاردا، بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا
|
41
|
ۋە كۆڭلى تارتىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ.
|
42
|
ئۇلارغا: «يەڭلار، ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ.
|
43
|
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
|
44
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
45
|
ئى كافىرلار! ھازىرچە يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر.
|
46
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
47
|
ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ.
|
48
|
ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
|
49
|
ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمىسە، قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
|
50
|