مۇشرىكلار بىر-بىرىدىن نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟
|
1
|
بۈيۈك خەۋەر توغرۇلۇق.
|
2
|
ئۇ شۇنداق خەۋەركى، ئۇلار ئۇنىڭ ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشماقتىدۇر.
|
3
|
ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ.
|
4
|
ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ.
|
5
|
بىز زېمىننى تۆشەك قىلمىدۇقمۇ؟
|
6
|
تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
|
7
|
سىلەرنى جۈپ ياراتتۇق.
|
8
|
ئۇيقۇڭلارنى راھەت قىلدۇق.
|
9
|
كېچىنى پەردە قىلدۇق.
|
10
|
كۈندۈزنى مەئىشەت ۋاقتى[2] قىلدۇق.
|
11
|
ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسمان بىنا قىلدۇق.
|
12
|
ئىسسىقلىق ۋە نۇر تارقىتىپ تۇرىدىغان چىراق ياراتتۇق.
|
13
|
سىققۇچىلاردىن[3] شارقىراپ ياغىدىغان سۇ چۈشۈردۇق[4].
|
14
|
بۇلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئاشلىق ۋە ئوت-چۆپلەر چىقىرايلى،
|
15
|
دەرەخلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن باغلار يېتىشتۈرەيلى دەپ قىلدۇق.
|
16
|
شۈبھىسىزكى، ياخشى-ياماننى ئايرىش كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتۇر.
|
17
|
ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ. سىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىسىلەر،
|
18
|
ئاسمان ئېچىلىپ ئىشىكلەر ھالىتىگە كېلىدۇ،
|
19
|
تاغلار يۈرۈتۈلۈپ سەراپ[5] بولىدۇ.
|
20
|
شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كۆزەتكۈچى بولىدۇ،
|
21
|
ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى بولىدۇ.
|
22
|
ئۇلار ئۇ يەردە ئەبەدىي قالىدۇ.
|
23
|
ئۇلار ئۇ يەردە بىرەر سۆرۈنلۈكمۇ، بىرەر ئىچىملىكمۇ تېتىمايدۇ.
|
24
|
ئۇلار پەقەت قايناقسۇ ۋە يىرىڭ تېتىيدۇ.
|
25
|
مۇۋاپىق جازا!
|
26
|
چۈنكى ئۇلار ھېساب بېرىشنى ئويلىمايتتى،
|
27
|
ئايەتلىرىمىزنى يالغان دەيتتى.
|
28
|
بىز ھەر نەرسىنى بىر-بىرلەپ يېزىپ قويغان.
|
29
|
شۇڭا تېتىڭلار! سىلەرگە ئازابتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايمىز.
|
30
|
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلارغا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇكاپاتى بار:
|
31
|
باغلار، ئۈزۈملەر،
|
32
|
بويىغا يەتكەن تەڭتۇش قىزلار
|
33
|
ۋە ئىچىملىك بىلەن تولدۇرۇلغان قەدەھلەر.
|
34
|
ئۇلار جەننەتتە ھېچقانداق بىھۇدە سۆز ۋە يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ.
|
35
|
بۇلار رەببىڭنىڭ مۇكاپاتى ۋە يېتەرلىك ئىنئامىدۇر.
|
36
|
ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ رەببىدۇر، رەھماندۇر[6]، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچكىم سۆز ئاچالمايدۇ.
|
37
|
رۇھ ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ ئۆرە تۇرىدىغان كۈنى ھېچكىم گەپ قىلالمايدۇ. رەھمان رۇخسەت قىلغان ۋە توغرا سۆزلىگەن كىشى مۇستەسنا.
|
38
|
ئەنە شۇ ھەق كۈندۇر. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.
|
39
|
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ كۈندە كىشى بۇرۇن ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ، كافىر: «كاشكى، تۇپراق بولسامچۇ!» دەيدۇ.
|
40
|